قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولىمەن

2018-10-10 19:07:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى تيېچاڭگۇ بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما خەنجۈن

 مەن ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاز سانلىق مىللەت كادىر، شۇنداقلا ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىر، كىچىكىمدىن چوڭلارنىڭ كونا جەمئىيەتتىكى بەختسىزلىك ۋە ئازاب- ئوقۇبەت ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىغانىدىم ھەم ئۆزكۆزۈم بىلەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىققانلىقىدەك شانلىق مۇساپىگە گۇۋاھ بولدۇم.

  ئەمما، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم، ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئورتاق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىدەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى كۆرۈشنى خالىماي، تارىخنى كەينىگە ياندۇرۇپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېگى يوق ھاڭغا سۆرەشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلار غالجىرلىشىپ، ئادەم قېلىپىدىن چىقىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بۇلار ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى قەبىھ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەردى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چېقىپ، زوراۋان- تېررورچىلارنى ئاستىرتىن قوللاپ، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، قانات ئاستىغا ئېلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولدى، ئۇلار زوراۋان- تېررورچىلاردىنمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ زەھەرخەندە، زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر، تېخىمۇ ئۇزاققا سوزۇلىدۇ. بىز چوقۇم بۇ ئاپەت يىلتىزىنى قىلچە رەھىم قىلماي تارتىپ چىقىرىپ، يوقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تىنچ، ئاسايىش مۇھىتتا تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  تۆت يىللىق ھەربىي تۇرمۇش ئىرادەمنى چېنىقتۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىمنى كۈچەيتىپ، روھىمغا قىزىل پولات تامغا باستى، «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» قېنىمدا ئېقىۋاتقان قىزىل گېنغا ئايلاندى. دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى ئالدىدا، مەن ھەربىيلەرگە خاس خىسلەتنى قەتئىي ساقلاپ، باشتىن- ئاخىر سىياسىي جەھەتتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، بايرىقىم روشەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەلىرى ۋە سۆز- ھەرىكەتلىرىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولىمەن.

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باشتىن- ئاخىر باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتەك سىياسىي ئىرادەمنى ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى كەم- كوتسىز ياخشى ئاتىمەن. بولۇپمۇ خېيىم- خەتەردىن ساقلىنىشتا يوچۇق قالدۇرماي، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشتا ئەمەلىي بولۇپ، خىزمەتتە ھەقىقىي بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، دۈشمەنگە قارشى كۈرەشتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن. مېنىڭ شۇنداق ئىشەنچىم ۋە ئىرادەم باركى، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى ئەڭ كەسكىن، ئەڭ تەلتۆكۈس كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە بارلىق كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى