قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ھېسسىياتىنى ئورتاق بايان قىلىش، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

2018-10-10 16:53:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەس-بەستە جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە باردى
تۇغقانلار بىلەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا بىللە قاتنىشىش، مول ھوسۇل شادلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، يۇرتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئورتاق گۇۋاھ بولۇش... «ئۆكتەبىر بايرىمى» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى يېزا، كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تۇغقانلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، ئۇلارغا قانۇن، سىياسەت، ئىللىقلىق، مەدەنىيلىك يەتكۈزدى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى. «كومپارتىيە ياخشى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى» ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىغا ئايلاندى.
مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنى ئەتىگەندىلا، يەكەن ناھىيەسىنىڭ بەشكەنت بازىرى تاتاساڭ كەنتىدىكى تۇرسۇن ئاتاۋۇللا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كەنت يولى ئېغىزىغا كەلدى. بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغقىنى چېن ئاكا كەنتكە كېلىپ، ئۇلار بىلەن بايرامنى بىللە ئۆتكۈزمەكچى ئىدى. چېن ئاكا ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى باشقۇرۇش كادىرلىرىنى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مۇدىرى چېن يەنگۈي ئىدى.
تۇرسۇن يىراقتىن چېن يەنگۈينى كۆرۈپ، تېزلىكتە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ئاكا، يېقىندىن بېرى ياخشى تۇرغانسىز؟» دېدى. «ياخشى، بۈگۈن دۆلەت بايرىمى، بىز بايرامنى بىللە ئۆتكۈزەيلى» ئىككىيلەن بىر- بىرىنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىشتى.
ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، تۇرسۇن خۇشال ھالدا چېن يەنگۈيگە: پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن تۇرمۇشىمىز كۈندىن- كۈنگە ياخشىلاندى، ھازىر ھەممە ئائىلە ھويلا- ئارام ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، مەن ئائىلەمدە ئۈزۈم ئۆستۈردۈم، بىر پارچە كۆكتاتلىقىم بىلەن بىر كىچىك لاپىسىم بار، بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ كىرىم قىلالايمەن. بۈگۈن بايرام، مەن سىزنى قۇما كەنتىگە بېرىپ ئاتا- ئانامنى كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىمەن، ھەممەيلەن جەم بولۇپ بايرامنى بىللە ئۆتكۈزەيلى، دېدى. «بولىدۇ، بىز ھازىرلا بارايلى»، چېن يەنگۈي تۇرسۇننىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۆيدىن چىقتى.
ئۇزاق ئۆتمەي، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا ئولتۇرۇپ قۇما كەنتىگە كەلدى، تۇرسۇننىڭ ئاتا- ئانىسى، ئاكىسى، ئاچىسى قاتارلىقلار بۇرۇنلا ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغانىدى، تۇرسۇننىڭ دادىسى خۇشاللىقىدا چېن يەنگۈينى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ: پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئائىلىمىزدىكىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى، يەنە تېخى ماڭا ئۈرۈمچىدىن بىر تۇغقان ئەكىلىپ بەردى، ھەممىمىز دۆلەت بايرىمىنى بىللە تەبرىكلەيلى، بۇ بايرام بەك ئەھمىيەتلىك ئۆتىدىغان بولدى، دېدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى كاڭدا ئولتۇرۇپ بىللە تاماق يېدى، بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، پۈتۈن ھويلا شاد- خۇراملىققا تولدى. چېن يەنگۈي مۇنداق دېدى: ياخشى تۇرمۇشىمىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىپ، بېيىپ قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
مۇشۇ ئاينىڭ 2- كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئاچاتاغ يېزىسى توقسۇن تېتىر كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلارنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئۇيۇشتۇردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى زامانىۋى تۇرالغۇ مەھەللىسى، چارۋىچىلىق- باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كارخانا ئىشلەپچىقىرىش سېخى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يەنە ئىنقىلابىي كىنو كۆردى.
60 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئاقنىياز ھاپىز مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز كۆرۈۋاتقان بۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ھەقىقەتەن ئەتراپىمىزدا يۈز بەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى بولسىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭدەك مۇشۇنداق ئۇلۇغ داھىي بىزنى ئالغا يېتەكلەپ ماڭسىلا، تۇرمۇشىمىز چوقۇم كۈندىن- كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.
مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ شياۋۋېن كادىر، ساقچىلار بىلەن بىللە ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، سەيۋوپۇ باشقۇرۇش كومىتېتى بەيياڭگۇ كەنتىگە كېلىپ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلىدى ھەم كەنت ئاھالىلىرىگە قانۇننى تەشۋىق قىلدى.
خالىمە قاتىران ليۇ شياۋۋېننىڭ تۇغقىنى، ئۇ مۇنداق دېدى: ھېيت-بايراملاردا تۇغقىنىم دائىم سوۋغات ئېلىپ ئۆيۈمگە كېلىپ، تېخى يەنە دېھقانچىلىق ئىشلىرىمغا ياردەملىشىپ، مېنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى. سوتچى تۇغقىنىمنىڭ ياردىمىدە، بىز قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەندۇق، قانۇنچىللىق قارىشىمىز كۈچەيدى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ چۈشەندۇق. مەن بالىلىرىمغا تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن.
«مەن ۋەتەن قوينىدا ھەردەم، ئايرىلمايمەن ئۇنىڭدىن پەقەت، مەيلى ئۆزۈم نەدىلا بولاي، مەدھىيەلەيمەن ئۇنى تائەبەت»... مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى يۇڭخۇڭ مەھەللىسىدىكى 83 ياشلىق بوۋاي مۆمىن شاكىرنىڭ ئۆيىدە ناخشا ساداسى، كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى. قاراماي شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى جىن يۇڭبىن ئايالى دەي جىڭنى ئېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى يوقلىغىلى كەلگەنىدى.
«شياۋجىن ئەر- ئايال خۇددى ئۆز نەۋرىمىزگە، نەۋرە كېلىنىمىزگە ئوخشايدۇ، دائىم كېلىپ بىزگە ھەمراھ بولىدۇ، ئۇلارنى كۆرسەك خۇشال بولۇپ كېتىمىز» دېدى مۆمىننىڭ ئايالى ھاياجانلانغان ھالدا.
دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنى جىن يۇڭبىن مۆمىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە مەھەللىگە بېرىپ بايراق چىقىرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، جىن يۇڭبىن يەنە مۆمىن بوۋاي بىلەن بىللە ئىشىك ئالدىغا دۆلەت بايرىقىدىن بىرنى قادىدى. بوۋاي- موماي ياشىنىپ قالغان، يەنە كېلىپ پەرزەنتلىرى يېنىدا بولمىغاچقا، ھەر قېتىم ئاغرىپ قالغاندا جىن يۇڭبىن ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىراتتى. «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۆزئارا كۆيۈنۈشى كېرەك» دېدى جىن يۇڭبىن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى