قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خېنەن ئۆلكىسىدىكى داڭلىق يېمەكلىكلەر

2018-10-10 18:45:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شورپا تۈرلىرى:
«شورپا پايتەختى» بولغان لوياڭنىڭ نامى بىكار چىقمىغان. كالا گۆشى شورپىسى لوياڭنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە ناشتىلىق تۈرى. جىۋېيشياڭ كالا گۆشى شورپىخانىسى لوياڭدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن شورپىخانىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا خەنچېڭ كالا گۆشى شورپىخانىسى، داجۇڭ كالا گۆشى شورپىخانىسى قاتارلىقلارنىڭ شورپىسىمۇ ناھايىتى داڭلىق. بۇفەنتاڭ شورپىسى، ۋەنزىتاڭ شورپىسى، دۇفۇتاڭ شورپىسى قاتارلىق شورپا تۈرلىرى لوياڭدا ناھايىتى قارشى ئېلىنىدۇ. بۇ ئۈچ خىل شورپىنى بىر ئۈستەلگە قويغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى ھەمدە تەمى ناھايىتى مەززىلىك ۋە يېڭى. بۇفەنتاڭ شورپىسى بار يەردە چوقۇم ۋەنزىتاڭ شورپىسى ۋە دۇفۇتاڭ شورپىسى بار. 
كاۋميەنجىن:
بۇ لوياڭ كەچلىك بازىرىدىكى قۇرساققا ئامراق كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق يېمەكلىك. ئۇنى بىلمەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. بولۇپمۇ لاۋۋەن كاۋميەنجىننى بىلمەيدىغانلار پەقەتلا يوق، دېيىشكە بولىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا كەچلىك بازاردا كۈنىگە ئون مىڭ زىقتىن ئارتۇق كاۋميەنجىن سېتىلىدىغان بولۇپ، كاۋميەنجىننى ئۆچىرەت تۇرۇپ سېتىۋېلىشقا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ساقلاشقا توغرا كېلىدىكەن.
ئاچچىق- چۈچۈك شورپا:
ئاچچىق- چۈچۈك شورپىنىڭ شورپىسى قويۇق، ئاچچىق ۋە تەملىك. باشقا ناشتىلىق تائاملار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئاچچىق- چۈچۈك شورپا تەييارلاشتا نۆۋەتتە كۆپرەك قوللىنىۋاتقان ئىككى خىل ئۇسۇل بار. بىرسى شىخۇا ناھىيە شياۋياۋ بازىرى ئۇسۇلى، ئۇنىڭ تەمى ئاچچىق- چۈچۈك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە؛ يەنە بىرسى، ۋۇياڭ ناھىيە بېيۋۇدۇ ئۇسۇلى، ئۇنىڭ تەمى ساپ ۋە مەززىلىك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئەڭ داڭلىقى يەنىلا ليۇگوفاڭ ئاچچىق- چۈچۈك شورپىسى.
سۇيجىيەنبوۋ:
خېنەندە قىيمىلىق تاماقلارنىڭ ئېتىلىشى ناھايىتى ئىنچىكە. مەسىلەن: «سۇيجىيەنبوۋ» بىلەن «تاۋا جۇۋاۋا». بۇ ئىككىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، ئۇنىڭ خېمىرىنىڭ تەييارلىنىشى ئوخشىمايدۇ. «سۇيجىيەنبوۋ» نىڭ خېمىرى بولدۇرۇلىدۇ. «تاۋا جۇۋاۋا» خېمىرى ئۇزۇن، «سۇيجىيەنبوۋ» نىڭ خېمىرى تېخىمۇ يۇمشاق.
قورۇلغان راڭپىزا:
تاتلىقياڭيو ياكى يېشىل پۇرچاقنىڭ ئۇنىدا چۆپىنى تەييارلىۋېلىپ، پۇرچاق سۈتى، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، سامساق ۋە كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇپ قورۇلىدۇ. ئېغىزغا كىرگەندىن كېيىن ئىسسىق ۋە يېيىشلىك، سىلىق ۋە ئاسان ئېزىلمەيدىغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
دۇفۇناۋ:
داڭلىق جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەكلىك. ئادەتتە پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، پۇرچاق گۈلى قاتارلىقلار قوشۇپ تەييارلىنىدۇ. ھەر قايسى جايلارنىڭ تەم ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەييارلىنىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شىماللىقلار تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. لوياڭلىقلار ئاچچىق- چۈچۈك شورپا بىلەن قوشۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق يېگەندە تەمى تېخىمۇ يېڭى ۋە مەززىلىك بولىدۇ!
جياڭميەنتياۋ:
دۈملەنگەن جياڭميەنتياۋ بىلەن ئىسلىغان دۈملىمە چۆپ لوياڭلىقلارنىڭ ئەڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرى. ھەر قايسى ئۆيلەردىكى ئانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېتەلەيدىغان تاماق. نىسبەتەن ئوخشىغان يەرلىك تاماقنى يېيىش ئۈچۈن يەنىلا كونا لوياڭ ئاشخانىسىغا بارغىنىڭىز تۈزۈك. بۇ بىر زەنجىرسىمان ئاشخانا بولۇپ، ئەڭ ئاسان تاپقىلى بولىدىغىنى لاۋچېڭ رايۇنىدىكى دەننىسىنىڭ يېنىدىكى تارماق دۇكان.
خۇتۇميەن:
لوياڭلىقلار خېمىر تاماق يېگەن ۋاقىتتا ئاۋال قازانغا ئازراق كۆممىقوناق، تېرىق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەردىن سېلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇتۇلغان كۆكتات، قۇرۇتۇلغان ياڭيو، سەۋزە قاتارلىقلاردىن سېلىپ ھەممىنى تەڭ قاينىتىپ، %90 پىشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازراق خېمىر سېلىپ پىشۇرۇلغان تاماقنى-- خۇتۇميەن دەپ ئاتايدۇ. بۇنداق ھەممە نەرسە سېلىنغان، بىر قازان تاماق ھەم ئاق ئاشلىقنى تىجەيدۇ، ھەم تەملىك، ھەم قوساقنى تويغۇزىدۇ، ھەم قۇۋۋەت تولۇقلاش رولىغا ئىگە.
لوياڭ ئارلاشما قورۇمىسى:
بۇ لوياڭدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئائىلىلىرىدە ئېتىپ يەيدىغان بىر خىل تاماق تۈرى. ئۇنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى ئاددىي، ئادەتتىكى خۇرۇچلار ئىشلىتىلىدۇ. گۆش كۇمىلىچى، ياپىلاق كۈنگۈرە، موگۇ، پىنتوزا، گۆش توغرالمىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىدۇ. لوياڭلىقلارنىڭ خاراكتېرىگە سىڭىپ كەتكەن راستچىل، سەمىمىي، دوستانە خۇسۇسىيەتلىرىگە ماس كېلىدىغان ناھايىتى ئەمەلىي تاماق. شۇڭا، لوياڭ ئارلاشما قورۇمىسىدىن بىر خىل ئادەم بولۇش پەلسەپەسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى