قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بامبۇك پۇراقلىرى

2018-10-11 19:06:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جاڭ لەن

مەن چېڭدۇدىكى جىنجاڭ بويىدا تۇرىمەن، دائىم سەيلە قىلىدىغان جايىم ۋاڭجياڭ راۋىقى باغچىسى. ئېسىمدە قېلىشىچە، خەنزۇشۇناس بىل پورتېر ماڭا ۋاڭجياڭ راۋىقىدىكى بامبۇكزارلىقتا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، يولدىن ئېزىپ قالغان بامبۇك قۇرتىغا ئوخشاش ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ يۈرگەنلىكى؛ ئۇ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبىنىڭ باشقا ئەمەس، پەقەت تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھىدى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شېئىرلارنىڭ ھىدىنى پۇراش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بامبۇك دېگەن نېمە؟ قەدىمى سىچۈەن مەدەنىيىتىدە، بامبۇك، بۈكباراقسان ئۆسكەن شاخ- يوپۇرماقلار، بامبۇك ئارغامچا غايەت زور بامبۇك مەدەنىيەت نەسەبىنى شەكىللەندۈرگەن. شىمالىي ۋېي سۇلالىسىدىكى ياڭ چېڭرى: «بامبۇك شامالغا يولۇقسا، ئۇنىڭ غولى ئىگىلىپ، ئادەمنىڭ كۈلگىنىگە ئوخشايدۇ» دەپ يازغان.
ۋاڭجياڭ راۋىقى باغچىسى بىر مەزگىل دۆلەت ئىچىدىكى بامبۇك تۈرى ئەڭ كۆپ باغچىغا ئايلىنىپ، بامبۇكنىڭ تۈرى 300 خىلغا يەتكەن ئىدى. مېنىڭچە، مەن بىر ئۆمۈر ئۆگەنسەممۇ، ئۇنى بىر- بىرلەپ پەرق ئېتەلمەسلىكىم مۇمكىن. شۇڭا، تەبىئىيلا بامبۇكزارلىقتىكى ياخشى ئوقۇغۇچى بولالمايمەن. لېكىن، بۇ بامبۇكنى چۈشىنىدىغان ئادەم يوق دېگەنلىك ئەمەس. مەسىلەن: مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سىچۈەندىن چىققان ئەليۇئەلا ياڭ شېن ئۆزىنىڭ «يۆفۇ نەزمىلىرى» دىكى «بامبۇك» دېگەن شېئىرىدا: «سىم- سىم يامغۇردا بامبۇك يوپۇرماقلىرى پاكىزە يۇيۇلدى، مەيىن شامالدا خۇش ھىدى جاھانغا تارالدى» دەپ يازغان. لى چاڭجىنىڭ «يېڭى بامبۇك نوتىسى» ناملىق شېئىرىدا: «يېشىل بامبۇكنى كېسىپ، كۆك پوستىنى سويۇپ ئۈستىگە شېئىر يازدىم، خۇش پۇراق قاپلىغان يېڭى بامبۇك ئۈستىدە خەت شەكلى ئېنىق» دەپ يازغان. يەنە «چاڭگۇ شېئىرى» دا: «بامبۇك پۇرىقى ئۆزگىچە، جاھان يېشىللىققا پۈركەندى» دەپ يازغان. بامبۇكنىڭمۇ پۇرىقى بار، ئۇنىڭ پۇرىقىنى ئىنچىكە پۇراپ بىلگىلى بولىدۇ. بۇ «بامبۇك پۇرىقى» نىڭ تەبىئىي خاراكتېرىنى نامايان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو شېئىر ئىلمىنىڭ سەزگۈ نەسەبنامىسىدە دائىم كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بامبۇكنىڭ پۇراش سېزىمىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
«دۇنيا كۆزى» دېگىنىمىز، خىلمۇ-خىل رەڭلەر كۆزنى قاماشتۇرغانلىق دېگەنلىك بولۇپ، تەبىئەتتىن روھقا خاس بىر تال لەرزان ئۇچىۋاتقان يىپەك لېنتا ئۈزۈش شەرتىنى ھازىرلىمىغان. ۋەزىيەتكە قاراپ تۆۋەنلىگەندە، تەبىئىيلا يەنە «دۇنيا بۇرنى» بار. ئالىم يۈ بيەننىڭ بۇ بايانى توغرادەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن نادانلىق ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بامبۇك پۇرىقى، قار پۇرىقى، يامغۇر پۇرىقىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەن.
باش يازدا، مەن جىڭگاڭشەن مەنزىرە رايونىنىڭ مەركىزىي رايونى سىپىڭ بازىرىغا كەلدىم. بۇ يەر لوشياۋ تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تەۋە بولۇپ، يېرىم تاغ رايونىدا، ئېگىز ۋە تىك چوققىلار ئارىسىدىكى ئويمانلىققا جايلاشقان، گەرچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تاغ ئېتىكىدىكى يېڭى شەھەر رايونىدىن تۆت- بەش يۈز مېتىر ئېگىز بولسىمۇ، ئەمما تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدىن كەلگەن قارا بوران شىددەت بىلەن پەسكە چۈشۈپ، يازنىڭ ئىسسىقىنى قوغلاپ، تاغ ئايلانما يولى ئۈستىدە بىر خىل قەدىمدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەگرى- توقايلىقلار پەيدا بولۇپ، پۈتۈن ئىچكى ئەزايىڭىزغا سىڭىپ كىرىپ، ھەر خىل غەم- ئەندىشىلەر ئاستا- ئاستا سۇسلىشىپ، بىر خىل خاتىرجەملىكنى ھېس قىلىسىز.
سىپىڭنىڭ مەركىزىدە بىر سۈنىي كۆل بولۇپ، ئەسلىدە كۆلىمى 80 مو كېلىدىغان سۇلۇق ئېتىز ئىدى. 1979- يىلى قىشتا، جىڭگاڭشەنلىكلەر ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئېتىزلارنى كولاپ كۆل ياساشقا كىرىشىپ، بىر قىش ۋە ئەتىيازدا بۇ كۆلنى ياساپ چىققان. كېيىن داڭلىق خەتتات، رەسسام لۇ يەنشاۋ بۇ يەرگە كېلىپ قېتىرقىنىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىلدە، ئۇنىڭغا «زۈمرەت دولقۇن» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن «زۈمرەت كۆل» دەپ ئاتالغان. كۆلگە دەرەخ شاخلىرىنىڭ سايىسى چۈشۈپ، زۇمرەتتەك سۇلار كۆك نۇر چىقارغانغا قەدەر چوڭقۇر پېتىپ كەتكەنىدى. يىراقتىكى تاغ تىزمىلىرى چەكسىز بامبۇك دېڭىزى بولۇپ، ھەر قايسىسى ئوخشاش بولمىغان يۆلىنىشتە يۆتكىلىش ئارقىلىق شامالدا قانىتىنى ئاچىدۇ. مەن يۇقىرىغا قارىغان نۇقتىدىن قارىسام، بامبۇك نوتىسى خۇددى تېز ئۇچىدىغان پەي قىستۇرۇلغان خەتكە ئوخشاپ قالغان ئىدى.
ئەتىسى، مەن ماۋپىڭ، داجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلدىم. بىلىنەر- بىلىنمەس يامغۇر تامچىلىرى ئۇچۇپ، ئۇششاق يامغۇر ئاۋازى بىلەن يۇمران بامبۇكلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ، قۇرۇق تاغنى تەبىئەتنىڭ رىتىمىغا تولدۇراتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە ماڭسىڭىز، بامبۇك سايىسى جىلۋىلىنىپ، خۇددى تەڭداشسىز چامباشچىلىق ماھارىتى بىلەن ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بىر ئادەمنىڭ قارىسىنى كۆرگەندەك بولىسىز.
جياڭشىنىڭ تۈكلۈك بامبۇك ماتېرىيال مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. جىنگاڭشەننىڭ تۈكلۈك بامبۇكى كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئېگىز، يوغان ھەم قويۇق بولغاچقا زۈمرەتتەك كۆپ كۆك كۆرۈنەتتى، ئۇلار شامالدا تەۋرىنىدۇ، شامال ئورمانلىقتا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ دۈمبىسى شامالدا ئۆرۈلۈپ، خۇددى 100 مىڭ تال نەيزىگە ئوخشايتتى. مەن تۈكلۈك بامبۇكنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ قالدىم. ئۇ يامغۇر سۈيى تۈكلۈك بامبۇكقا سىڭگەندىن كېيىن پارلىنىپ چىققان پۇراق بولۇپ، ئادەمنى بىردىنلا روھلاندۇراتتى. بىرنەچچە تامچە شەبنەم  پىشانەمگە چۈشۈپ، كەينىمگە بۇرۇلسام، بىرنەچچە تال تۈكلۈك بامبۇك قاق بېلىمدىن قۇچاقلىۋالدى......
بۇنى مەن ئويلاپ يېتەلمىگەن: تاغ شامىلى مەلۇم بىر نەرسىنى ماڭا قاراپ ئۇچۇرۇپ كەلدى، ئۇ بىر كىچىك نەرسە، ئازراق ئۇۋاق، سىرلىق ئىدى. زادى بامبۇكزارلىقنىڭ پۇرىقىمۇ، يامغۇرنىڭ ياكى ئورمانلىقنىڭ ھىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ يىغىندىسىمۇ؟ شامالدا كىچىك بامبۇك يوپۇرمىقى كۆزۈمگە ئۇرۇلدى. كۆزنى يېرىم يۇمۇۋالسا، تۈكلۈك بامبۇكنىڭ پۇرىقى ناھايىتى يۇمران بولاتتى. شۇڭا، مەن ئۇنى مەھكەم كونترول قىلالمايمەن، پۇرىقى خۇددى يوپۇرماق ئۈستىدىن سۇ قۇيۇلغاندەك، بامبۇك ئۈستىدىن تومۇزغا ماڭغاندەك بولۇپ، پۇراش سېزىمىدىن قايتا- قايتا قۇتۇلۇپ، تۇپراقنىڭ پۇرىقى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايتتى، شۇنداقلا مېنىڭ ئېغىر نەپەس ئېلىشىم تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايتتى. ئەمما، ئارقىدىنلا ئۇ يەنە جاھىللىق بىلەن قايتىپ كەلدى، ئازراقلا پۇراق پۇراپ، تېزلا يوقاپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە دىققىتىمنى يىغىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، پۇراپلا يوقاپ كەتتى، ئېسىمنى يىغىپ، يەنە پۇرىدىم ...... مەن بىلىمەن، بۇ دەل خىيالىمدىن چىقمايدىغان بامبۇك پۇرىقى.
ۋاڭجياڭ راۋىقى باغچىسىدىكى بامبۇكزارلىق مىڭ يىللىق جىنجياڭ دەرياسىنىڭ ھىدىنى ھەر خىل شەكىلدە ئارىلاشتۇرۇپ، بۇ يەردە تۇرىدىغان ئاھالىلەر، سۇ، دەرەخ ۋە تارىختا ئاندا- ساندا كۆرۈلىدىغان شۆ تاۋ قەغىزىنىڭ ياغاچ پۇرىقى ئارىلاشقان. جىڭگاڭشەندىكى بامبۇك دېڭىزى چەكسىز دالالارنى، بىپايان بۇلۇتلارنى قوينىغا ئالغان بولۇپ، ئەزەلدىن ئىتائەتچان بولۇپ باقمىغان. ئالدىنقى بىر خىل پۇراق ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنى ئەسلىتىدۇ، يەنە بىر خىلى ئادەمنىڭ سۆڭەك- سۆڭەكلىرىگە سىڭىپ كېتىدۇ.
شاڭجىڭ كەنتىدە داڭلىق «100 بامبۇك باغچىسى» بار. كۆلىمى چېڭدۇدىكى ۋاڭجياڭ راۋىقى باغچىسىدىن كىچىكرەك. ياپىلاق بامبۇك، پۇراقلىق بامبۇك، نەنجۇ بامبۇكى، لوخەنجۇ بامبۇكى، ئاچچىق بامبۇك، قارامتۇل بامبۇك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار. مېنىڭ بەكمۇ دىققەت قىلغىنىم، باغچىدىكى سوغۇق بامبۇك. مېنىڭ يۇرتۇمدىكى تۇز يۇرتى بولغان زىگوڭ شەھىرىدە، ئىلگىرى تۇز رايونىدا تۇز دۇغى بامبۇك نەيچە ئارقىلىق يەتكۈزۈلەتتى، سوغۇق بامبۇك بىرقەدەر ئىنچىكە بولسىمۇ، لېكىن چىرىتىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، ئىزچىل تۈردە كەڭ قوللىنىلغان. جىڭگاڭشەندىكى سوغۇق بامبۇك قىممەتلىك بامبۇك تۈرى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 1 مىڭ 200 مېتىر ئىگىز تاغلاردا كۆپرەك ئۆسىدۇ. جياڭشىدا جىڭگاڭشەن ئەتراپىغىلا تارالغان. بامبۇكنىڭ ئىنچىكىسى موي قەلەمگە ئوخشايدۇ، چوڭىنىڭ دىئامېتىرىمۇ بىرلا سۇڭ كېلىدۇ. سوغۇق بامبۇكنىڭ جىڭگاڭشەندە ئۆسىشىدە يەنە ئۇنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئەھمىيىتى بار، ئۇلار ئىگىلمەسلىك روھىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
تىك ياردىكى يالغۇز تاشلار ئۈستىدە، چوڭ بامبۇك، دەل- دەرەخلەر پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، پەقەت سوغۇق بامبۇكنىڭ ئىزى بار. سوغۇق شەبنەم يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، ھەممە يەردە پەلەككە يەتكەن سوغۇق بامبۇك نوتىسى يا ئوقىدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. قارا بورانمۇ ئۇلارغا ئامال قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، قار- مۇزلار بېسىپ چۈشكەندە، بەي جۈيى «كېچىدە قار ئېغىرلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، بەزىدە بامبۇك ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ» دەپ يازغان. قار قاپلىغان سوغۇق بامبۇك ئەكسىچە ھەسسىلەپ چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ، ھەتتا بامبۇك يوپۇرمىقىمۇ چۈشۈپ كەتمەيدۇ. بارلىق مەۋجۇداتلار سوغۇقتا دۈگدەيگەن ۋاقىتتا، پەقەت سوغۇق بامبۇك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
سوغۇق بامبۇكنىڭ مېزىلىك پۇرىقى يوق. سوغۇق بامبۇكنىڭ ھېچقانداق پۇرىقى يوق.
سوغۇق بامبۇك بەك ئورۇق، پەقەت شامال چىققان ئاۋازلا بار.
سوغۇق بامبۇك شاخ- يوپۇرماقلىرىنى ئاچسا، ئالتۇن ئىلمەككە سىزىلغان تۆمۈر رەسىمگە ئوخشاش، ئۈستى ئوچۇق ياغاچ غوللۇق دەرەخنىڭ سايىسىنى پىچاق بىلەن كېسىپ پارچە- پارچە قىلىۋەتكەنگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ غولى ئەجدىھانىڭ موسكۇلىغا ئوخشايدۇ. مېنىڭچە ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى گاۋ جيەنلى ئىشلەتكەن بامبۇك گەز چوقۇم سوغۇق بامبۇك. ئۇنداق بولمىغاندا، كۆكتە لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلارنى توسقان ئويۇل تاشنىڭ ئاۋازى چىقمايدۇ. كۆز ئالدىمىزدا بىر نەچچە كېپىنەك يوپۇرماقلارنى دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ئۇلار 30 يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان سوغۇق بامبۇكنىڭ چېچەكلەش مەزگىلىنى ئېلىپ كەتكەنىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى