قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياستۇق ئارقىلىق بەل ئومۇرتقىسى كېسىلىنى يەڭگىللىتىش

2018-10-11 18:38:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بەل ئومۇرتقىسىنىڭ ساغلاملىقىدا مەسىلە بار كىشىلەر ئەگەر ئۇخلىغاندا ياستۇقتىن ياخشى پايدىلانسا، بىر كۈن چارچىغان بەل ئومۇرتقىسى راھەتلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ:
ياستۇقنى قۇچاقلاپ يانچە يېتىش: يەنى، ئىككى بىلىكى بىلەن ياستۇقنىڭ بىر تەرىپىدىن قۇچاقلاپ يېتىش، ياستۇقنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى پۇتنىڭ ئاستىغا قويۇپ يېتىش ياكى ئىككى پۇت ئارىسىغا قىستۇرۇپ يېتىش دېگەندەك. بۇ خىل ئۇخلاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، مۈرە بوغۇمىنى تولۇق سوزغىلى ۋە يۇقىرى مۈچە بوغۇمىنىڭ ئەتىگەنلىكى قېتىپ قېلىش ئەھۋالىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
 ياستۇقنى ئاستىغا قويۇپ ئوڭدىسىغا يېتىش: يەنى، ئىككى پۇتنى تۈزلەپ، پۇتىنىڭ ئىگىلىدىغان جايىغا ياستۇقنى قىستۇرۇپ يېتىش. بۇ خىل ئۇخلاش ئۇسۇلى پۇت مۇسكۇلى ۋە بوغۇملارنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىشكە پايدىلىق. ئوڭدىسىغا ياتقاندا، ياستۇقنى چوقۇم بويۇنغا قىستۇرۇش كېرەك، بولمىسا بۇ خىل ئۇخلاش ئۇسۇلى ئومۇرتقا قوزغىلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
نۇرغۇن كىشىلەر دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياقتۇرىدۇ. لېكىن، بۇ خىل قىياپەت ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ تەبىئىي ئەگرى سىزىقىنى ساقلاپ تۇرالمايدۇ. بوغۇم ۋە مۇسكۇللارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىپ، مۇسكۇللار ئاغرىش ۋە ئۇيۇشۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە نەپەس ۋە قان ئايلىنىش ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى