قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چۈشىدە دۇڭگۇەن كۆۋرۈكىگە قايتىش

2018-10-09 15:36:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇ گۇجۇڭ

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى يۇڭچۈن قەدىمدە «شاپتۇلزارلىق» دەپ ئاتالغان، ئەزەلدىن «رەڭگارەڭ گۈللەر توزۇپ كەتمەيدۇ، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن، تۆت پەسىلدە باھارنى كۆرىسىز» دەيدىغان گۈزەل نامى بار، مەيلى قايسى پەسىلدە بولسۇن، كىشىلەر بۇ يەرگە كەلگەندە، كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان شېئىرلارنى تاپالايدۇ.
نەچچە يىل ئىلگىرى، مەن يوڭچۈندىكى قەدىمدىن مەشھۇر بولغان دوڭگۈئەن كۆۋرۈكىگە بارغان ئىدىم. مەن بارغان ۋاقىت ياز پەسىلى بولغاچقا، شۇ جايدىكى دوستلىرىم كۆۋرۈككە ئۈستەل راسلاپ، بۇلاق سۈيى بىلەن دەملەنگەن چاي ئىچىشتۇق. ئۇلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دوڭگۈئەن كۆۋرۈكى يەنە تۇڭشيەن كۆۋرۈكى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى شاۋشىڭنىڭ 14- يىلى يەنى مىلادى 1144ـ يىلى سىلىنغان، ھازىرغىچە 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، فۇجيەندە ئاز ئۇچرايدىغان كارىدور شەكىللىك كۆۋرۈك ئىكەن. بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مېنىڭ بۇ كۆۋرۈككە بولغان ھۆرمىتىم ئېشىپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن مېڭىپ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، سۇڭ كەيباۋدىن كېيىن، يۇڭچۈن چۇەنجۇ بىلەن بىر- بىرىگە يول ئېچىپ، دوڭگۈەن كۆۋرۈكى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ماڭغان ئەمەلدارلار، سودىگەرلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئادەتتىكى ئاممىنىڭ چوقۇم ئۆتىدىغان جايىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدىم. دۇڭگۈەن كۆۋرۈكى ئاستىدا سۇ يۈزى كەڭ بولۇپ، كىمىلەرنىڭ توختىشىغا قولايلىق ئىدى. داۋگۇئاڭ يىللىرىدا كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدە يەنە نۇرغۇن ساراي، دۇكان، قاۋاقخانىلار بولغان، ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، قايناق بازار ئىكەن. ئاڭلاۋېرىپ، مەن ئىختىيارسىز ھالدا: «ھازىر يەنە كېمە توختىتىش ئورنىنى تاپقىلى بولامدۇ؟» دەپ سورىدىم. دوستۇم: «ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كۆۋرۈكنىڭ ئەتراپىدا ئىككى- ئۈچ جايدا زور ئۆزگىرىشلەر بولغان، ھازىر كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان، ئەمما، بۇرۇنقى  كېمىچىلەرنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، مىنگو دەۋرىدە كېمىلەر كۆۋرۈك يېنىدا خاتىرجەم تۇرغان، كېمىچىلەر پەس ئاۋازدا يولدىن ئۆتكەنلەرنى چاقىرىدىكەن ياكى باشقىلار كېلىپ كىرا قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىنى سورايدىكەن، ئىللىق جەنۇبىي فۇجيەن شىۋىسىگە سىڭگەن سەمىمىي ۋە قىزغىنلىق، كىشىگە ئىللىق سۇ دولقۇنىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن ...... تاشيول ياسالغىچە، دوڭگۈەن كۆۋرۈكى يەنىلا  ئەتراپتىكى ئۈچ ناھىيەدىن چۈەنجۇغا بارىدىغان مۇھىم قاتناش يولى بولغان» دېدى. مەن بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆۋرۈك ئۆيىدىكى شېئىرلارغا دىققەت قىلدىم، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بەزى خەتلەر ئۆڭەپ كەتكەن ئىدى، شۇ چاغدا ئۇزۇن تۇرۇپ ئويلاندىم، بىر خىل گۈللىنىش ۋە خارابىلىشىش تۇيغۇسى ئىختىيارسىز قەلبىمنى چىرمىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
 پۈتۈن كۆۋرۈكنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە، چىڭگاڭ تاغ جىنسلىرى ۋە ئالاھىدە چوڭ ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن ياسالغان، تۆت كۆۋرۈك گۇندىسى، بەش كۆۋرۈك سۈڭگۈچى بار؛ كۆۋرۈك گۇندىسىنىڭ شەكلى كېمە شەكىللىك بولۇپ، قورام تاشلار قاتلىنىپ بېسىلىپ، قاتلاممۇـ قاتلام قوپۇرۇلغان. گۈندىنىڭ ئىككى تەرىپى ئۇچلۇق بولۇپ، سۇ بۆلگۈچ دامبا ھالىتىدە. كۆۋرۈك ئۈستىگە قارىغاندا، مەسىلەن: كۆۋرۈك تاختىسى، بىخەتەرلىك رىشاتكىسى، تۆۋرۈك لىم، چىدىر لىم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان بولۇپ قەدىمىي پۇراق چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى ئاجايىپ، ماھارىتى كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ.
 شۇ كۈنى، مېنىڭ ھازىرغىچە ئېسىمدە قالغىنى كۆۋرۈكنىڭ ئىككى- ئۈچ يېرىدە، كەنت ئاھالىلىرى شاھمات ئويناۋاتاتتى، شاھمات ئويۇنىنى كۆرگۈچىلەر گەپ قىلماي قاراپ تۇراتتى، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئادەملەر ياكى كۆزىنى يۇمۇپ خىيال قىلاتتى ياكى يىراققا نەزەر سالاتتى، ھەقىقەتەن ئەسلىگە قايتقان خەلق تۇرمۇشى خەرىتىسىگە ئوخشايتتى. پەقەت قايسى ۋاقىتتا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، تۇيۇقسىز گۈلدۈرماما ئاۋازى ئاڭلىنىپ، توختىماي قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. بىردىنلا نەچچە چاقىرىم نېرىدا سۇ شىددەت بىلەن ئېقىپ، شامال چىقىپ، ئەتىراپنى قويۇق تۇمان قاپلىدى. يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، كۆۋرۈك ئاستىدا شىددەتلىك ئېقىنلار كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. كۆۋرۈكنىڭ سىرتىدىن يۈگۈرۈپ كىرىپ يامغۇردىن پاناھلانغان ئادەمنىڭلەرنىڭ پۈتۈن بەدىنى چىلىق- چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى بىر ئازدىن كېيىنلا بۇلۇتلار تاراپ يامغۇر توختىدى، كۆۋرۈك دېرىزىسىدىن قارىغاندا، كۆۋرۈك تاشلىرى يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى؛ ئۇ نەچچە يۈز يىللىق بوران- چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا دەسلەپكىدەك مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ. ئەلبەتتە، بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىتنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن كۆۋرۈكنىڭ ئاستى- ئۈستىنىڭ بەزى يەرلىرىدە ئاز تولا بۇزۇلۇش بولغان ئىدى. شۇڭا، تارىختىن بۇيان ھەمىشە بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى قايتا- قايتا رېمونت قىلغان...... تاش ئويما، تاش پۈتۈكلەردىكى خاتېرىلەر كىشى قەلبىنى ئىللىتاتتى.
ئەمما، بۇ قەدىمى كۆۋرۈك بۇلتۇر جۇڭچيۇ بايرىمىدا زور ئاپەتكە ئۇچراپتۇ. شۇ كۈنى «موراندى» ناملىق تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە، يۇڭچۈننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغقان، دۇڭگۈئەن بازىرىدا ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر بولغان، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدىن، يۇقىرىدىن كەلگەن كەلكۈن كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى 20 مېتىردىن ئارتۇق كۆۋرۈك بۆلكىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ۋەيران قىلغان. ئىشەنگۈم كەلمەيدىغىنى شۇكى، مەن ئىككىنچى كۈنىدىكى تېلېۋىزىيە خەۋىرىدە بۇ خەۋەرنى كۆردۈم. مەن تېلېفوننى ئېلىپ يۇڭچۈندىكى دوستۇمغا تېلېفون بىرىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سورىسام، ئۇ مەيۈسلەنگەن ھالدا: «بىر بۆلەك كۆۋرۈك يۈزىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتتى!» دېدى. مەن تېلېفوننى قويۇپ، بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم.
ئەمەلىيەتتە، يۇڭچۈندە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر قانچە قەدىمىي كۆۋرۈك بار، ئۇلار قەدىمى ھەم ئېغىر، سۈيى سۈزۈك؛ ياكى يېنىك ۋە ئەپچىل، پۇختا بولۇپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئۇلار قان تومۇرلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ تومۇر سوقۇشىنى ساقلاپ كەلگەن. لېكىن يۇرتنى سېغىندۇرۇش تۇيغۇسى ئەڭ ئېغىر بولغىنى دەل دوڭگۈئەن كۆۋرۈكى ئىدى. باھاردا شاپتۇل چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ؛ يازدا تاغ چوققىلىرى ياپيېشىل، ئېتىزلار ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ؛ كۈزدە سۇ ئاسمان رەڭگىگە ئوخشاش، قات- قات ئورمانلار پۈتۈنلەي بويالغان؛ قىش پەسلىدە بۇلاق سۈيى سوغۇق بولۇپ، قومۇش گۈلى چۈشكە كىرىدۇ......
بۇ قېتىم، مېنىڭ يۇڭچۈنگە كەلگەن ۋاقتىم، دەل سەرەتان ئىسسىقى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى كۈنلەر ئىدى. مېنىڭ يەنە بىر قېتىم دوڭگۈەن كۆۋرۈكىدە تۇرۇشۇمغا نىسىپ بولدى. ئويلاپ باقسام، بۇلتۇر دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن، بىر مۇخبىرنىڭ يۇڭچۈن ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، دوڭگۈەن كۆۋرۈكىنىڭ «يارىلانغانلىق» خەۋىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن يۇڭچۈنلىقلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان، دۇڭگۈەن كۆۋرۈكىنى رېمونت قىلىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن كۆپچىلىك بەس- بەستە پۇل ئىئانە قىلغان. يۇڭچۈندە تۇغۇلغان تەيۋەنلىك داڭلىق شائىر يۈ گۇئاڭجۇڭمۇ تېلېفون بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن. مەدەنىيەت تارماقلىرى ناھايىتى تېزلا باشلامچى بولۇپ، قۇرۇلۇش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر دەرھال ھەرىكەتكە كەلگەن. بۇ خەۋەر تارقىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى. دەرۋەقە يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدا بۇزۇلۇپ كەتكەن كۆۋرۈكنىڭ گەۋدىسى رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. كونا، قەدىمىي ئۇسلۇبقا تولغان كۆۋرۈك كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە مۇكەممەل قايتا نامايەن قىلىنىپ، مۆجىزىدەك يۇڭچۈننىڭ يۇرتنى سېغىندۇرۇش پۇرۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
رىمونت قىلىنغان دۇڭگۇەن كۆۋرۈكى، يەنىلا بۇرۇنقىلار «دوڭگۈەن كۆۋرۈكى» ناملىق شېئىردا: «ئەگىم ھەسەن- ھۈسەن يانتۇ يېيلغان، لىملىرى قىزىل سىرلانغان، جەننەت بىلەن تۇتاشقان ......» دەپ يازغاندەك، قىزىل سايە ئىچىدە شاپتۇل چېچىكى رەڭگى، ئاپېلسىن رەڭگى ئەكىس ئېتەتتى، يەنە يىراق قەدىمكى زاماندىكى غۇۋا ئاق رەڭمۇ بار ئىدى؛ كۆۋرۈككە قاراپ پىكىر يۈرگۈزگەندە، خۇددى بىر قېتىملىق تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش بىلەن، 800 يىللىق ۋاقىتنى باغاشلىغاندەك تەسىرات بىرەتتى.
كۆۋرۈك ئۈستىگە چىقىپ، يەنە بىر قېتىم ئۇزاققىچە كۆۋرۈككە قاراپ تۇرۇپ، تۆت ئەتراپتىكى ياپيېشىل تاغلارنى كۆردۈم، ياپيېشىل گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى پۇرۇدىم. چۈش بولغاندا، سۇس كۆك رەڭلىك كۆل سۈيى ئاستا- ئاستا ئاقماقتا ئىدى. بۇ چاغدا مەن تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم، شۇ تاپتا كۆۋرۈك ئاستىدىن بىر نەچچە كاناپ كېمە چىقىپ قالسا، ياكى ئۇزۇن پالاقنى كۆتۈرۈپ تۆۋەن ئېقىندىكى گۈزەل يېزا- كەنتلەرگە  قاراپ ماڭغان بولسا، نەقەدەر گۈزەل، ئاجايىپ كۆرۈنۈش بولغان بولاتتى ھە. بۈگۈنكى كۈندە، كۆلنىڭ ئىككى قىرغىقىدا، ئون چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى بار، دوڭگۈەن كۆۋرۈكى بولسا شەھەر ئەتراپىدا ھىچنىمىگە پىسەت قىلماي قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئېتىز- ئېرىقتىن ئايرىلغان، بۇلاق سۈيى ئاجايىپ گۈزەل، نازۇك ۋە جەلىب قىلارلىق. بەزىدە ياشانغانلار ياكى ئوقۇغۇچىلار كۆۋرۈككە كېلىپ كىتاب ئوقۇيدۇ ياكى سەيلە قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرىدۇ؛ ئەر- ئاياللار قول تۇتۇشۇپ، كۆۋرۈككە كېلىپ يىراق تاغلارغا نەزەر سېلىپ، جىلغا ساداسىنى تىنچ ئاڭلايدۇ؛ بەزى ساياھەتچىلەر كۆۋرۈككە كېلىپلا يان تېلېفونى بىلەن سۈرەتكە تارتىپ، دوستلىرىغا ئەۋەتىدۇ. دوڭگۈەن كۆۋرۈكى ئادەمنى يەنىلا مېھرىنى ئۈزەلمەس قىلىپ قويىدۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا، كۆۋرۈك ۋە كۆۋرۈك ئاستىدىكى مەنزىرىنى بىر پارچە رەسىمگە ئايلاندۇرۇپ ئېلىپ كەتكۈسى كېلىدۇ......
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى