قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مېيخۇا گۈلى روھى

2018-10-10 17:17:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يۇرتىمىزدىكى مېيخۇا گۈللىرى يەنە ئېچىلدى. مەغرۇر ھەم ئۈزۈلمەي ئېچىلىۋاتقان مېيخۇا گۈللىرى دائىم ماڭا باشقا يۇرتتا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ۋە ۋاپات بولغان بوۋامنى ئەسلىتەتتى.
مەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى سىنگاپوردا تۇغۇلغان ھەمدە بۇۋامنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان. بوۋام كىچىك ۋاقتىدا نوم، تارىخ، شېئىر، سۆزلۈككە ئائىت نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان ھەم رەسىم سىزىشما ماھىر ئادەم بولۇپ، سىنگاپوردا ئەدەبىيات ساھەسىدە نامى بار ئىدى. كىچىك چاغلىرىمدا بوۋام مېنى قوچىقىغا ئېلىپ، نەشپۈت ياغىچىدىن ياسالغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ماڭا تاڭ ۋە سۇڭ سۇلالىلىرى شېئىرلىرىنى قايتا- قايتا ئۆگىتەتتى. ھەر قېتىم «ئۆزگە يۇرتتا يات مېھمان بولساممۇ، ھەر بايرامدا قېرىنداشلارنى سېغىنىمەن»،«كېلەر يىلى يەنە باھار كېلىدۇ، دوستۇم سەن كېلەرسەنمۇ؟»، «كۆكتە ئەركىن ئۇچۇپ يۈرگەن گۈل بەرگىلىرى كېچىدىكى شېرىن چۈشكە ئوخشايدۇ، ئاسماندىن چۈشىۋاتقان يامغۇر تامچىلىرى مېنىڭ دەرد- ئەلەملىرىمگە ئوخشايدۇ» دېگەنگە ئوخشاش جۈملىلەرنى ئوقۇغىنىدا، مۇزدەك ياش تامچىلىرى مېنىڭ ئېڭەكلىرىم ۋە قوللىرىمغا چۈشەتتى. بۇ ۋاقىتتا مەن: «بوۋام يىغلىدى! بوۋام يىغلىدى!» دەپ چاۋاك چېلىپ كۈلۈپ كېتەتتىم. بوۋام بولسا بېشىنى چايقاپ، ئېغىر تىنىۋەتكەندىن كېيىن: «يىڭئەر، سەن تېخى كىچىك چۈشەنمەيسەن!» دەيتتى.
بوۋامنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن ئاسار- ئەتىقىلەر بار ئىدى. مەن ئۇلارغا ئاندا- ساندا چېقىلىپ قويساممۇ ئۇ گەپ قىلمايتتى. ئەمما، كۈتۈپخانىسىدىكى بىر پارچە موي قەلەمدە سىزىلغان رەسىمنى ئالاھىدە قەدىرلەيتتى. ھېچكىمگە تۇتقۇزمايتتى. بەش ياش ۋاقتىمدا مەن كۈتۈپخانىدا ئويناۋېتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن رەسىمنىڭ ئۈستىگە مەينەت بارماقلىرىمنىڭ ئىزى چىقىپ قالدى. ئۇ ئاچچىقلانغان ھالدا ئانامغا: «بالىنى ياخشى باشقۇرغىن، ئاپئاق مېيخۇا گۈلىگە مەينەت قولىنى تەگكۈزۈپ قويدى» دېدى. بۇ مېنىڭ ئۇنىڭ ئاچچىقلىنىشىنى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى. ئاندىن ئۇ ساقال ئالغۇچى تىغ بىلەن مەينەت ئىزنى ئاستا قىرىۋىتىپ، ئاندىن تاۋار بىلەن ئاۋايلاپ پاكىزە سۈرتتى. مېھرىبان بوۋامنىڭ ئاچچىقلىنىشىنى كۆرۈپ، ھەم قورققان ھەم ھەيران بولغان ھالدا «بىر تال مېيخۇا گۈلىنىڭ رەسىمىگە نېمانچە قىلىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلىغانىدىم.
بىر كۈنى ئانام تۇيۇقسىز ماڭا: «يىڭئەر، بىز تاڭشەنگە قايتايلى!» دېدى.
  - نېمىشقا كېتىمىز؟- دەپ سورىدىم مەن.
  - ئۇ يەر بولسا بىزنىڭ ۋەتىنىمىز!- دېدى ئانام.
  ۋاھ، ۋەتىنىم، ئاۋۇ خەرىتىدىكى ئالتۇن خورازغا ئوخشايدىغان يەر شۇمۇ؟ چاڭجىياڭ، خۇاڭخى دەريالىرى، سەددىچىن سېپىلى بار دۆلەت شۇمۇ؟
  مەن خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتكەن ئىدىم، كىچىككىنە قەلبىم ئالەمچە شادلىققا چۆمگەن ئىدى.
  تۇيۇقسىز بوۋامنى ئاشۇ سۆيۈملۈك بوۋامنى يادىمغا ئالدىم- دە، ئانامدىن: «بوۋاممۇ ماڭامدۇ؟» دەپ سورىدىم.
- بوۋاڭنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالدى....
مەن يۈگۈرۈپ بوۋامنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىردىم. ئۇ كىرىسلودا ياتاتتى. مەن ئۇنىڭغا: «بوۋا، سىزمۇ ۋەتەنگە قايتىڭە!»دېدىم.
بۇ سۆزۈم بىلەن تەڭ بوۋامنىڭ كىچىك بالىدەك بۇنچە بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن.
بوۋامدىن ئايرىلىدىغانغا بىر كۈن قالغاندا، ئۇ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، مېنى كۈتۈپخانىسىغا چاقىردى- دە، ئاق گىرىپ رەخت بىلەن ئورالغان بىر ئورام نەرسىنى ماڭا تۇتقۇزدى. ئۇنى ئېچىپ قارىسام، ئەسلىدە ھېلىقى موي قەلەمدە سىزىلغان مېيخۇا گۈلىنىڭ رەسىمى ئىكەن.
 - بوۋا، بۇ سىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىڭىز ئىدىغۇ؟- دېدىم مەن.
- شۇنداق، يىڭئېر، سەن بۇنى ئوبدان ساقلىغىن. بۇ مېيخۇا گۈلى جۇڭگۇنىڭ ئەڭ داڭلىق گۈلى. يېنىمىزدىكى ماۋۇ گۈللەر باھارنىڭ كېلىشى بىلەن ئېچىلىدۇ. ئەمما، ئۇ ئۇنداق ئەمەس. قانچە قەھرىتان سوغۇق، قانچە بوران- چاپقۇنلۇق بولسۇن، ئۇ شۇنچە جانلىق، شۇنچە كۆركەم ئېچىلىدۇ. ئۇ ئەڭ پەزىلەتلىك، ئەڭ روھلۇق، ئەڭ جاسارەتلىك! نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى، جۇڭخۇا مىللىتىدىن نۇرغۇنلىغان پەزىلەتلىك كشىلەر چىقتى. ئۇلار قانچىلىك ئىسسىق- سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزسۇن، قانچىلىك ئېزىلىشلەرگە ئۇچرىسۇن، ئەزەلدىن جاسارەتلىك بولدىكى، بېشىنى ئەگمىدى. ئۇلار خۇددى مۇشۇ مېيخۇا گۈلىگە ئوخشايدۇ. ھەر بىر جۇڭگۇلۇق مەيلى قانداق شارائىتتا بولسۇن، چوقۇم ئۇنىڭدا مېيخۇا گۈلىنىڭ خارەكتېرى بولۇشى كېرەك.
   ۋەتەنگە قايتقان كۈنىمىز يېڭى يىل ئىدى. گەرچە تىروپىك بەلباغدا قەھرىتان قىش بولمىسىمۇ، ئەمما قەمەرىيە12- ئايدا ھاۋا يەنىلا سوغۇق ئىدى. بوۋام بىزنى پىرستانغا ئاپىرىپ ئۇزۇتۇپ قويدى. ئېكۋاتوردا چىققان شامال ياشانغان بوۋامنىڭ رەتلىك تارالغان كۈمۈشتەك چاشلىرىنى قالايمىقان يەلپۈپ تۇراتتى. بوۋام ماڭا بىردىنلا خېلىلا قېرىپ قالغاندەك كۆرۈندى.
پاراخوت قوزغىلاي دەپ قالغان ئىدى، ئانام مېنى تارتىپ چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار پاراخوتىغا ئېلىپ چىقتى. كۆز ياشلىرىم ئارىسىدا خىرە كۆرۈنىۋاتقان بوۋاممۇ بىزگە ئەگىشىپ پاراخوتقا چىقتى-دە، قولۇمغا ئاپئاق كاناپ رەختكە ئوتقاشتەك قىزىپقىزىل مېيخۇا گۈلى كەشتىلەنگەن بىر قولياغلىقنى تۇتقۇزدى.
نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى. ھەر قېتىم بوۋامنىڭ قىممەتلىك مېيخۇا گۈلى رەسىمى ۋە ماڭا سوۋغان قىلغان قولياغلىقىنى كۆرگىنىمدە، بۇنىڭ پەقەت گۈللا ئەمەس بەلكى باشقا دۆلەتتە مۇھاجىر بولۇپ تۇرىۋاتقان بوۋامنىڭ ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببەتلىك يۈرىكى ئىكەنلىكىنى ئەسلەيمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى