قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەڭ يېڭى بىر ئهەۋلاد ئاۋدى A1 ئاپتوموبىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى

2018-10-08 19:04:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

2018-يىللىق پارىژ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئەڭ يېڭى ئاۋدى A1نى ئېلان قىلىندى، بۇ ئاپتوموبىلغا T1.5 لىق ۋهە T 2.0 لىق ئىككى خىل ماتور ئىشلىتىلگەن. ئىگىلىنىشچە، ئەڭ يېڭى ئاۋدى A1نىڭ باھاسى (تەخمىنەن 170 مىڭ يۈەن ئىكەن).
سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە بۇ ئاپتوموبىلغا يېڭى لايىھە ئىشلىتىلگەن، ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ئەسلىدىكى يۇمىلاق ھالەتتىن رومبىسىمان قىرلىق ھالەتكە ئۆزگەرتىلگەن، تېخىمۇ مودا كۆرۈنىدۇ. يۇقىرى سەپلىمىلىك تىپىغا LED چوڭ چىراغ ئىشلىتىلگەن.
بۇ ئاپتوموبىلنىڭ گەۋدىسىگە قوش رەڭلىك لايىھە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بازارغا سېلىنىپ بولغان ئاۋدى Q2گەه ئوخشاپ كېتىدۇ، C تۈۋرۈكىگىمۇ يېڭى لايىھە ئىشلىتىلگەن. قۇيرۇق قىسمىمۇ يېڭى بولۇپ ياندۇرغاندىكى كېيىنكى كۆرۈنۈشى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ.
ئىچىنىڭ بېزىلىشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغىنى توغرا سىزىقلىق ھاۋا تەڭشىگۈچ شامال ئېغىزى، قوشۇمچە شوپۇر ئورۇندۇقىنىڭ ئالدىدىكى ئۆتۈشۈش تىپىدىكى لايىھە كۆرۈنۈش ئۈنۈمىنى ئۇزارتىپ كۆرسەتكەن، تىپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئورۇندۇق ماتېرىيالى، ھاۋا تەڭشىگۈچ شامال ئېغىزى ۋە خوت دەستىسى ئەتراپىدىكى بېزەكلەر بەلگىلىك پەرقلىنىدۇ. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ پەن-تېخنىكىلىق سەپلىمىسىمۇ زور دەرىجىدە ئەلالاشتۇرۇلغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى