قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساياھەتچىلەر يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ داۋاكۆل مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، قۇملۇق بىلەن سۇ ئۆزئارا تۇتىشىپ تۇرىدىغان گۈزەل كۈز مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندى

2018-10-10 10:37:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ داۋاكۆل مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، بۇ يەرنىڭ كەڭ كەتكەن بىپايان قۇملۇقى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەل كۆل مەنزىرىسى، ياپيېشىل توغراقلىرىدىن شەكىللەنگەن قۇملۇق بىلەن سۇ ئۆزئارا تۇتىشىپ تۇرىدىغان گۈزەل كۈز مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندى.
داۋاكۆل قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا 20 مىڭ مودىن ئارتۇق تەبىئىي كۆل بولۇپ، ئەتراپىنى قۇملۇق ئوراپ تۇرىدۇ. داۋاكۆل قۇملۇق مەنزىرە رايونىغا كىرگىنىڭىزدە، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان زۇمرەتتەك گۈزەل كۆل سۈيىنى كۆرىسىز ھەمدە سەيلە كېمىسىدە ئولتۇرغان ساياھەتچىلەرنىڭ شاتلىققا تولغان كۈلكە ساداسىنى ئاڭلايسىز. كۆل بويىدىكى قۇملۇقتىكى رەڭگارەڭ كۈنلۈكلەر ئاستىدا ساياھەتچىلەر قۇياش نۇرىدىن قانغۇچە ھوزۇلىنىدۇ. شەندۇڭدىن كەلگەن ساياھەتچى شۈ يۈننىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدە ئويناۋاتقىنىغا ئۈچ كۈن بولدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ قۇملۇق بىلەن كۆل سۈيىنىڭ تۇتىشىپ كەتكەن مەنزىرىسىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم. بۇ يەردە قۇملۇق بىلەن كۆل سۈيى تۇتىشىپ كەتكەچكە، كولدە كېمىگە ئولتۇرۇپ، قۇملۇقتا تۆگىگە مىنىپ ھەمدە قۇملۇق ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ ئوينىسا بەك كۆڭۈللۈك بولىدىكەن. مەن پۇرسەت بولسا بۇ يەرگە يەنە كېلىمەن.
قۇملۇقتا ساياھەتچىلەر تۆگىگە مىنىپ كۈن چىقىش، كۈنپېتىشنى كۆرگەچ، كەڭ كەتكەن بىپايان قۇملۇقتا ئەركىن سەيلە قىلىشاتتى. كەچكى شەپەق نۇرى پۈتۈن ئالەمگە ئۆزگىچە گۈزەللىك تۈسى ئاتا قىلغاندا، ساياھەتچىلەر خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇملۇقتىكى گۈلخاننى چۆرىدەپ خۇشال- خۇراملىق ئىلكىدە مەشرەپ ئوينىشاتتى. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ ۋەنشىن مۇنداق دېدى: گۈلخان ئويۇنىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم، ساياھەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوينىسا ھەقىقەتەن بەك كۆڭۈللۈك بولىدىكەن. مەن بۇ يەردە ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى ئۆتكۈزدۈم.  
ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلى يېتىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋاكۆل قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى ھەر كۈنى مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. داۋاكۆل قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ساياھەت تەسىراتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇلارنى ئۆزگىچە ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بولغان چېلىشىش، «ساباي» ئويۇنى قاتارلىقلارنى مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈپ، ساياھەتچىلەرگە بۇ يەرنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلدۇردى. يوپۇرغا ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياڭ جىڭ مۇنداق دېدى: بىز مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەت مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتتۇق. ھازىر، مەنزىرە رايونىمىز تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزگىچە سېھرى كۈچىنى نامايان قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلماقتا، بىزمۇ بۇنىڭدىن زور نەپكە ئېرىشتۇق. مەنزىرە رايونىمىزدا بۇ يىل كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى بۇلتۇرقىدىن %35 ئاشتى.  

 تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى