قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كىچىك مەھەللىلەردىكى چوڭ ئۆزگىرىش

2018-10-10 10:50:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مەھەللە شەھەردىكى ئەڭ كىچىك، ئەڭ جانلىق ھۈجەيرە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، كىچىككىنە مەھەللىمۇ ئىلگىرىكى «بىر كونا ئۈستەل، بىر نەچچە ياشانغان ھەدە» دىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولۇپ، كادىرلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسى ئەلالىشىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
سانجى شەھىرى تاللىق كوچىسى مەھەللىسىنىڭ بىر پونكىت شەكلىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت زالىغا كىرگىنىڭىزدە، L تىپلىق مۇلازىمەت پۇكىيىگە تەرتىپ بويىچە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي خىزمەت، ئەمگەك-كاپالەت قاتارلىق بەلگە تاختىسى ئېسىلغان بولۇپ، ھەر بىر بەلگە تاختىسى بىر مۇلازىمەت كۆزنىكىگە ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئاھالىلەرگە بىر كۆرۈپلا چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرىسىز. 76 ياشلىق ۋېي يەنفاڭ ئانا پېنسىيىگە چىقىشتىن ئىلگىرى مەھەللىدە 30 يىلغا يېقىن خىزمەت قىلغان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئۆز كۆزى بىلەن شاھىت بولغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئىشخانىدا بىر مۇدىر، ئىككى خىزمەتچى 3 ئادەم ئىشلەيتتۇق. بىز ھەر بىر ئائىلىگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەيتتۇق. قاتناش قورالى بولمىغاچقا، ئىككى پۇتقا تايىناتتۇق. بەزى ئامما بىزگە لەقەم قويۇپ، مېنى «ئۈچ ھارماس» مۇدىر دەپ چاقىرىدىغان بۇلىۋالغان. بۇ: سۆزلەپ ئاغزى ھارماس، مېڭىپ پۇتى ھارماس، باش قاتۇرۇپ مېڭىسى ھارماس، دېگىنى ئىدى.
ھازىر تاللىق كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئىش بېجىرىش كۆلىمى 480 كۋادرات مېتىرغا، تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر 2 مىڭ 958 ئائىلە، 7 مىڭ 840 نوپۇسقا يەتتى. 23 خىزمەتچى خادىم بار بولۇپ، كۆپ خىل مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلىندى، خىزمەت كۈندىن- كۈنگە سىستېمىلىق، كەسىپلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: «مەيلى ئىشخانا مۇھىتى ياكى خادىملارنى سەپلەش جەھەتتە بولسۇن، بىز ھازىرقى بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، «مەھەللىدە خەلقنى ئاساس قىلىش، خەلق مەھەللىنى ئائىلە دەپ بىلىش» ئىدىيەسى بويىچە، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.
تاللىق كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئۆزگىرىشى سانجى شەھىرىنىڭ مەھەللە خىزمىتى تەرەققىياتىنىڭ بىر كارتىنىسى. بۈگۈنكى كۈندە، مەھەللە مۇلازىمەت پونكىتى، «بىر پونكىت شەكلىدىكى» مۇلازىمەت زالى، ئاھالىلەر مۇلازىمەت تور نۇقتىسى قاتارلىق تۈرلۈك مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى تېخىمۇ موللاشتى. سانجى شەھىرى جەنگو يولىدىكى «جياشۈن» مەھەللىسى بۇلتۇر 2- ئايدا ئەسلىدىكى «جىڭسەيچىڭ» مەھەللىسىنى چېقىپ يېڭىدىن سېلىنغان مەھەللە بولۇپ، مەزكۇر مەھەللە مۇلازىمەتنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدى. مەھەللە قۇرۇلغاندىن كېيىن، تەۋەلىكىدە ياشانغانلار بىر قەدەر كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە قارىتا، ئائىلىدە كۈتۈنۈش، كۈندۈزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى قۇرۇپ، تاماقخانا، ساقلىقنى ساقلاش- داۋالاش ئۆيى، جۇڭگو تېبابىتى ساغلاملىق ئۆيى، كۈتۈپخانا، يوگا مەشق قىلىش ئورنى قاتارلىقلارنى سەپلەپ، ياشانغاندا يۆلەنچۈك بولۇش، ياشانغاندا كۆڭۈل ئېچىش ئورنى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ھەمدە مەھەللىدىكى ياشانغانلار مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، يالغۇز تۇرىدىغان، ئىگە- چاقىسىز، مېيىپ ياشانغانلارنى ھەقسىز مال يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ياشانغانلارغا «10 مىنۇت» مۇلازىمەت قىلىش قولايلىق چەمبىرىكى بەرپا قىلدى. ئاھالىلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرىنىڭ مەھەللىدىن يىراق بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاممىۋى قاتناش شىركىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. «جياشۈن» مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ۋۇ شياڭچىن مۇنداق دېدى: بۇ مەھەللە قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىشىك ئالدىدىكى بەزى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھەل بولدى، بىز بۇ مەھەللىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلىمىز.
نۆۋەتتە، سانجى شەھىرىدە كوچا ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئالتىسى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆلىمى مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغىنى %85 نى ئىگىلەيدۇ؛ مەھەللە مەدەنىيەت ئۆيىدىن 70 ئى بار بولۇپ، بۇلارغا كۈتۈپخانا، پائالىيەت ئۆيى سەپلەندى. بۇلتۇرلا 17 گۈزەل مەھەللە، 5 ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بەرپا قىلىندى.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى