قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خاتىرە كومپيۇتېرنى توغرا ئىشلەتمىگەندە

2018-10-10 16:54:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 تېرىنى زەخمىلەندۈرىدۇ:
يېقىندا بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خاتىرە كومپيۇتېرنى داۋاملىق تىزغا قويۇپ ئىشلەتكەندە، قاقلاشتىن بولغان ئۇنىۋېرسال كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تېرىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي يەنە داغ پەيدا قىلىدىكەن، شۇنداقلا بۇ خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك داۋاملاشقان ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان تېرە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، خاتىرە كومپيۇتېرنى تىزغا قويۇپ ئىشلەتكەن ۋاقتى ئالتە سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، تېرىگە بولغان تەسىرى كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا قاقلانغانغا ئوخشاش بولىدىكەن.
ئىممۇنېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ:
ئۈستەل كومپيۇتېرغا قارىغاندا، خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ رادىياتسىيەسى بىر قەدەر ئاجىز بولسىمۇ، ئۇزاق ئۇچراشسا  بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدىكەن. ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرىدۇ.  يۈرەك رېتىمى ۋە قان بېسىمىنى بىنورماللاشتۇرۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرىدۇ. تېرىنى يىرىكلەشتۈرىدۇ. ئالىملارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، كومپيۇتېر رادىياتسىيەسى ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بىر خىل يوشۇرۇن زىيانلاندۇرغۇچى بولغاچقا، ئىشلەتكەندە ئارىلىق مۇۋاپىق بولۇش، كارىۋاتتا خاتىرە كومپيۇتېر ئىشلەتمەسلىك، ھەر 2- 3 سائەتتە بىر قېتىم ئارام ئېلىش، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن قول ۋە يۈزلىرىنى يۇيۇش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش ياكى كومپيۇتېرنى ياتاق ئۆيگە قويماسلىق لازىم ئىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى