قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى ساي تېز سۈرئەتلىك يولى تۇرۇبا لىنىيىسىنى يەر ئاستىغا كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىدا 11 ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ كۆۋرۈك رايونى، قوشۇمچە يول ۋە بىر قىسىم ئاساسلىق يوللاردا قورشاپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ

2018-10-10 18:35:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. ئۈرۈمچى شەھىرى ساي تېز سۈرئەتلىك يولى تۇرۇبا لىنىيىسىنى يەر ئاستىغا كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىدا 11 ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ كۆۋرۈك رايونى، قوشۇمچە يول ۋە بىر قىسىم ئاساسلىق يوللاردا قورشاپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، «1ـ ئۆكتەبىر» دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە قاتناشقا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان 4 كۆۋرۈك رايونى دائىرىسىدىكى تۇرۇبا لېنىيەسىنى يەر ئاستىغا كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىش خىزمەت لايىھەسى بويىچە نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، «1ـ ئۆكتەبىر» دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، 10 ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە جەمىي 30 جايدىكى باغلىما يول ۋە ئايلانما كۆۋرۈك تاقالدى، مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە، 23 باغلىما يول ۋە ئايلانما كۆۋرۈكنىڭ قاتناش ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئۇنىڭ يەتتە يېرىدىكى باغلىما يول ۋە ئايلانما كۆۋرۈكتە قۇرۇلۇش سۈرئىتى ۋە قۇرۇلۇش مۇھىتى ئامىلىنىڭ تەسىرىدە قۇرۇلۇش ۋاقتى ئۇزارتىلدى.
(1) جۇجياڭ يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ غەربتىن جەنۇبقا يۈرىدىغان باغلىما يولىدا، شىمالدىن شەرققە يۈرىدىغان ئايلانما كۆۋرۈكتە ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئاپتوموبىل قاتنىشىنى باشلىغىلى بولمايدۇ، قاتناش سەپەر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، جۇجياڭ يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ غەربتىن جەنۇبقا يۈرىدىغان باغلىما يول ۋە شىمالدىن شەرققە يۈرىدىغان ئايلانما كۆۋرۈك يۆنىلىشىدە قاتناش ئېقىمى بىر قەدەر كىچىك، ئۇزارتىلغان قۇرۇلۇشنىڭ قاتناشقا بولغان تەسىرى بىر قەدەر ئاز بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ جۇجياڭ يولى، يېڭىئاۋات يولى قاتارلىق يوللاردىن ئايلىنىپ مېڭىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
(2) خەلقارا سودا ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبتىن شەرققە يۈرىدىغان باغلىما يولىدا، شەرقتىن شىمالغا يۈرىدىغان ئايلانما يولىدا ئەسلى پىلان بويىچە ئاپتوموبىل قاتناشقا بولمايدۇ، بۇ تيانشان رايونىدىكى خەلقارا سودا ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ ساي يولى تېز سۈرئەتلىك تاشيولىغا چۈشۈپ ماڭىدىغان ئاپتوموبىللارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا شەھەرئاھالىلىرىنىڭ شىنخۇا يولى، گۇاڭخۇي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى قاتارلىق يوللارنى ئايلىنىپ مېڭىشىنى تەۋىسىيە قىلىمىز.
(3) خەلق يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ غەربتىن شىمالغا يۈرىدىغان ئايلانما كۆۋرۈكى ۋە جەنۇبتىن غەربكە يۈرىدىغان ئايلانما كۆۋرۈكىدە ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئاپتوموبىل قاتناشقا بولمايدۇ. بۇ سايباغ رايونى «خېيلۇڭجياڭ» يولىدىكى خەلق يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ شەھەر رايونىغا كىرىپ چىقىدىغان ئاپتوموبىللارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شەھەر رايونىدىكى يوللارنى ئايلىنىپ مېڭىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
(4) شىنجاڭ تېببىي داشۈسى يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ غەربتىن شىمالغا يۈرىدىغان ئايلانما كۆۋرۈكى ۋە جەنۇبتىن غەربكە يۈرىدىغان ئايلانما كۆۋرۈكىدە ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئاپتوموبىل قاتناشقا بولمايدۇ. قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ۋاقىتلىق قاتناش كاپالەت تەدبىرى قوللىنىدۇ، بىرىنچىدىن، شىنجاڭ تىببىي داشۈسى يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇپدىن شىمالغا يۈرىدىغان ئاساسلىق يولدا ۋاقىتلىق كىرىش ئېغىزى تەسىس قىلىنىپ، قاراماي يولى جەنۇبىي ئاسما كۆۋرۈكنىڭ جەنۇبىدىن شىمالغا يۈرىدىغان باغلىما يولدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ساي تېز يولىغا كىرىپ مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، شىنجاڭ تېببىي داشۈسى يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبقا يۈرىدىغان غول يولىدا ۋاقىتلىق چىقىش ئېغىزى تەسىس قىلىنىپ، ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ جەنۇبىدىن غەربكە يۈرىدىغان ئايلانما كۆۋرۈكتە ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، تېببىي داۋالاش يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ غەربتىن شىمالغا يۈرىدىغان ئايلانما كۆۋرۈكىدە قاتناش مەنئى قىلىنىدۇ، ئاپتوموبىللار كوئىنلۇن شەرقىي كوچىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈشى كېرەك.
2)ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئېلېكتر ئېنېرگىيە تۇرۇبا لىنىيەسىنى يەرگە كۆمۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تەسىرىدە،10-ئاينىڭ 8-كۈنىقاتناش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنىدىن بۈگۈنگىچە، ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ قايتىشتىكى يۇقىرى دولقۇنى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ساي يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قوشۇمچە يول قۇرۇلۇشى يەنىلا داۋاملاشماقتا. قاتناش ساقچىلىرى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىغا بىرىنچىدىن، بالدۇرراق يولغا چىقىشنى، ئىككىنچىدىن، ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ھەر ۋاقىت دېققەت قىلىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇلنى تاللاپ، يولدا توسۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
3)ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ زەنجىرسىمان ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش سۇپىسى ۋە ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش كارخانىلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا رايون ئىچى ساياھەتچىلىكى قىزىپ كەتكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە «شېنجۇ» ئاپتوموبىل ئىجارىكەشلىكى، «يىخەي»ئاپتوموبىل ئىجارىكەشلىكى، «يۇۋداۋ» ئاپتوموبىل ئىجارىكەشلىكى، «ۋۇكۇڭ» ئاپتوموبىل ئىجارىكەشلىكى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان  ئاپتوموبىل ئىجارىكەشلىكى سۇپىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش باھاسى ئۆرلەپ، ئادەتتە 150 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە بولغان كۈندىلىك ئىجارە ھەققىدىن 2 ، 3 ھەسسە ئۆرلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى ئاپتوموبىللار 4 كۈن بۇرۇنلا ئىجارىگە ئېلىنىپ بولۇنغان، مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنىدىن كېيىن تۈرلۈك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىجارە ھەققى تۆۋەنلەشكە باشلىغان.
4)مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى يەنى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك باغ- ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كۈز پەسىللىك كۆكەرتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەركىزىي شەھەر ماس قەدەمدە شەھەر يولى مەنزىرىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوخشىمىغان چاتقاللارنىڭ رەڭ ئۆزگىرىشىدىن پايدىلىنىپ بىرىكمە مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېسىل يېشىللىق يول مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىدىكەن. مۇخبىر بېيجىڭ يولىدا «يەرشارى» مېھمانسارىيى ئالدىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىدا، يېڭىدىن تىكىلگەن چوڭ يوپۇرماقلىق ئەرمىدۇن، قىزىل يۇپۇرماقلىق تاشئالما قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ ئۈچ پۇتلۇق جازا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئەسلىدىكى بوش يەرلەرنىڭ كۆچەت بىلەن لىق توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. بېيجىڭ يولىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، جەنۇبىي ئازادلىق يولىدىكى يېشىللىق مەنزىرىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا، باغ ـ ئورمان ئورمانچىلىق تارماقلىرى «كۆچمە ئورمان» قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەنزىرە بوشلۇقىنى تولۇقلاپ، يول مەنزىرىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئۈزلۈكسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، يوللاردا ئېسىل يېشىللىق مەنزىرىسى بەرپا قىلىش-- ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يول بويىدىكى مەنزىرە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېشىل لىنىيەسىنى كېڭەيتىپ، جايلىشىشى مۇۋاپىق، تۈرى كۆپ خىل، مەنزىرىسى گۈزەل بولغان مەنزىرە يوللىرىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى