قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن

2018-10-10 19:07:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كېرىيە ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنگۈل مەتتوختى

 مەن كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ يېتىلدىم، دادام خەلق ساقچىسى. بالىلىقىم ناھايىتى گۈزەل ئۆتكەن، ھەر مىللەت قوشنىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئېجىل- ئىناق بولۇپ، ھەر قېتىملىق ھېيت- بايراملاردا بىر- بىرىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بىللە تاماق يەپ، بىللە ئويناپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتەتتۇق.

  1997- يىلى، مەن غەربىي شىمال مىللەتلەر شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، ئۇيغۇر، قازاق، زاڭزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن چوڭ ئائىلىگە كىردىم. ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدە، مەن ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ ئۆتتۈم، كەسىپ ئۆگەنگەندىن باشقا، يەنە دۆلىتىمىزدىكى كۆپ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى بىلەن تونۇشتۇم، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون بولۇشتەك تارىخىي پاكىت ۋە قاراش مېنىڭ ھەم ساۋاقداشلىرىمنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتۇمغا قايتىپ خىزمەت قىلدىم، 2006- يىلى 4- ئايدا، پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەسى، غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە، شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم. ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپەمنى ئەسلىگىنىمدە، ھەربىر قەدىمىم پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭنى ئانا ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئالداپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  مەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن. مەن شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت- دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرىمەن. «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئالدىدا، چوقۇم مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشتىكى پىشقان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان، ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايدىغان ئىرادە بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرغا خاس رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىيدا زېرەك ئادەم، خىزمەتتە ئەستايىدىل ئادەم، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك سەمىمىي ئادەم، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان قائىدىلىك ئادەم بولىمەن، بازا ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ھالدا كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەڭگۈ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى بايرىقىم روشەن ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  مەن پارتىيەلىك كادىر، تەشۋىقات خىزمىتىگە مەسئۇل، مەن ئەۋزەللىكىم ۋە خىزمەت ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمەن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت، قانۇن- نىزاملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاۋازىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى