قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر قاچا قوي گۆشى شورپىسى ئارقىلىق باغلانغان قۇيۇق قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى

2018-10-10 10:56:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بەش يىل ئىلگىرى، كورلا شەھەر ئاھالىسى ئەلقەم روزى دۇختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقاندا، ئۆزى بىلەن ياتاقداش گەنسۇلۇق ئىشلەمچى تيەن شياۋئېن بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدى. دوختۇرخانىدا داۋالانغان 19 كۈن داۋامىدا، ئەلقەم روزى ھەر كۈنى بىر قاچا قوي گۆشى شورپىسى بىلەن تيەن شياۋئېننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىيلەن ئىككى جايدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا بىر- بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قېرىنداشلاردەك ئۆتتى.
مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى، گەنسۇ ئۆلكىسى تيەنشۈي شەھىرىنىڭ يېزىسىدا تۇرۇشلۇق تيەن شياۋئېن ئاكىسى ئەلقەم روزىغا تېلېفون بەردى. تېلېفوندا تيەن شياۋئېن ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كورلا شەھىرىگە بېرىپ، قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق مۇنداق دېدى: «ئاكامغا شىنجاڭدىكى ئاتا- ئانىسى ۋە يەڭگەمگە سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتىم. سالامەتلىكىم ياخشىراق بولغاندا، پەرزەنتلىرىمنى ئېلىپ ئۇنى يوقلاپ بارىمەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە».
ئەلقەم روزى كورلا شەھىرى «كاڭلې» مەھەللىسىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان ئائىلە. 2013- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنى 45 ياشلىق ئەلقەم روزى ئىشلەۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلىنىپ، دۇختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن ياتاقداش 44 ياشلىق گەنسۇلۇق دېھقان ئىشلەمچى تيەن شياۋئېنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىش سەۋەبلىك داۋالىنىۋاتقان ئىدى. ئوخشاش كەچۈرمىش بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇردى. دوختۇرخانىدا ياتقان تۇنجى كۈنى، ئەلقەم روزى تيەن شياۋئېننىڭ تەييار چۆپ يېگەنلىكىنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا بىر قاچا قوي گۆشى شورپىسى سۇندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «چۈشتە ئاچام قوي گۈشى شورپىسى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭغا بىر قاچا، ئۆزۈمگە بىر قاچا شورپىنى ئۇسسۇپ، گۆشلىرىنى سېلىپ نان بىلەن ئۇنىڭغا تۇتتۇم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا: «ھەي، يىغلىماڭ! نېمىگە كۆز يېشى قىلىسىز؟» دېدىم ھەم ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتتۇم.
ئەلقەم روزى دوختۇرخانىدا ياتقان 19 كۈن داۋامىدا، تيەن شياۋئېن ھەر كۈنى ئاكىسى سۇنغان قوي گۆشى شورپىسىنى ئىچتى. دۇختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئەلقەم روزى يەنە 200 يۈەننى تيەن شياۋئېنغا تۇتقۇزدى. تيەن شياۋئېن مۇنداق دېدى: «ئەلقەم ئاكام بىلەن يەڭگەم مېڭىش ئالدىدا ماڭا كۆزى قىيماي كۆز يېشى قىلدى. ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن مەن يەنە 50 نەچچە كۈن دۇختۇرخانىدا ياتتىم، ئۇنىڭ كېسىلى تېخى ساقايمىغان بولسىمۇ، يەڭگەمنىڭ ھەمراھلىقىدا نەچچە قېتىم دوختۇرخانىغا كېلىپ مېنى يوقلىدى».
تيەن شياۋئېن دۇختۇرخانىدىن چىقىپ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ھەر ھەپتىدە ئاكىسى بىلەن بىر قېتىم تېلېفوندا سۆزلىشىپ، بىر- بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر- بىرىگە ئىلھام بەردى. بۇلتۇر 6- ئايدا، ئەلقەم روزى كورلا شەھىرىدىن ئالاھىتەن گەنسۇغا ئىنىسىنى يوقلىغىلى باردى. ئىككى ئەركىشى يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەندە، يىغلاپ كېتىشتى. تيەن شياۋئېن مۇنداق دېدى: ئۇ شۇنچە يىراق شىنجاڭدىن مېنى يوقلاپ كەپتۇ، شۇ چاغدا مەن كاڭدا ياتقان ئىدىم، ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ مېنى قۇچاقلىدى، بىز بىر- بىرىمىزنى قوچاقلاپ يىغلاپ كەتتۇق، قوللىرىمىزنى چىڭ سىقىشىپ، سېغىنغانلىقىمىزنى ئىپادىلىدۇق. بۇ ھېسسىياتنى تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايتتى، مېھرى- شەپقەتلىك ئەلقەم ئاكامغا رەھمەت.
ئايرىلىدىغان چاغدا، ئاكا- ئۇكا ئىككەيلەن يەنىلا بىر- بىرىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي قالدى. ئەلقەم روزى مۇنداق دېدى: بىز بىر- بىرىمىزدىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيماي قۇچاقلىشىپ يىغلىدۇق، ئاندىن كېيىن ئۇكام تيەن شياۋئېن كېلەر يىلى مېنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن خوش بولدۇم. ھەم ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىڭ، مەن ئالدىڭىزغا چىقىمەن دېدىم.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى