قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاددىي كۆرۈش سەزگۈسىنى نىشانلاش--گاۋ فەن، نيۇ ۋېييۈ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئەسلەش كۆرگەزمىسى

2018-10-10 17:07:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋۇ يەنلى

سۈرەتكە تارتىشنىڭ سېھرى كۈچى ئۇنىڭ بەدىئىيلىكىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىق ۋە دەۋر روھىنى كۈچلۈك نامايان قىلغانلىقىدا. گاۋ فەن، نيۇ ۋېييۈنىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدە بۇ خىل كۈچلۈكلۈك تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن--- بۇلتۇرقى «جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ ئىئانە قىلىش ۋە يىغىپ ساقلاش يۈرۈشلۈك كۆرگەزمىسىدىكى: شانلىق ھايات--گاۋ فەن، نيۇ ۋېييۈ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئەسلەش كۆرگەزمىسى» نەچچە ئون يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم دۆلەتنىڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىغا چىقتى. 100 پارچىدىن ئارتۇق فوتو سۈرەت ئەسىرى ئارقىلىق، بۇ بىر جۈپلەرنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدىن تارتىپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى فوتو سۈرەت سەنئەت ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ سەمىمىي سەنئەتكە تويۇنغان ھېسسىياتى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن 70- يىللىرىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان قىياپىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
سۈرەتكە تارتىش سەنئىتى - ئۇلارنىڭ كەسپى ھەم ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ياراتقان. 1922- يىلى جېجياڭنىڭ شياۋشەندە تۇغۇلغان گاۋ فەن «7- ئىيۇل» ۋەقەسى پارتلىغاندىن كېيىن شىمالىي جۇڭگودىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ، فوتو سۈرەت ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ «ئۇرۇش ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ ھايات قىممىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نامايەندىسى، ئۇرۇشنى خاتېرىلەش جەڭ مەيدانى مۇخبىرلىرىنىڭ ھايات قىممىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نامايەندىسى» دېگەننى مىزان قىلىپ، فوتو سۈرەت ئارقىلىق ۋەتەننى قۇتقۇزۇش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىدىكى يۈز تۈەن ئۇرۇشى، تازىلاشقا قارشى ئۇرۇش، دىڭتاۋ جېڭى، شەنشى ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇشى، بېيجىڭ- تيەنجىن ئۇرۇشى قاتارلىق مۇھىم ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش نەق مەيدانلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ خەۋەر قىلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئازادلىق ئارمىيە رەسىملىك ژورنال نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو فوتوگرافلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، 60 نەچچە يىللىق ھەربىي فوتو سۈرەت ۋە رەسىملىك ژۇرنال خىزمەت تەجرىبىسىنى توپلاپ، فوتو سۈرەتنى ئىجادىيەتتىن نەزەرىيەگە كۆتۈرۈپ، «سوتسىيالىستىك رېئالىزم» ۋە «مىللىي خاراكتېر» نى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قانچە پارچە سۈرەتكە تارتىش سەنئىتى نەزەرىيىۋى ماقالىلىرىنى يېزىپ تاكى ئالەمدىن ئۆتكۈچە باشتىن- ئاخىر فوتو سۈرەت ئىشلىرىدا كۈرەش قىلغان. 1927- يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ تاڭخې شەھىرىدە تۇغۇلغان نيۇ ۋېييۈ 1945- يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان، 1951- يىلىنىڭ بېشىدا كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئاخبارات- فوتو سۈرەت ئىدارىسىگە بېرىپ فوتو سۈرەت مۇخبىرى بولغان، كېيىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى فوتو سۈرەت گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئەسىرىدە يېڭى جۇڭگو ئايال فوتوگرافنىڭ ئېكرانىدىكى دۆلەت ئوبرازى ۋە خاسلىقنى ئىپادىلىشى نامايەن قىلىنغان.
 گاۋ فەن بىلەن نيۇ ۋېييۈ ئوخشىمىغان جەمىيەت ۋە ئىجتىمائىي قاراشقا ئىگە. جەڭ مەيدانى مۇخبىرى بولغان گاۋ فەن، ئۇنىڭ سۈرەتكە ئېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسلىقى جەڭ مەيدانىدا سۈرەتكە ئېلىنغان، «ئومۇمىي ھۇجۇم لىنفېندىن باشلاندى، زەربىدار ئەترەت ئەزالىرى باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى» دېگەن ئەسەردىكى ئىس- تۈتەك قاپلاپ كەتكەن خەتەرلىك كۆرۈنۈشلەر، «دىڭتاۋ جېڭىدىكى داياڭ كۆلى ئۇرۇشىدىكى ئارمىيەمىزنىڭ ھاۋا مۇداپىئە قاراۋۇلى» دېگەن ئەسىرىدىكى ئوت- چۆپتىن كىيىم كىيىۋالغان قاراۋۇللارنىڭ جىددىي جەڭ قىلىۋاتقان مەنزىرىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىنى ھەقىقىي نامايان قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى «بېيپىڭ شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى، جېڭياڭمېن دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى» دېگەن كاتتا شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىدىن «رەئىس ماۋ زېدۇڭ شىيۈئەن ئايرودرومىدا قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى» قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىگىچە، مۇشۇ  كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق مەڭگۈلۈك خاتىرە بولۇپ قالغان ئىدى.
خەۋەر مۇخبىرى بولغان نيۇ ۋېييۈنىڭ فوتو سۈرەت نەتىجىسى ئاساسلىقى ئاخبارات نەق مەيدانىدا سۈرەتكە ئېلىنغان مۇھىت سۈرىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي، جۇ دې، پېڭ دېخۇئەي قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۈرىتى، 1955- يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۈزەل- سەنئەت كۆرگەزمىسىدىكى رەسساملىرىدىن يۈ فېيئەن، ۋۇ جىڭدىڭ، ۋاڭ شۆتاۋ، چېن بەندىڭ قاتارلىقلار، يەنە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرىدا تارتىلغان
 چيەن شۆسېن، ماۋ يىشېڭ، ۋاڭ جىنشى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ سۈرئىتى، شۇنداقلا خې شياڭنىڭ، كاڭ توڭبى، جاۋ چىڭ، جاڭ چۈئەن، سۈن ۋېيشى قاتارلىق مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ سۈرئىتى، جۈملىدىن 1949- يىلى تۇنجى «8- مارت» ئاياللار بايرىمى، يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى تۈركۈم ئۇچقۇچىلار، خەلق گۇڭشېلىرىدىكى قىز ئىستودېنتلار قاتارلىق يېڭى جۇڭگودا كەڭ تارقالغان ئاياللار ئوبرازىنىڭ ھەممىسى نيۇ ۋېييۈنىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق بىر ـ بىرلەپ نامايەن قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاياللار ئوبرازى يېڭى جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ئوبرازىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ، بۇنىڭدىن يېڭى جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ ئۈمىدۋار، نازاكەتلىك ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئوخشىمىغان جەمىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئوخشىمىغان خاسلىق ئىپادىلىرى بارلىققا كەلگەن. گاۋ فەننىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى، مەيلى ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى جەڭ مەيدان سۈرەتلىرى ياكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن سۈرەتكە ئالغان مەنزىرە سۈرەتلىرى بولسۇن، كۆپرەك يۈكسەكلىك تۇيغۇسى ھاسىل قىلىنىپ، بۇ ئارقىلىق كۆرۈنۈش كۈچىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئىلھام بەرگەن. نيۇ ۋېييۈنىڭ مۇھىت پورترېتى، ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆرۈش نۇقتىسى ئارقىلىق ئادەمنىڭ خاسلىقى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە مۇھىتتىكى روھىي قىياپىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن يەنى «خوڭتا گۇڭشېسىنىڭ ئايال ئەزالىرى» نىڭ ساغلاملىق ئىشەنچى، «ماتېماتىكا ئالىمى ۋۇ ۋېنجۇن» نىڭ دانالىقى-- ئاياللارنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىنىڭ ئىنچىكە ۋە سىپايە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
گەرچە كۆرۈش نۇقتىسى، قىزىقىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ئىككىيلەننىڭ سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىشى ئوخشاش، يەنى ئىجتىمائىي رېئاللىققا بولغان دىققەت- ئېتىبارى ۋە چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەكىتلىگەن. ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى كىچىك مەنزىرىلەر، كۆڭۈل ئېچىش شەكلىدىكى گۈزەللىككە ئوخشىمايدۇ، شۇنداقلا سىزما رەسىملەردەك فوتو سۈرەت ئەسىرىگە ئىنتىلىش بىلەنمۇ پەرىقلىنىدىغان بولۇپ، بەلكى دۆلەت، مىللەت، خەلقنى ئىجادىيەتتىكى ئاچقۇچلۇق سۆز قىلىپ، فوتو ئاپاراتى ئارقىلىق «جانلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە ھاياتلىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش ھالىتى» نى ئىپادىلىگەن، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ كىشىلىك ھايات غايىسى ۋە مەنىۋى ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلغان. شۇڭا، ئۇلارنىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىكى تېما، ئېستېتىك قىزىقىشقا ئۆزگەرگەن. ئۇلار يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى- كېيىنكى يېرىم ئەسىرگە يېقىن دەۋر ئىزنالىرىنى تۇتاشتۇردى.
«يۈرەك قېنىنى سىڭدۈرۈش، سەمىمىي بولۇش». گاۋ فەن، نيۇ ۋېييۈ ئەڭ ئاددىي كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى، بۇ ئۇلارنىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ بۈگۈنكىچە كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغانلىقىنىڭ ئاساسى. بۈگۈن، ئۇلارنى چوڭقۇر سىغىنىش ئىچىدە ئەسلەۋاتقىنىمىزدا، ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى ئۇلارنىڭ 240 پارچە فوتو سۈرەت ئەسىرىنى جۇڭگو گۈزەل- سەنەت سارىيىغا ئىئانە قىلدى، بۇنىڭ ئۆزىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى