قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا باش پىيازدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان ئالدىراش پەسىل يېتىپ كەلدى

2018-10-10 18:36:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يەنە بىر قېتىملىق مول ھوسۇل پەسلى كەلگەچكە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى شىسەن دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەيدانى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ تولى يېزىسى، يۇڭفېڭ بازىرى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە باش پىيازدىن مول ھوسۇل ئېلىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.
 بىڭتۈەن 12-شىسى شىسەن دېھقانچىلىق مەيدانى 1-لىيەنىنىڭ ئىشىچسى لى ئوۋ بۇ يىل 40 مو يەرگە باش پىياز تېرىغان بولۇپ، 10 نەچچە ئىشچىنى ئۆزىگە ياردەملىشىشكە ياللىدى. لى ئوۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل باش پىيازنىڭ ھوسۇلى خېلى ياخشى بولۇپ، بىر مو يەردىن 5، 6 توننا باش پىياز چىقىپتۇ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ دانىسى 1 كىلوگىرامغا، ئادەتتىكىلىرىنىڭ دانىسى 500- 600 گىرامغا يېتىدىكەن.
ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ يۇڭفېڭ بازىرىدىكى پىيازلىقلارمۇ ئالدىراشلىققا چۈمگەن ئىدى. سوڭ بەيكې 200 مو يەرگە قىزغۇچ پوستلۇق باش پىياز تېرىغان بولۇپ، ھەممىسى يىغىلىپ خالتىلارغا قاچىلاپ قويۇلغانىدى.  
شۇ تاپتا سوڭ بەيكې ئىشچىلارنى چاقىرىپ خالتىدىكى پىيازلارنى چوڭ يۈك ئاپتۇموبىلىغا قاچىلاۋاتاتتى، ئىشچىلار  يېتشەلمىۋىدى سوڭ بەيكې ئۆزىمۇ ئۈستىگە چىقىپ، ئۇلار بىلەن تەڭ قاچىلاشقا باشلىدى. ئالاھەزەل 1 سائەتلەردىن كېيىن لىققىدە باش پىياز قاچىلانغان 4 يۈك ئاپتۇموبىلى پىيازلىقتىن يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئاق پوستلۇق باش پىيازغا سىلىشتۇرغاندا، قىزغۇچ پوستلۇق باش پىيازنىڭ باھاسى سەل يۇقىرى بولۇپ، ئېتىزلىقتىلا ھەر كىلوگىرام قىزغۇچ   پوستلۇق باش پىياز باھاسى  8، 9 مودىن بولسا، ئاق پوستلۇق باش پىيازنىڭ ھەر كىلوگىرام 6، 7 مودىن بولىۋاتاتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تېرىلىۋاتقان باش پىيازلار ئاق پوستلۇق باش پىياز بىلەن قىزغۇچ پوستلۇق باش پىيازنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاق پوستلۇق باش پىياز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك ئەنئەنىۋى سورتى، مەملىكەت بويىچىمۇ داڭلىقكەن. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئاق پوستلۇق باش پىياز ئاساسلىقى شىخەنزە ،قۇمۇل رايونىدا نوقتىلىق تېرىلىدىغان بولۇپ،تەملىك ھەم چۈرۈك، دانىسى چوڭ ھەم چۈچۈمەل، مۇچ تەمى يېنىكرەك، پىياز تالاسى ئازراق، خام يېيىشكىمۇ،پىشۇرۇپ ئىسېتمال قىلىشقىمۇ باپ كېلىدىكەن.
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ۋە جىمىسار رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىسەن ۋە نەنسەن رايونى، قاراشەھەر ئويمانلىقى قاتارلىق جايلارمۇ ھازىر كەڭ كۆلەمدە باش پىياز تېرىقچىلىقىغا كىرىشكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا نۆۋەتتە باش پىيازنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 7 توننىغا يېتىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆكتاتچىلىق كەسپىي جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، گەرچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى باش پىيازنى كەڭ كۆلەمدە تېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پىيازلار يەنىلا شىنجاڭلىقلارنىڭ يەرلىك ئىسېتمالىغا يېتىشمەيدىغان بولۇپ، ھەر يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە سېتىلىدىغان باش پىيازنىڭ %40 ى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىن كەلتۈرۈلىدىكەن،% 60 ى يەرلىكتە ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن، باشقا جايلاردىن كەلتۈرۈلىدىغان باش پىيازلار ئىچىدە گەنسۇ باش پىيىزى بىلەن يۈننەن باش پىيىزى ئاساس بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىمۇ يۈننەننىڭ قىزغۇچ  باش پىيىزى نىسبەتەن كۆپرەك سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى