قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 70 ياشلىق باغۋەن 30 نەچچە يىل ئورگانىك ئالمىلىق باغ بىنا قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دېھقانلارنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلىدى

2018-10-10 18:39:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قىپ-قىزىل ئالمىلار شاخلارغا پاتماي دېگۈدەك چۈشۈپ كەتكەنىدى، ئالما ئۈزۈش ئالدىراشلىقىدا بىر قولىنى ئىككى قىلالماي قالغان باغۋەنلەر، بىردەم-بىردەم ئالمىلارنى يۆتكەشكە كېلىدىغان ئاپتوموبىللارنى كېلىۋاتامدىكىن دەپ چوڭ يولغا قاراپ قويۇشاتتى . شىخۇ شەھىرى گەنخېزى بازىرىنىڭ داشۇجۇاڭزى كەنتىدىكى «گەنيۈ» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بېغىدا مانا موشۇنداق ئالتۇن كۈزنىڭ جۇلاسى بولغان مول ھۇسۇل كەيپىياتى ئەۋجىگە چىققانىدى. بىر نەچچە تۈپ مېۋىلىك دەرەخ ئاستىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى شى باۋيۈ ئېكىسكۇرسىيە، ئۆگىنىش ئۈچۈن باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن بىر نەچچەيلەنگە ئالمىلىق باغ بىنا قىلىش بىلىملىرى بويىچە چۈشەندۈرۈش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش ئىدى. 
شىخۇنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە، 70 ياشلىق شى باۋيۈ تىلغا ئېلىنسا بىلمەيدىغانلار يوق دىيەرلىك.  ئۇ ئاددىي بىر دېھقاندىن 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش باشلامچىسىغا،ئاندىن ئالى ئاگرانومغا ئايلانغان كىشى. 30 نەچچە يىللىق باغ بىنا قىلىش ھاياتىدا، ئۇ «گەنيۈ 1-نومۇرلۇق» ، «گەنيۈ 2 -نومۇرلۇق» ئورگانىك ئالما سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ يەنە كەنتتىكى ۋە ئەتراپىدىكى نەچچە  10لىغان دېھقاننى ئورگانىك ئالمىلىق باغ بىنا قىلىش ئارقىلىق بېيىش يولىغا يېتەكلىگەن. 
نۆۋەتتە «گەنيۈ» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى 60 تىن كۆپرەككە، ئورگانىك ئۇسۇلدا باشقۇرۇلىۋاتقان ئالمىلىق باغ كۆلىمى 2 مىڭ مودىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالمىلىرى ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، خېبېي،شەندۇڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكەپ سېتىلىدىكەن. دېھقان ۋاڭ يۈنشەننىڭ 20 نەچچە مو ئالمىلىق بېغى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە: بۇ يىل ئالمىلىرى بەكلا ئوخشاپتۇ، ھەر مو باغدىن 3 توننىدىن 4 توننىغىچە ھوسۇل ئالالىشىدا گەپ يوقكەن.
 ۋاڭ يۈنشەن باغ بىنا قىلغان ئالما سورتى دەل ئالىي ئاگرانوم شى باۋيۈ يېتىشتۈرگەن «گەنيۈ1-نومۇرلۇق » ۋە «گەنيۈ 2-نومۇرلۇق» سورت بولۇپ، تاتلىق، چۈرۈك ھەم پۇراقلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سودىگەرلەرنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. شۇ سەۋەبلىك بۇ يىل يەنە ئالمىلار تېخى ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن سودىگەرلەر ئۇنى بېغىغىچە ئېزدەپ كېلىپ، ئالمىلىرىنىڭ ھەر كىلوگرامىنى 15 يۈەنلىك باھادا سېتىۋالغاچقا، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمى كۆرىنەرلىك ئاشقان.
شى باۋيۈ 1984-يىلىدىن باشلاپلا داشۇجۇاڭزى كەنتىدە ئالمىلىق باغ بىنا قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، ئەينى يىللىرى ئۇ 15 مو كۆلەمدىكى تاشلاندۇق قاقاسلىققا ئالما كۆچىتى تىككەن،يەنە تېخى ئالما تۈپلىرىگە خېمىيىۋى ئوغۇتنى يېقىن يۇلاتمىغان.  باشقىلارنىڭ خېمىيىۋى ئوغوتنى بولۇشىغا بېرىپ ئوخشاتقان ئالمىلىرى ھەم چوڭ ھەم پارقىراق چىققان، بىراق شى باۋيۈنىڭ  ئالمىلىرىنىڭ گەرچە تەمى ياخشى بولسىمۇ، بىراق ھوسۇلى باشقىلارنىڭكىدىن %30 تۆۋەن چىقىپ، ھەر يىلى دېگۈدەك زىيان تارتقان بولسىمۇ، بىراق ئائىلىسىدىكىلەردىن ئۇنى ئەيىپلەيدىغانلار چىقمىغان .
ئالما مەھسۇلاتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى شى باۋيۈنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقەتەن بەكلا بىئارام قىلغان، گەرچە ئۇ ئىدىيەسىدىكى توقۇنۇش تۈپەيلى تىت-تىت بولغان بولسىمۇ، بىراق قەتئىيلىك بىلەن بوشاشماي، تېخى باشقىچە غەيرەتلىنىپ، ئالما كۆچەتلىرىنىڭ تۈۋىگە مەھەللىۋى ئوغۇت كۆمگەن، دەرىجىسى ئوخشىمىغان يەرلەرگە قىغ مىقدارىنى پەرقلەندۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق قايتا-قايتا سىناق قىلىپ تەجرىبە ئىشلىگەن. شى باۋيۈ نەچچە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاخىرى دەرىجىسى ئوخشاشمايدىغان يەرلەرگە بېرىدىغان ئوغۇتنىڭ دەل مىقدارىنى بېكىتىپ، ئالما مەھسۇلاتىنىڭ باشقىلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.
    مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلىتىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى، ھەر يىلى كۈزدە ئالمىدىن ھوسۇل ئېلىپ بولغاندىن كېيىنلا، شى باۋيۈ كالا قىغى توپلاشقا باشلىسا تاكى كېيىنكى يىلى ئەتىيازغىچە داۋاملاشتۇراتتى. شى باۋيۈ گەرچە بولۇشىغا جاپا تارتىسىمۇ، لېكىن ھەم تاتلىق ھەم چوڭ چۈشىۋاتقان ئالمىلاردىن، شۇنداقلا  سېتىش يوللىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن قەۋەتلا خوش ئىدى. تۇنجى قېتىم كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلاشقاندا، شى باۋيۈ ئېيىتقۇسىز ھاياجانلانغانىدى.
1989-يىلىدىن باشلاپ، شى باۋيۈ ئالما سورتىنى ئۆزگەرتىشنى باشلىدى، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ۋە باشقىلاردىن كەمتەرلىك بىلەن تەلىم ئېلىپ قىترقىنىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئاخىرى ئۇ شىمالى شىنجاڭدا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان «گەنيۈ» ناملىق يۈرۈشلۈك ئالما سورتلىرىنى يېتىشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن شى باۋيۈ يېتىشتۈرگەن ئالمىلارنىڭ يېڭى سورتلىرى ئەڭ بازارلىق سورتلاردىن بولۇپ قالدى .
 شى باۋيۈنىڭ ئالمىلىق بېغىمۇ پەيدىنپەي كېڭىيىپ 30 نەچچە موغا يەتتى. ئەلا سۈپەتلىك ئالمىلار دېھقانلارنى ھەر جاي- ھەر جايدىن  كېلىپ ئۇنىڭدىن تەجرىبە ئۆگىنىشىكە جەلپ قىلدى، مەيلى كىمنىڭ كېلىپ ئۆگىنىشىدىن قەتئىينەزەر، شى باۋيۈ ئۇلارنى باغقا باشلاپ كىرىپ خالىس يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى، بىلىدىغانلىرىنى يوشۇرۇپ قالماستىن ئۇچۇق-يۇرۇقلۇق بىلەن قارىشى تەرەپكە ئۆگىتەتتى. شى باۋيۈ يەنە ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىن 8 شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى قولمۇ-قول تۇتۇپ دېگۈدەك يېتەكلەپ يۈرۈپ باغ بىنا قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەتتى. نۆۋەتتە ئۇلار ھەر قايسى يېزا-بازارلارنىڭ تېخنىكا تايانچىلىرىدىن بولۇپ قالدى.
 شى باۋيۈ مۇنداق دەيدۇ: ئۆزۈم توپلىغان مول تەجرىبىلەردىن باشقىلارنى تېخىمۇ كۆپرەك بەھرىمەن قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، كۆپچىلىك ئورتاق بېيىيالىساقلا، نەچچە يىللىق تەتقىقاتىمنىڭ ئاندىن ھەقىقىي ئەھمىيىتى بولىدۇ. ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش پەسلىدە، شى باۋيۈ يەنە شىخۇ، كۈيتۈن، شىخەنزە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، باغۋەنلەرنىڭ باغ بىنا قىلىشتا يۇلۇققان مەسلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا خالىس ياردەم بېرىپ، نەچچە يۈز ئائىلىلىك باغۋەنلەرنى تەربىيەلەيدۇ.  2013-يىلى شى باۋيۈ دېھقانلارنى يېتەكلەپ «گەنيۈ» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ،«گەنيۈ»يۈرۈشلۈك ئالما سورتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يېتىشتۈرۈپ باغ بىنا قىلدى، ئۇ گەرچە ئالمىلىق باغ كۆلىمىنى 2 مىڭ مودىن كۆپرەككە كېڭەيتىكەن بولسىمۇ، لېكىن ھىلىھەم خېمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۋاتاتتى. چۈنكى سۈپىتى ياخشى بولغانلىقتىن، يەنە كېلپ ئورگانىك مېۋە بولغاچقا، ھەر يىلى «گەنيۈ» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئالمىلىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سودىگەرلەر تالىشىپ سېتىۋېلىپ، دېھقانلار كىرىمىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىۋاتاتتى. بۇ يىل ئۇلار يەنە  10 نەچچە توننا ئالما ساتتى، كېلەر يىلى بۇ باغنىڭ ئالمىلىرى مول ھوسۇل باسقۇچىغا كىرىپ، مەھسۇلاتى 70، 80 توننىغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى داۋاملىق تۈردە ئالمىلىق باغ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشنى كۆزلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى