قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاۋ تاۋ كىيىم- كېچەك ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ھىكايىسىنى بايان قىلدى

2018-10-09 12:55:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق كىيىم- كېچەك جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تاۋ تاۋ كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆڭۈل قويۇپ كىيىم- كېچەك لايىھەلىدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كىيىم- كېچەككە سىڭدۈرۈپ، كىيىم- كېچەك ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ھىكايىسىنى بايان قىلدى.
تاۋ تاۋ 1997- يىلى بېيجىڭ كىيىم- كېچەك شۆيۈەنىنى پۈتتۈرۈپ يۇرتى كورلا شەھىرىگە قايتىپ كەلدى ۋە ئۆزى مەبلەغ توپلاپ كىيىم لايىھىلەش كۇرسى ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا، نۇرغۇن كىشى كىيىم لايىھىلەش خىزمىتىنى جاپالىق، كىرىمىمۇ تۈۋەن دەپ ئويلاپ، ئۆگىنىشكە كېلىشنى خالىمىدى. مەن تاختايدىن بىرنى كۆتۈرۈپ، كوچىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغىلى چىقتىم. شەھەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغىلى بولمىسا يېزىغا باردىم. پەقەت كىيىم- كېچەك لايىھىلەشكە قىزىقىدىغانلار بار بولسىلا، ئۇلارغا ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتىم بار ئىدى.
تەربىيەلەش كۇرسى كۆپ ھاللاردا كىرىم چىقىمنى قامدىيالمايدىغان بولغاچقا، تاۋ تاۋ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن قەرز ئېلىپ يۈردى. تاۋ تاۋنىڭ كىيىم لايىھىلەشكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇنىڭ ئىشلىرىدا ئاخىرى ياخشىلىنىش بولدى. 2000- يىلى 4- ئايدا، تىيانشان كىنو سىتۇدىيەسى تاۋ تاۋ لايىھەلىگەن كىيىم ـ كېچەكلەرنى كۆرۈپ، يېڭىچە ھەم مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن دەپ قاراپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئامىلىنى ئاساسىي تېما قىلغان كىنو ئۈچۈن 80 يۈرۈش كىيىم تەييارلاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. تاۋ تاۋ بىلەن كۇرسانتلار بۇ كىيىملەرنى تىكىش ئۈچۈن ئۈچ كېچە- كۈندۈز ئۇخلىمىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، تاۋ تاۋ شىنجاڭ «كىرورەن» كىيىم تىكىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ، كىيىم- كېچەك ئىشلەپچىقىرىش زاكازلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كىيىم- كېچەك لايىھىلەش بويىچە تەربىيەلەشنى كىيىم- كېچەك لايىھىلەش ۋە ئىشلەپچىقىرشقا ئۆزگەرتتى. 2013- يىلى 9- ئايدىكى ئاسىيا- ياۋرۇپا كىيىم- كېچەك ھەپتىلىكىدە، تاۋ تاۋ ئۆزىنىڭ «كىرورەنگە مۇھەببەت» ناملىق بىر يۈرۈش ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەسەردە «قۇملۇقتىكى تۆگە قوڭغۇرىقى»، «توغراق» قاتارلىق شىنجاڭ ئامىللىرى قوشۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى. 2016- يىلى3- ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلقئارا مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە، تاۋ تاۋ يەنە ئۆز ئەسىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، بىردەك ياخشى باھاغا ئېرىشتى ھەمدە «تىيانشان ئەتلەس لايىھىلەش مۇسابىقىسى» دا1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. تاۋ تاۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئامىلىنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن، ھەقىقەتەن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇنىڭدا ئەنئەنىۋى ئېلېمېنت بىلەن مودا ئېقىمنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرىپ قىلىش كېرەك.
2016- يىلى تاۋ تاۋ «جۇڭگودىكى ئون مۇنەۋۋەر مودا كىيىم لايىھەلىگۈچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. بۇ يىل 4- ئايدا، ئۇ يەنە شىنجاڭدىكى ھۈنەر- سەنئەت ئۇستىسى بولۇپ باھالاندى. تاۋ تاۋ مۇنداق دېدى:مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم-- شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئامىلىنى مودا كىيىم لايىھەسى ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش؛ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنى تۇنۇتۇش. مانا بۇ-- مېنىڭ ئەڭ زور بەختىم.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى