قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر نەچچە خىل ماتىرىيالدا ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى پاكىزە يۇيۇشتىكى بەزىبىر ئامال- چارىلەر

2018-10-08 17:56:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ساپال چىنە- تەخسىلەردىكى ماي قالدۇقىنى ئۇن ئارقىلىق يۇيۇش.
ئۆيىڭىزدە ساقلاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئۇن بولسا تاشلىۋەتمەڭ. چۈنكى، ئۇندىن پايدىلىنىپ ساپال قاچا- قۇچىلارنى يۇيساق ئەڭ ياخشى، ئۇن قاچا- قۇچىلاردىكى قالدۇق مايلارنى ئۆزىگە سۈمۈرۋىلىپ، قاچىلىرىڭىزنى پاكىزە قىلىۋىتىدۇ.
داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى ئاناناس پوستى بىلەن يۇيۇش.
داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرى ئاسان قارىداپ قېلىپ، ئادەتتە يۇيۇپ چىقىرۋەتمىكىمىز تەسكە توختايدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز چوڭراق بىر قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئاناناس پوستىدىن مۇۋاپىق مىقداردا تاشلىغاندىن كىيىن، ئۆيىڭىزدىكى باشقا قارىداپ قالغان داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى قازاندىكى سۇغا سېلىپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىسىز. ئاخىرىدا، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، سۇ سۇۋۇغاندىن كىيىن ئاشخانا سايمانلىرىنى سۈزۈپ ئالسىڭىز، قارىلارنىڭ يوقاپ يىڭى ھالەتكە كىلىپ قالغىنىنى بايقايسىز.
ئاليومىندىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى پىياز بىلەن تازىلاش.
ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاليومىن قازاننى كۆيدۈرۈپ قويسىڭىز، قازانغا پىيازدىن ئازراق تاشلاپ سۇ قۇيۇپ قايناتسىڭىز، ئۇزۇن ئۆتمەي بارلىق كۆيۈك ماددىلىرىنىڭ لەيلەپ چىققىنىنى كۆرىسىز.
تۈمۈردىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى يىرىك تۇز بىلەن تازىلاش.
تۆمۈردىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرى تۆمۈر قازان، كۆكتات توغرايدىغان پىچاق قاتارلىقلار بولۇپ، ئاساسلىقى داتلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دات چىقىرش كىرەك بولىدۇ. ھەر قېتىم تاماق تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن، قازاننى يۇيىۋىتىپ، قۇرۇق لاتىدا سۈرتىۋەتسەك ئادەتتە داتلىشىپ قالمايدۇ. ئەگەر قورۇما قورۇۋاتقاندا يىمەكلىكلەر كۆيۈپ قازانغا چاپلىشىۋالسا، يىرىك تۇزنى قازاندا ئازراق قورىۋەتكەندىن كىيىن قازاننى يۇيىۋەتسەك، چاپلاشقان كۆيۈكلەرنى پاكىزە چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.
تۈمۈر قازان ۋە كۆكتات توغرايدىغان پىچاقلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن، زەنجىۋىل پارچىسى بىلەن سۈرتۈۋەتسەك ياكى بىر قاتار ماي سۈرىۋەتسەك، داتلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. تۆمۈردىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرى داتلىشىپ قالغان بولسا، بەرەڭگە پوستىدا سۈرتسەك، داتلارنى چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.
پىلاستىردا ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى ئىچىپ تۆكىۋەتمەكچى بولغان چاي قالدۇقى بىلەن تازىلاش. ئىچىپ ئېشىپ قالغان چاي قالدۇقىنى داكا بىلەن ئوراپ يىمەكلىككە ئىشىلىتىدىغان مايغا چىلاپ ئالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بىلەن پىلاستىر ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ ئىچى-تېشىنى بىر رەت سۈرتىمىز؛ ئۇندىن كىيىن ئازراق يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا يۇۋەتسەك بولىدۇ.
تاختىنى ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن تازىلاش.
تاختىدا گۆش ۋە بىلىق توغرىغاندىن كىيىن، تاختىدا بىر خىل پۇراق پەيدا بولىۋالىدۇ؛ ئاق ئاچچىقسۇنىڭ باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش، دىزىنفىكسىيەلەش ۋە پۇراق يوقىتىش رولى بار بۇلۇپ، ئاق ئاچچىقسۇنى بىۋاستە تاختا يۈزىگە پۈركۈپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا تەبىئى ھالدا قۇرۇتقاندىن كىيىن سۇدا يۇۋەتسەك تاختىدىكى غەلىتە پۇراقلار يوقايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى