قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ بىرىكىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

2018-10-10 18:28:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مەدەنىيەت بىلەن مىللىي ئۆرپ- ئادەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ بىرىكىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە، دۆلەتنىڭ داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى كۇچا ناھىيەسى زور تۈركۈمدىكى ئېلىمىز ساياھەتچىلىرىنى كۈتۈۋالدى، قىزىل قاغا تۇراسى، سۇباش ئىبادەتخانىسى خارابىسى، قۇمتۇرا تاش غارى، قىزىل مىڭئۆي ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان كۈسەن مەدەنىيىتى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھەت لىنىيەسى ساياھەتچىلەرگە يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلدى. كۇچا ۋاڭ ئوردىسى، كونا شەھەر مەدەنىيەت كوچىسى، قەدىمكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغان مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھەت لىنىيەسى ساياھەتچىلەرگە كۇچانىڭ قويۇق مىللىي ئۆرپ- ئادىتىنى تولۇق ھېس قىلدۇردى. ساياھەتچى شيې خانىم مۇنداق دېدى: بەك قالتىس بولدى! مەن سەنئەتنى ياخشى كۆرىمەن، مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىنمۇ شىنجاڭنى ئۇنتىيالمىغۇدەكمەن، شىنجاڭنى ئەسلەپ تۇرىمەن. شىنجاڭ ياخشى جاي ئىكەن، مەن شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم».
نۆۋەتتە، كۇچا ناھىيەسى شىمالىي شەھەر يېڭى رايونىدا جەمئىي 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان «كۈسەن مەدەنىيەت ساياھەت كەسپى رايونى» نى پىلانلاپ، ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق سۇباش ئىبادەتخانىسى، كۈسەن تاش غارى قاتارلىق كۈسەن مەدەنىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى. كۇچا ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى پىلانىمۇ تۈزۈپ بولۇندى، كۈسەن قەدىمىي شەھىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، كۈسەن مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلماقتا. بۇنىڭ بىلەن، تارىخى مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ نامايان قىلىدىغان كۇچا يېڭى قىياپەتكە كىرمەكتە.
جايلار تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن مىللىي ئۆرپ- ئادەتنى بىرلەشتۈرۈپ، «شەرققە قايتىش تەسىراتى»، «غەربىي يۇرتقا قايتىش»، «قاناس كاتتا مۇراسىمى» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ھەقىقىي مەنزىرە تىياتىرلىرى، مىللىيچە ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئىشلەپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى. بايىنبۇلاق تورغوت مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت كەنتىدە ھەر كۈنى قويۇلىدىغان «شەرققە قايتىش تەسىراتى» ناملىق مەنزىرە تىياتىرى نەق مەيدانى تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولاتتى، 100 دىن ئارتۇق چارۋىچى ئاممىۋى ئارتىس سىياقىدا ياسىنىپ، تورغوتلارنىڭ شەرققە قايتىش تارىخىنى جانلىق نامايەن قىلاتتى. تورغوت مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت كەنتىنىڭ مەسئۇلى شۇ شيەنمىڭ مۇنداق دېدى: كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى، بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ سىرتتا ئىشلەنگەن مەنزىرە تىياتىرىغا بولغان ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. كالا، قوي، ئات، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ھەممىسى بار، ئىچكىرىدىن كەلگەن تاماشىبىنلار بۇنى بىر كۆرۈپلا تارىخنى چۈشەنگەندەك بۇلىدۇ، بۇمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ماتىرىيال. بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەتچىلىكتە يەنە مەدەنىيەت ئامىلىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بىز مەدەنىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىل 10 مىليون يۇەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مەدەنىيەتنى نۇقتىلىق ئورۇنغا قويدۇق. ھازىر مەدەنىيەت سارىيى قۇرۇلدى.
مەدەنىيەت-- ساياھەتنىڭ روھى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى ۋە مەنزىرە نوقتىلىرى مەدەنىيەتنى ساياھەتچىلىكنىڭ تەپسىلاتىغا سىڭدۈردى. دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە غەيرى كۆرگەزمە رايونى ئاچتى؛ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى تارىخى شېئىر-- جاڭغىرنى؛ زەرەپشان دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر دولان مەدەنىيىتىنى داڭلىق ماركا قىلىپ، ساياھەتچىلىككە يېڭىچە ھاياتىي كۈچ قوشتى؛ چاپچال ناھىيەسىنىڭ ناداچىنىرۇ يېزىسىدىكىلەر ئۆز جايىدا سېرىق، يېشىل، بىنەپشە، قارا، ئاق بەش خىل رەڭلىك شال تېرىپ، ئېتىزلىقتا «رەڭدار كۆرۈنۈش» پەيدا قىلدى، 30 مېتىر ئىگىزلىكتىكى كۆزىتىش مۇنارىغا چىقىپ تۆۋەنگە قارىغاندا، ئۆزگىچە تۈسكە كىرگەن ئېتىزلىق كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. جېجياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى ساۋ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن بەك ياخشى بوپتۇ، بەك ھەيران قالدىم. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر كېلەر يىلى ھەممەيلەن شىنجاڭغا بارىمىز» دەيدۇ، شىنجاڭ ھەقىقەتەن قالتىس جاي ئىكەن.
تىيانشان بوغدا كۆلى دۆلەتنىڭ A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوماي رىۋايىتى، بوغدا تېغى ئېگىز تاغ مەدەنىيىتىنى مەنزىرە رايونىنى پىلانلاش ۋە مەھسۇلات يارىتىشقا سىڭدۈرۈپ، ئوماي مەدەنىيىتى ئىبادەتخانا سەيلىسى، بۇغدا نەزىر- چىرىغى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئەنئەنىۋى تىياتىر ۋە ئويۇنلارنى ئويناپلا قالماي، يەنە ئوماي رىۋايەتلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق تۈرلەرنى ئويۇشتۇردى. تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىقات- تەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ لىكۇن مۇنداق دېدى: بىز مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرسەك، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش جەھەتتە غايەت زور بايلىق ئاساسىغا ئىگە بولىمىز. ساياھەت مەدەنىيەتكە سىڭدۈرۈلگەندىن كېيىن، ساياھەت تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدۇ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ بىرلىشىشىنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولۇپ، تەبىئەت بىلەن مەدەنىيەت بىر- بىرىگە ماس ھالدا تەڭ تەرەققىي قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى