قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلارنى ئايرۇپىلانغا ئېلىپ چىقىشتا ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك ؟

2018-10-08 18:53:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش يېشى. بالىلارنى ئېلىپ ئايرۇپىلانغان چىقماقچى بولغاندا، ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن بوۋاقلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش بەلگىلىمىسىنى بىلىشى كېرەك. ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىدە، تۇغۇلغىنىغا 14 كۈندىن ئاشقان، سالامەتلىكى ياخشى بوۋاقلار ئايروپىلانغا ئولتۇرسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 6-4 ھەپتە بولغاندىن كېيىن ئايروپىلانغا ئولتۇرسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، بوۋاقلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشتىن ئىلگىرى سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ئىكەن.
قۇلاق قىسمى بىئارام بولۇش. ئۇچۇش جەريانىدا بوۋاقلارنىڭ قۇلاق پەردىسىنى ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بوۋاقلارنىڭ قۇلاق پەردىسى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا نېپىز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇتقۇنچاق-ناغرا قانىلىنىڭ يېتىلىشىمۇ مۇكەممەل بولمىغاچقا، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بېسىمىمۇ كىچىك بولىدۇ. شۇڭا ئايروپىلاندا بوۋاقلارنىڭ قۇلاق قىسمىنىڭ بىئارام بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا سوسكا ئەمدۈرۈپ قويۇش ياكى سۈت بوتۇلكىسىدا قايناقسۇ بېرىش كېرەك. يېشى چوڭراق بالىلارغا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى بەرسە بولىدۇ.بالا ئايروپىلاندا يىغلاپ جىدەل قىلسا. بالا ئۇزۇن ۋاقىت ئايروپىلاندا ئولتۇرغاندا زېرىكىش ھېس قىلىدۇ ياكى بەدىنى بىئارام بولۇپ يىغلاپ جېدەل قىلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئالدىنئالا بالىلىرى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى تەييارلىۋېلىشى كېرەك. ساياھەت جەريانىدا يەيدىغان يېمەكلىكلەر. سۈت پاراشوكى ۋە باشقا بالىلار يېمەكلىكلىرى، كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇقلار، رەخت كىتاب دېگەندەك. ئاتا- ئانىلار ئويۇنچۇقلارنى بىراقلا بېرىۋېتىشتىن ساقلىنىشى، بىر خىلىنى ئويناپ زېرىككەندە يەنە بىر خىل ئويۇنچۇقنى بېرىشى كېرەك. گەپ قىلالايدىغان بالىلارغا ھېكايە ئېيتىپ بەرسىمۇ، ناخشا ئاڭلاتسىمۇ بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى