قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇنداق تۆت خىل قىلمىشمۇ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنگە ھېساب بولىدۇ

2018-10-08 19:13:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەر يىلى يۈز بېرىۋاتقان قاتناش ۋەقەلىرى ئىچىدە تەخمىنەن %50تىن %60كىچە قاتناش ۋەقەسى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش ۋەقەلىرى ئازايماستىن ئەكسىچە كۆپىيىۋاتىدۇ، بارغانسېرى كۆپ يۈز بېرىۋاتقان ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ھادىسىلىرىگە قارىتا قاتناش ساقچىلىرى تارماقلىرىمۇ نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرىۋاتىدۇ، بۇ يىل ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىغا قارىتا يەنە بىر نەچچە خىل يېڭى بەلگىلىمە قوشۇلدى.
سىز پەقەت ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ يولغا چىقسىلا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىغا ھېساب دەپ ئويلامسىز؟ ئۇنداقتا خاتالىشىپسىز! تۆۋەندىكى تۆت خىل قىلمىشتا ئاپتوموبىلنى ھەيدىمىسىڭىزمۇ يەنىلا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دەپ بېكىتىلىدۇ.
ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىلنى ئورنىدىن يۆتكەپ قويۇشمۇ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بەزى شوپۇرلار ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىلىنى توختىتىپ قويغان ئورنىدىن ئازراق يۆتكەپ قويغاندا پەقەت چوڭ ھادىسەه كېلىپ چىقمىسىلا بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق دەپ قارايدۇ، بىراق ئۇلار بۇنىڭمۇ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىغا تەۋە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان بولۇپ، تۇتۇلۇپ قالسىلا مۇناسىپ جازاغا ئۇچرايدۇ. «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھاراق ئىچكەندىن كېيىن پەقەت ئاپتوموبىلنى ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكەپ سالسىلا بۇ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى دەپ بېكىتىلىدۇ.
ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىلنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەي ئىچىدە يېتىپ ئارام ئېلىشمۇ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شوپۇر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىسە ۋە قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە بۇنى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ، ئاپتوموبىل ھەيدەلمىگەن، بىراق ئوت ئالدۇرۇلغان ھالەتتە بولسىمۇ يەنىلا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىسپىرت پۈتۈنلەي تارقاپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئاپتوموبىل ھەيدەشكە بولمايدۇ.
كۆپ قىسىم شوپۇرلار بۈگۈن ئاخشىمى ھاراق ئىچىپ، ئهەتىسى ئەتىگەندىلا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يولغا چىقىدۇ، ئۇلار ئەتىسى ھاراقنىڭ كەيپى ئاللىبۇرۇن تارقاپ كەتكەچكە، تەبىئىيلا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش بولۇپ ھېسابلانمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئهمەلىيەتتە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنى بېكىتىشتە قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، ناۋادا قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنى بېكىتىشتىكى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسىلا بۇ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشكە تەۋە بولىدىغان بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ ھاراقنى ئىچكەن ۋاقىتقا ئاساسەن بېكىتىلمەيدۇ، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئهەڭ ياخشىسى 24 سائەتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ ئاندىن ئاپتوموبىل ھەيدەش كېرەك، چۈنكى ئىسپىرتنىڭ بەدەندىن تارقىلىشى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، بۈگۈنى كەچتەه ھاراق ئىچىپ ئەتىسى ئهەتىگەندىلا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندەه بەلكىم ئىسپىرت بەدەندىن پۈتۈنلەي تارقاپ كەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
ھاراق ئىچكەن شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرسىمۇ ئوخشاشلا جازالىنىدۇ.
ناۋادا ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەن شوپۇرمۇ ۋە ئاپتوموبىلدىكى يولۇچىمۇ ھاراق ئىچكەن بولسا قاتناش ساقچىلىرى تۇتۇۋالسىلا ھهەر ئىككەيلەنگە جازا بېرىدۇ.
ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشكە ھۆكۈم قىلىپ بېكىتىش ئۆلچىمى ۋە بېرىلىدىغان جازا
ناۋادا شوپۇرنىڭ ھەر 100 مىللىلېتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 20 مىللىگىرامدىن 80 مىللىگىرام بولسا بۇ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشكە تەۋە بولىدۇ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرگە 1000 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، پىراۋىسىدىن 12 نومۇر تارتىلىدۇ ۋە پىراۋىسى ئالتە ئاي ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىنىدۇ، ناۋادا شوپۇرنىڭ ھەيدىگىنى تىرانسىپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى بولسا 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، پىراۋىسىدىن 12 نومۇر تارتىلىدۇ، 15 كۈنلۈكتىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ۋە بەش يىل ئىچىدە قايتا پىراۋا ئېلىشىغا بولمايدۇ.ناۋادا شوپۇرنىڭ ھەر 100 مىلللېتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 80 مىللىگىرامدىن يۇقىرى بولسا بۇ مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىغا تەۋە بولىدۇ، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرنىڭ پىراۋىسى بىكار قىلىنىدۇ ۋە بەش يىل ئىچىدە قايتىدىن پىراۋا ئېلىشىغا بولمايدۇ، ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ۋە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ناۋادا مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن شوپۇرنىڭ ھەيدىگىنى تىرانسىپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى بولسا پىراۋىسى بىكار قىلىنىدۇ، قانۇن بويىچەه جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، 10 يىل ئىچىدە قايتىدىن پىراۋا ئېلىشىغا بولمايدۇ، قايتىدىن پىراۋا ئالغاندىن كېيىنمۇ تىرانسىپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھهەيدىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى