قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو 10-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئاچتى

2018-10-11 12:07:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگو 10-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئاچتى.ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تولۇق ماسلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، نامرات ئاممىنى ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.
چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئۇ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىنى كۈچەپ بايقاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلار «تۆت ئاڭ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
بىرىنچى، ئىدىيىۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ـــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرما. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلار مەخسۇس تەكشۈرۈشكە ياخشى ماسلىشىشنى ھەقىقىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش» نىڭ كونكرېت ئىپادىسى قىلىش؛ شىنجاڭنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى سىناش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەت قىلىپ، ئىدىيە بىلەن ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شۇجى جاۋ لېجى، مۇئاۋىن شۇجى ياڭ شياۋدۇ ۋە مىنىستىر چېن شىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ئاڭلىق ماسلىشىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئىككىنچى، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى قولدا تۇتۇش»، «پىئانىنو چېلىش» قا ماھىر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياخشى مۇھىت يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوللاش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، تەكشۈرۈشنى پائال قوبۇل قىلىپ، تەكشۈرۈشكە پائال ماسلىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تەكشۈرۈشنى قوللاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇپ، باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شۇنىڭغا مەسئۇل يولداشلار باش بولۇپ ئومۇميۈزلۈك تۇتۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئالاقىدار تارماقلار ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇپ، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تۆتىنچى، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلار مەسىلىنى ھەل قىلىش يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى بايقىشى، ھەل قىلىشى، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىشى كېرەك. 5 دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسنى چىڭ تۇتۇش، تەدبىر دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك، ئۆلچەم ئىلمىي بولۇش، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش، مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇپ، كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، تىزىملىك بويىچە تولۇق يىغىپ، قانداق مەسىلە بولسا، شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش، قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا، شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، نىشاننى بېكىتىپ، مەسئۇل ئورۇن، تۈزىتىش نىشانى، تۈزەش تەدبىرلىرى ۋە تاماملاش ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «مىخ قېقىش» روھى بىلەن بىرمۇ- بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرمۇ- بىر تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىگە جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، جى جېڭ، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى