قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەمپۈت ئادەم

2018-10-10 18:48:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كىچىك ۋاقىتلىرىڭىزدا دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان مۇنداق بىر مەنزىرە چوقۇم ھېلىمۇ يادىڭىزدا بولۇشى مۇمكىن: تىجارەتچى مۈرىسىگە ئەپكەشنى ئېسىپ چوڭ- كىچىك كوچىلارنى ئايلىنىپ يۈرگەن، ئەپكەشنىڭ بىر بېشىغا جازىسى بار كۇۋادىرات شەكىللىك ساندۇق ئېسىلغان، ساندۇق ئاستىغا يېرىم چەمبەر شەكلىدىكى ئاغزى ئوچۇق ياغاچ قەپەس قويۇلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر كىچىك ئوچاق، ئۇچاق ئۈستىدە يوغان بىر قوشۇق قويۇلغان بولۇپ، ئىچىگە لىق شىكەر قىيامى قۇيۇلغان. تىجارەتچى ئاغزى بىلەن بىرنى پۈۋلىگەندىن كېيىن، قولى بىلەن چىمدىپ تۈرلۈك شەكىللەرنى چىقىرىپ، كىچىك دوستلار ياخشى كۆرىدىغان ھالەتلەرگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. مانا بۇ «كەمپۈت ئادەم».
«كەمپۈت ئادەم» نىڭ شەكلى چىرايلىق ۋە قىزىقارلىق بولۇپ، ئويناپ بولغاندىن كېيىن يەۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. بالىلار ئۇنى كۆرۈپ قالسا ھەرگىز يېنىدىن كەتمەيدۇ. بەزىلىرى يېنىدىكى چوڭلارغا ئېلىپ بەر، دەپ جىدەل قىلسا، بەزىلىرى يۈگۈرۈپ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئاتا- ئانىسىدىن پۇل ئېلىپ چىقىدۇ. پەقەت پۇلى يوق بالىلارمۇ ئۇنىڭ يېنىدىن كەتمەي تۇرۇۋالىدۇ. ئۇلار كۆزلىرىنى پارقىراتقىنىچە بۇ تۈرلۈك شەكىللەردىكى «كەمپۈت ئادەم» لەرگە ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ تۇرىدۇ. بەزى بالىلار ئالدىراپ تەييار ياساپ قويغان كەمپۈتنى ئالسا، يەنە بەزى بالىلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان شەكىلنى ياساپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، تىجارەتچى كىچىك كۆرەككە شىكەر قىيامى ئېلىپ، ئۇنى تالك پاراشوكى سۈركىگەن قولىغا قويۇپ ئۇۋىلىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاغزىغا سېلىپ پۈۋلەيدۇ. پۈۋلەپ شار ھالىتىدە كۆپتۈرگەندىن كېيىن، تېزلىكتە تالك پاراشوكى سۈرۈلگەن ياغاچ قېلىپ ئىچىگە سېلىپ، كۈچ بىلەن پۈۋلەيدۇ. بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ياغاچ قېلىپنى ئاچقاندا، بالىلار ئالماقچى بولغان كەمپۈت ئادەم تەييار بولغان بولىدۇ. تەييار بولغان كەمپۈت ئادەمنى قۇمۇشنىڭ بىر ئۇچىغا سۈركەلگەن شىكەر قىيامىنىڭ ئۈستىگە چاپلىغاندىن كېيىن پۈتۈن مەشغۇلات تاماملىنىدۇ.
كەمپۈت ئادەمنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى بار. كىچىك بۇغا، ئالتۇن بېلىق، چاشقان، پانۇس. بۇلارنىڭ ئىچىدە، بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى سۈن ۋۇكۇڭ. سۈن ۋۇكۇڭ تەييار بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن كىچىك تۆشۈك ئېچىپ ئازراق شىكەر قىيامى قۇيۇپ، ئاندىن يەنە ئۇنىڭ ساغرا قىسمىدىن بىر تۆشۈك ئاچقاندا قىيام ئاستا- ئاستا ئېقىپ چىقىدۇ. ئاستىغا كىچىك بىر گۆرۈچتىن ياسالغان قاچىنى تۇتۇپ، كىچىك گۆرۈچتىن ياسالغان قوشۇق بىلەن شىكەر قىيامىنى يەپ، تاكى شىكەر قىيامى ئېقىپ تۈگىگەندە ياكى قېتىپ قالغاندا ئاندىن سۈن ۋۇكۇڭ بىلەن قاچا، قوشۇقلارنى بىراقلا قوشۇپ يەۋەتسە بولىدۇ. بۇ «ئىچى سۈرۈپ قالغان مايمۇن» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كىچىك بالىلار بۇنىڭغا ناھايىتى ئامراق. ئەمما، ئۇنىڭ باھاسى باشقا كەمپۈت ئادەملەرگە قارىغاندا قىممەترەك بولاتتى.
كەمپۈت ئادەم ياساش مەشغۇلاتى بىر تۈرلۈك ئەل ئىچى ھۈنەر- سەنئىتى. ئۇ تىجارەتچىدىن بىر ئەپكەش، بىر ئىسسىتىش رولى بار ئوچاق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەپكەشنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا شىكەر ۋە سايمانلار بار. شىكەر بولسا شىكەر قۇمۇش ۋە ئارپا ئۈندۈرمىسىنى قىزدۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. رەڭگى بولسا سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە. يەنە بەزىلىرىگە رەڭ ماددىسى ۋە رەڭ ئىلمىنتى قوشۇش ئارقىلىق قىزىل ۋە يېشىل رەڭلەردە ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ ياسىلىشىدا ئوتنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە. ئوتنىڭ تېمپىراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ قالسا ياكى بەك سۇيۇق بولۇپ قالسا ئاسان شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئوتنىڭ تېمپىراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا بەك قاتتىق بولۇپ، ئاسان شەكىلگە كىرمەيدۇ. ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، كۆپىنچە قوشۇق ۋە كۆرەك ئىشلىتىلىدۇ.
كەمپۈت ئادەمنى ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدۇ. ئىلگىرى كەمپۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر قىس مەزگىللەردە بالىلار كەمپۈت ئادەمنى ئويناپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى يەۋېتەتتى. ئىلگىرىكى تىجارەتچىلەر ئاساسەن تۇڭلو كوچىسىنى بويلاپ توۋلاپ يۈرۈپ تىجارەت قىلاتتى. يەنە بەزىلىرى قۇش ۋە ھايۋان، ھاشارەتلەرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن يۇمىلاق تەخسىلەرنى كۆتۈرۈپ، پۇلنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تەخسىنى ئايلاندۇرۇپ، ئىستىرىلكا ئۇچى قەيەرگە قارىسا شۇنى قىلىپ، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ دېققىتىنى تارتاتتى. ئىلگىرى كەمپۈت ئادەم ناھايىتى ئەرزان بولۇپ، نامرات ۋاقىتلاردىكى بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇق ئىدى. 80- يىللارنىڭ باشلىرىدا، نەچچە پۇڭ ۋە ياكى بىر نەچچە چىش پاستىسى قېپىغا بىر تال كەمپۈت ئادەمنى تېگەشكىلى بولاتتى. ھازىر بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرى كۆپىيىپ كەتتى. كەمپۈت ئادەم بۇرۇنقىدەك بالىلارنى ئالدايدىغان نەرسە بولماي قالدى. ئۇ بىر تۈرلۈك ئەل ئىچى سەنئەت شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. ھازىر، كوچا بويلىرىدىمۇ كەمپۈت ئادەم ياسايدىغان سەنئەتكارلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ئەمما، بېيجىڭدىكى يېڭى يىللىق ئىبادەتتخانا سەيلىسىدە ئۇنى يەنە ئۇچراتقىلى، بىر نەچچە يۈەنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇ. بەزى چەتئەللىك ساياھەتچىلەر كۆپ جايلاردا ئۇنى 10 يۈەندىن ساتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. كەمپۈت ئادەم ياسىلىش ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن كەمپۈت ئادەم پۈۋلەش، كەمپۈت ئادەم سىزىش، كەمپۈت ئادەم ياساش دەپ  ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. كەمپۈت ئادەم پۈۋلەش قەدىمقى بېيجىڭدىكى بىر كەسىپ. دۆلىتىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك تېخنىكىسى. ئىگىلىنىشىچە، كەمپۈت ئادەم پۈۋلەش تېخنىكىسى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا بارلىققا كەلگەن. ھازىرغا قەدەر 600 نەچچە يىللىق تارىخى بار. ئۇنىڭ ئىسمى گەرچە «كەمپۈت ئادەم پۈۋلەش» بولسىمۇ، ئەمما پۈۋلەپ چىقىلغان ئادەم شەكلى ناھايىتى ئاز. كۆپ قىسمى تۈرلۈك ھايۋاناتلارنىڭ شەكلى. بەلكىم ھازىر كەمپۈت ئادەم سېتىپ تۇرمۇشىنى قامادايدىغان كىشىلەر يوق بولۇشى مۇمكىن. كەمپۈت ئادەم ياساش، گۈل قىيمىسى، چاغانلىق رەسىم، لاي ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سەنئەت شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغاپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ بولۇشىنى، بۇ قەدىمىي، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى ساقلاپ قېلىشنى ۋە ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى