قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باشقا يۇرتتا قەدىناسنى ئۇچرىتىش

2018-10-10 17:12:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شياۋ كېفەن

خۇەيخۇا چېگراسى ئىچىدىكى خۇڭجياڭ قەدىمىي سودا شەھەرچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىۋاتاتتىم، ئىلگىرى مۇنداق بىر جاينى بىلمەيدىكەنمەن، شۇڭا ئالدىراپ- تېنەپ زىيارەت قىلدىم. ئاسماندا قۇياش پارلاپ، ئاپپاق بۇلۇتلار لەيلەپ تۇراتتى، بىز يانتۇ يولنى بويلاپ «خۇڭجياڭ قەدىمىي سودا شەھەرچىسى» دېگەن ئالتۇن خەتلىك ئىشىك ئالدىغا كەلگىنىمىزدە، بىر خىل قەدىمىيلىققا تولغان پۇراقنى ھىس قىلدۇق. قەدىمىي شەھەر دىسىلا بولاتتىغۇ؟ نېمىشقا قەدىمىي سودا شەھەرچىسىنى تەكىتلەيدۇ؟ ئازادە بولمىغان تاش يولىنى بويلاپ شەھەرگە كىرىپ، ئەينى يىللاردىكى «سودا قاينىغان» دەۋرىنى قايتا كۆرگەندەك بولدۇم.
سودا مۇناسىۋىتى بىلەن شەكىللەنگەن بۇ قەدىمىي سودا شەھەرچىسى جىنشۈي دەرياسى بىلەن ۋۇشۈي دەرياسىنىڭ قوشۇلغان جايىغا جايلاشقان بولۇپ، سۇ تىرانسىپورتىدىكى قولايلىقى سەۋەپلىك رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغان. قەدىمدىن تارتىپلا يۈننەن، گۇيجۇ، خۇنەن، سىچۇەن ئۆلكىلىرىنىڭ ماددىي ئەشيا يىغىش- تارقىتىش ئورنى بولۇپ، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە «غەربىي جەنۇبتىكى چوڭ شەھەر» دېگەن گۈزەل نامغا ئېرىشكەن.
ئادەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئاسار- ئەتىقىلەرنى كۆپرەك كۆرگەندە، كونىسىنى رېمونت قىلىشتا، يېنىكلىك بىلەن ئۇنى تېلېۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئالغاندا ئىشلەتكەن ساختا مەنزىرىگە ئوخشىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار بار. خوڭجياڭ قەدىمىي سودا شەھەرچىسى ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭدا يەنىلا مىڭ، چىڭ سۇلالىسى ئىمارەتلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ۋە ئەندىزىسىنى مۇكەممەل ساقلاپ قالغان، دۇكان، سەرراپخانا، مەيخانىلار، كارخانا، گېزىتخانىلار، تىياتىرخانا، مەكتەپ قاتارلىق قەدىمكى ئىمارەتلەردىن 400 ئى بولۇپ، ھەممىسى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك.
«گاۋ جەمەتى قورۇسى» ۋە «توڭخۇاچاڭ رەخت دۇكىنى» دىن ئۆتۈپ، مەن مايلىقدان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودا سارىيىغا كەلدىم، پەقەت بىر قانچە ئىسسىق- سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ياغاچ چىلەك بۇلۇڭدا تۇراتتى، ئۇنىڭ يېشى بوۋامنىڭ دادىسىنىڭكىدىن قېلىشمايتتى. خوجايىننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ بۇرۇن تۇڭگۇ مېيى قاچىلايدىغان ئەسۋەپ ئىكەن. تۇڭگۇ مېيى بىردىنلا مېنىڭ بالىلىقتىكى ئەسلىمىلىرىمنى ئويغاتتى: يامغۇرلۇق كۈندىكى مايلىق قەغەز كۈنلۈك، كىر يۇيىدىغان چوڭ ياغاچ داس، سۇلياۋ رەخت دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن تۇڭگۇ مايلىق رەختى، بېلىقچىلىق كېمىسى قتارلىقلارنىڭ ھەممىسى توڭگۇ مېيىدىن ئايرىلالمايدۇ. گەرچە خۇڭجياڭ قەدىمىي سودا شەھەرچىسىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئاۋات مەنزىرىسىدىن ئەسەر قالمىغان بولسىمۇ، ئۇ نۆۋەتتىكى «مەدەنىيەتتە ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى» نى ئويغىتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، ھەقىقىي نۇسخىدىكى «بيەنخې ۋادىسىنىڭ چوكانتال مەۋسۇمىدىكى مەنزىرىسى» دەپ ئاتاشقا بولاتتى.
خوڭجياڭ قەدىمىي سودا شەھەرچىسىنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي ساياھەت مەنزىرە رايونى قىممىتى بار. لېكىن، بۇ جاي زىيادە ئېچىۋېتىلمىگەن. يەرلىكلەر تارىخىي مەدەنىيەت مەزمۇنىنى ساقلاش مەقسىتىدە، مىڭ، چىڭ سۇلالىسى ھەقىقىي قەدىمىي قۇرۇلۇش سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۇرۇنقى قەدىمىي سودا شەھەرچىسىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى قايتا نامايەن قىلغان.
سەرراپخانا ياكى قاۋاقخانا، مېھمانسارايلارغا ياكى گېزىتخانا، مەكتەپ، تىياتىرخانىلارغا كىرسىڭىز، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان سودا شەھىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. مۇھاپىزەت ئىدارىسى ھويلىسىغا كىرسىڭىز دەل «خېرىدار» بىلەن «قوغدىغۇچى» نىڭ كۈمۈش يۆتكەش ئىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايسىز، يامولغا كىرسىڭىز، ئەمەلدارلارنىڭ داۋالاشقۇچىلاردىن دىلو ئەھۋالىنى سوراۋاتقانلىقىنى كۆرىسىىز؛ يېرىم يولدا يەنە مېھمانسارايغا كىرسىڭىز، خەزمەتكار ئالدىڭىزغا چىقىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشلەر سىزگە بۈگۈنكى ھاياتنى قەدىرلەپ، ئۈچ قاراشنى توغرىلاشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ.
چۈش ۋاقتىدا خالتا كوچىدىن تاماقنىڭ مەززىلىك ھىدى چىقىپ تۇراتتى. ئەسلىدە بۇ قەدىمىي سودا شەھەرچىسىدە كىشىلەر ياشاۋاتقان بولۇپ، كىشىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلاتتى. شۇنداق، مۇكەممەل ساقلانغان بۇ قەدىمىي سودا شەھەرچىسىدە كۈندىلىك تۇرمۇش پۇرىقى بولمىغان بولسا، بىز پاكىز، تىنچ مۇزېيدا پەقەت سۈرەت بىلەن كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىلا كۆرەلەيتتۇق. بىز گۈل بىلەن سۇلياۋ گۈل ئارىسىدىن تاللىساق ئەلۋەتتە كۆڭلىمىزدە ئالدىنقىسىنى تاللايمىز- دە.
شۇنىڭ بىلەن ھاياجانغا تولدۇم. خۇڭجياڭ قەدىمىي سودا شەھەرچىسىنىڭ بۇرۇنقىدەك مۇكەممەل بولۇشىدىكى سەۋەب، بەلكىم غەربى خۇنەننىڭ شۆفېڭ تېغىنىڭ چەت- يىراق رايونغا جايلاشقانلىقى بولسا كېرەك. ئەگەر، ھەممە كىشى بىلىدىغان قىزىق مەنزىرە رايونى بولۇپ قالغان بولسا، بەلكىم زىيادە ئېچىشتىن ئىبارەت سودا خىرىسىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىدى.
قەدىمىي سودا شەھەرچىسىگە بولغان ساپ مۇھەببتىم تۈپەيلى، سەل ئەنسىرەپ قالدىم ــــ خوڭجياڭ قەدىمى سودا شەھەرچىسى ھەرگىزمۇ مەلۇم ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئوخشاش، ھەقىقى تارىخى مەدەنىيەت مەزمۇنىنى يوقاتماسلىقى كېرەك. ئۆز تۇرمۇشىمغا تولىمۇ يىراق بولغان مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى بۇ قۇرۇلۇش توپىغا كۆڭۈل بۆلۈش مېنىڭ چىن قەلبىمدىن ئىدى.
كەڭ كوچىنىڭ سول تەرىپىدە «تيەنجۈن تىياتىرخانىسى» كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. مەن «تيەنجۈن تىياتىرخانىسى» نىڭ تونۇشتۇرۇلىشىنى تەپسىلىي ئوقۇپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
«تيەنجۈن تىياتىرخانسىى» نى تيەنجىنلىكلەر سالغان بولۇپ، بۇ جايدا تىياتىر قويۇلغاندىن باشقا يەنە دىرامما ۋە ئاۋازسىز كىنو قويۇلىدىكەن. شۇ چاغدا، خۇڭجياڭ تىياتىر ئۆمىكىدە شەرق، جەنۇب، خۇنەنلەردە داڭقى چىققان مايمۇن پادىشاھى چېن جۈنلۇن، گو شاۋتىڭ قاتارلىق مەشھۇر ئارتىسلار بولۇپ، ئويۇن ئۇزۇنغىچە ئالقىشقا ئېرىشكەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە داڭلىق دىراما ئارتىسى يىن شيۇيۇمۇ بۇ يەرگە كېلىپ ئويۇن قويغان.
مەن يەرلىك تىيەنجىنلىك. خۇڭجياڭ قەدىمىي سودا شەھەرچىسىدە تۇرۇۋاتىمەن، بۇ چاغدا «باشقا يۇرتتا قەدىناس دوستلارغا يولۇققاندەك» تۇيغۇ پەيدا بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى چېن جۈنلۈن، يۈن لىشيا، گو شاۋتىڭ قاتارلىق داڭلىق سەنئەتكارلارنى بىلىپ كەتمىگەن بىلەن «ئورۇق مايمۇن» خەن لەنگېننىڭ ھەمراھى بولغان يىن شيۇشيانىڭ، گو شاۋتىڭ بىلەن بىرلىكتە «قىيىن يىللاردىكى قېرىنداشلار» ناملىق فىلىمنى ئىشلىگەنلىكىنى بىلەتتىم.
«تيەنجۈن تىياتىرخانىسى» دا دىراما ۋە ئاۋازسىز كىنو قويۇلغىنىغا ئاساسەن «تيەنجۈن تىياتىرخانىسى» نىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىنگونىڭ باشلىرىدا سىلىنغانلىقىنى جەزىم قىلدىم. يەنى يۈز يىل ئىلگىرى بۇ يەر گۈللەپ ياشنىغان. دەرۋەقە خوڭجياڭ قەدىمىي سودا شەھەرچىسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن خاراپلاشقانلىقىنى بىلدىم.
 مەن «تيەنجۈن تىياتىرخانىسى» نىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ فامىلىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئالدىراپ، تىياتىرخانا خادىملىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىلى باردىم. لېكىن، ھىچقانداق نەتىجە چىقمىدى. بۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىمدىكى كىچىككىنە ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى.
 تيەنجۈن تىياتىرخانىسىنى تىيەنجىنلىكلەر قۇرغان. نېمە ئۈچۈن «تيەنجىن تىياتىرخانىسى» دەپ ئاتالمايدۇ؟ مەن خوڭجياڭ قەدىمىي سودا شەھەرچىسى بىلەن خوشلاشقاندا تۇيۇقسىز: دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ يەرلىك تەلەپپۇزىدا، پەقەت جىلىن چاڭچۈنلىكلەر «تيەنجىن» نى «تيەنجۈن» دەپ تەلەپپۇز قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدىم بۇ يەردە جىلىن تەۋەلىكىدىكى تيەنجىنلىكلەر يىراقتىن بۇ يەرگە كېلىپ «تيەنجۈن تىياتىرخانىسى» نى سالغانمۇ قانداق؟
دەريا كېچە- كۈندۈز توختىماي ئاقماقتا، مەن بۇ بالىلارچە تەسەۋۋۇرۇم بىلەن «باشقا يۇرتلاردا قەدىناسىنى كۆرگەن»  خۇڭجياڭ قەدىمىي سودا شەھەرچىسىدىن ئايرىلدىم. لېكىن، بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا ئورناپ كەتكەن ئىدى.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى