قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىنىڭ لوپ بازىرى ئاياغ چاپال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى ۋاستە قىلىپ، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

2018-10-11 18:54:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىنىڭ لوپ بازىرى ئاياغ چاپال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى ۋاستە قىلىپ، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
يېقىندا، لوپ ناھىيەسىنىڭ لوپ بازىرى ئاياغ چاپال كەنتىدە، لوپ ناھىيەسىنىڭ بورداق كالا باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرىگە ئۇل سېلىندى. بۇ تۈرگە 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئەتراپتىكى گۆش كالىسى باقمىچىلىقى كەسپىي ئائىلىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگۈزۈلدى. گۆش كالىسىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش ۋە بىر تۇتاش سېتىش ئارقىلىق گۆش كالىسى باقمىچىلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىنىڭ لوپ بازىرى ئاياغ چاپال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ما جيەنگو مۇنداق دېدى: بۇ تۈر 40 نەچچە كۈندىن كېيىن پۈتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا بۇ يەردە 200 دىن ئارتۇق كالا بېقىلىدۇ.
ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، خىزمەت ئەترىتى ئاياغ چاپال كەنتىدە كالا باقمىچىلىقىنىڭ ئائىلىلەردە تارقاق ھالەتتە بېقىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقى، كالا گۆشى سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەسىللىرىنىڭمۇ تەكشى ئەمەسلىكىنى بايقاپ، «كوپىراتىپ، بازا، باقمىچىلىق كەسپى ئائىلىسى، نامرات ئائىلە» ئۆزئارا بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپلەشتۈرۈش بازىسى باقمىچىلىق ئەندىزىسى بويىچە ئىلمىي باقمىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىشنى قارار قىلغانىدى.
 ئاياغ چاپال كەنتى كالا باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئەلى تۇرا مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۈچ، تۆت مىڭ يۈەنگە بىر موزاي سېتىۋېلىپ، ئالتە ئاي باققاندىن كېيىن 10 مىڭ يۈەنگە ساتالايمىز. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن 100 كالا بېقىپ، بىر يىللىق ساپ كىرىمىمىزنى بەش، ئالتە يۈز مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 30 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.
كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا يەنە ياڭاقلىقتا توخۇ بېقىپ، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. كەنت ئاھالىسى مەريەم مەمتىمىننىڭ ئىلگىرى ئۆيىدە توخۇ بېقىش تەجرىبىسى بار ئىدى. ھازىر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ، باقمىچى بولۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ ئادەتتىكى ئ‍‍ائىلە ‍‍ئايالىدىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باققۇچىسىغا ئ‍‍ايلاندى. مەريەم مەمتىمىننىڭ مۇقىم خىزمىتى بولغاچقا، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر مەن ھەمكارلىق كوپېراتىپىدا مىڭ توخۇغا مەسئۇل، ھەر ئايدا 1 مىڭ 500 يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن. يەنە بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماڭا يەنە 5 مىڭ توخۇ بېقىشنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. توخۇ باقمىچىلىقى تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى يېتەكلەپ، ئۇلارنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىشەنچىم بار.
نۆۋەتتە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى بېيىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نامرات ئائىلىلەر بىلەن ئارقا- ئارقىدىن باقمىچىلىق ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىدى. ما جيەنگو مۇنداق دېدى: بۇ تۈرلەر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى تولۇق قاپلىدى. كېلەر يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن بارلىق نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ ھەمدە مۇقىم كىرىمغا ئىگە بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى