قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جيا يۈلۇ «قۇملۇقتىكى تاۋخۇايۈەن» مېۋە-كۆكتات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

2018-10-10 10:54:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن ياش جيا يۈلۇ بەش يىللىق جاپالىق كۆرەش قىلىش جەريانىدا لوپ ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچا رايونىدا لويى ئۆستۈردى ھەمدە «قۇملۇقتىكى تاۋخۇايۈەن» مېۋە- كۆكتات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
لوپ ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى پارنىكتا «قۇملۇقتىكى تاۋخۇايۈەن» مېۋە- كۆكتات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسۇلى جيا يۈلۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ 7 پۇڭ كېلىدىغان پارنىكقا يىلدا 5 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ كېتىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا بىر توننا مەھسۇلات ئالغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن قىلىنىدىغان كىرىم 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ. 10- ئاينىڭ ئاخىرىدا، بىر تۈركۈم يېڭى ئۆستۈرۈلگەن لويى بازارغا سېلىنىپ سېتىلىدۇ.
2013- يىلى، جيا يۈلۇ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زىبو شەھىرىدىن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىدى. ئۇ لوپ ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچا رايونىدا 10 پارنىكنى ھۆددىگە ئالدى. جيا يۈلۇ پارنىكتا شاپتۇل دەرىخى، شوخلا ۋە شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كىرگۈزگەن بىر قىسىم لويىنى سىناق قىلىپ تېرىدى. جيا يۈلۇنىڭ تېرىقچىلىق جەھەتتىكى تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇ 70 مىڭ يۈەن خەجلەپ كىرگۈزگەن شاپتۇل كۆچىتىنى ياخشى پەرۋىش قىلالماي دەسلىپىدىلا زىيانغا تارتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە شاپتۇل كۆچىتىنى تىككەندە بۇنىڭدىن ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە سەل ئالدىراپ كېتىپتىمەن، نەچچە خىل سورتنى بىرلا ۋاقىتتا تىكىپ ياخشى پەرۋىش قىلالماي، ئاخىرىدا ھەممىسىنى كېسىۋەتتىم.  
جيا يۈلۇ ئىشلىرىنىڭ ئەپلەشمىگەنلىكىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ تۇرغاندا، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كىرگۈزگەن لويىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆسۈۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ خوتەننىڭ قۇرغاق ھاۋا شارائىتىغا ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خوتەندە يامغۇر كۆپ ياغمىغاچقا، لويىدا غول قۇرۇش كېسىلى پەيدا بولمايدىكەن، ئەمما لويىنى ئىچكىرىدە ئۆستۈرسە ئاسانلا غول قۇرۇش كېسىلى كۆرۈلەتتى. شۇڭا، لويى شىنجاڭدا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىكەن.  
شۇنىڭدىن كېيىن، جيا يۈلۇ بارلىق زېھنىنى پارنىكتا لويى ئۆستۈرۈشكە قارىتىپ، كۈنلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك پارنىك ئىچىدىلا ئۆتتى. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، جيا يۈلۇ تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى بىر ئىزغا چۈشۈرۈپ، لويى ئۆستۈرۈشكە ئائىت تېرىقچىلىق تېخنىكىسى، جۈملىدىن تېرىش زىچلىقى، سۇغىرىش ئۇسۇلى ۋە قىرقىش ۋاقتىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇلتۇر، جيا يۈلۇ لويى ئۆستۈرۈپ 200 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە لوپ ناھىيەسىنىڭ بەشتوغراق يېزىسىدىكى 16 نامرات ئاھالىمۇ لويى تېرىشقا باشلىدى. جيا يۈلۇ مۇنداق دېدى: مەن كەنتتىكى نامرات 16 ئاھالىنى مېنىڭ بىلەن بىرلىكتە لويى تېرىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارغا تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە مەسئۇل بولدۇم. ئۇلارغا يەنە بىر مو يەردىن ئەڭ تۆۋەن دېگەندىمۇ 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلالايدىغانلىقى، بىزنىڭ تېخنىكىمىز بويىچە تېرىقچىلىق قىلسا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىن ئەنسىرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم.
ھازىر، جيا يۈلۇ لويىنىڭ ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېتىراپنامىسىنى ئىلتىماس قىلدى. ئۇ مۇخبىرغا كېلەر يىلى لويى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇپ، لويىنى تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى «يېڭى يولغا» ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا غەربىي شىمال دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق شۆيۈەنىنىڭ ئورگانىك ئىسپات بېرىش مەركىزى بىلەن ھەمكارلاشتۇق، بىز ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ لويىنى ئورگانىك يېمەكلىك قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدۇق. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى