قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ياسىمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېڭى ئېنىرگىيە كەسپىنى مۇھىم ساھە قىلىپ، يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى

2018-10-09 10:34:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باش شۇجى شى جىنپىڭ: «يېشىل تەرەققىيات--يۇقىرى سۈپەتلىك زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادىي سىستېما بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى» دەپ كۆرسەتتى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز جابدۇق ياسىمىچىلىقى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى مۇھىم ساھە قىلىپ، يېشىل ياسىمىچىلىق تېخنىكىسىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە.   9-ئاينىڭ30- كۈنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بۇ يىل يېڭىدىن كىرگۈزگەن نۇقتىلىق تۈرلەردە مەركەزلىك قۇرۇلۇش باشلىنىپ، تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسى 27 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولغان شېنجېن جېڭۋېي خەلقئارا گۇروھى مەبلەغ سالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تۈرىنىڭ1- باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا، يىلىغا 10 مىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، 20 مىڭ ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە بىرىكمە باتارېيە قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. گۇروھنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ ۋېنيىن مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار بۇلغىما پەيدا قىلمايدىغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن مۇھىت تەلىپىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇندايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كەلگۈسىدە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناشتا، شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ-- شىنجاڭنىڭ ھەتتا غەربىي شىمالدىكى رايونلارنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پەن- تېخنىكىنى ئالدىنقى قاتارغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، شاڭخەي ھەممىباپ ئاپتوموبىل گۇروھى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى گۇروھى، جۇڭگو ئاپتوموبىل گۇروھى، گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل گۇروھى قاتارلىق 50 نەچچە داڭلىق كارخانىنى جەلپ قىلدى. ئومۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسى 160 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، يېشىل ياسىمىچىلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق باغچا رايونى بەرپا قىلىش قەدىمى تېزلىتىلدى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ياۋيىڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، مۇھىت ئاسراشتا بىر بىلەت بىلەن ئىنكار قىلىشنى يولغا قويغانىدۇق. شۇ سەۋەپتىن، سودىگەر چاقىرىشتا، باشقا ئۆلكە-شەھەرلەر شاللىۋەتكەن تۈرلەرنى ئەمەس بەلكى، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئىلغار تۈرلەرنى تاللىدۇق. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتە ئالدى بىلەن ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى، يەنە يۇقىرى- يېڭى تېخنىكا ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» غا يۈزلەنگەن ئېكسپورت تۈرلىرىنى تاللىدۇق.
كورلا شەھىرىدە، شىنجاڭ «جۇڭتەي» گۇروھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شۇ جاينىڭ مول نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر بايلىقىغا تايىنىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان خىمىيىۋى تالا خام ئەشياسى-- PTA تۈرىنى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ، نېفىت- خىمىيە كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىدە مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. شىركەت پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇڭشىن مۇنداق دېدى: ئېنىرگىيە سەرپىياتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، سانلىق مەلۇماتلاشتۇرۇش، بىرلەمچى مەھسۇلاتلارنى ئىككىلەمچى كەسپنىڭ خام ئەشياسى قىلىش ئەمەلگە ئاشتى. بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسى ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، بەش مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سانائەت كارخانىلىرى يېشىل ياسىمىچىلىق، ئايلانما ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئېنېرگىيە تېجەپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىشنىڭ يېڭى تېخنىكىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ھۈنەر- سەنئەت ئارقىلىق ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىشىغا كەتكەن توك سەرپىياتى ئەسلىدىكىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىغا توغرا كەلدى. شىركەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت نازارەتچىسى لى جۈن مۇنداق دېدى: بىز ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلدۇق. ئەسلىدە بىر توننا ئاليۇمىننىڭ توك سەرپىياتى 13 مىڭ 500 ۋاتقا يېتەتتى. ھازىر ئوخشاش مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت دەرىجىسىگە يېتىش شەرتى ئاستىدا، 1 مىڭ 500 ۋات توك سەرپ قىلىپ، زور دەرىجىدە ئېنېرگىيە تېجەشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىز بۇ كەسپتە، ھەر بىر ئىش تەرتىپىدە پەيدا بولغان گېئومېتىرىيەلىك كېرەكسىز ماتېرىياللاردىن %100 تەكرار پايدىلىنىپ، شىركەت ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تېجەپ قالدۇق.
ئىگىلىنىشىچە، پىلان بويىچە، 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون يېشىل باغچا رايونىدىن 5نى، يېشىل ئۈلگە كۆرسىتىش زاۋۇتىدىن 50نى قۇرۇپ، كۆپ خىل يېشىل مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىكەن. يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىدىن بەشنى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم ئۆزگىچە كەسىپلەشكەن يېشىل ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى يېتىلدۈرىدىكەن. يېشىل ياساشنى بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى