قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا ئوق سىزىقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل تەرتىپىنى قولغا كەلتۈردى

2018-10-11 19:08:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى قوش ئايلانما سېپىل ۋە شەھەر دەرۋازىسى بولۇپ، بىر ئېنىق، كۈچلۈك ئوق سىزىقى باشتىن- ئاخىر كېسىپ ئۆتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، شەھەر سېپىلى بىلەن شەھەر دەرۋازىسى شەھەر ئۆزگىرىش تارىخىدا غايىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ شەھەرنىڭ ئوق سىزىقى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. لياڭ سىچېڭ ئەپەندى بۇ ئوق سىزىقىغا: «ئۇزۇنلۇقى سەككىز كىلومېتىر، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ ئۇلۇغ بولغان جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ئوق سىزىقى پۈتۈن شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بېيجىڭنىڭ ئۆزگىچە ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل تەرتىپى بۇ ئوتتۇرا ئوقنىڭ قۇرۇلۇشىدىن بارلىققا كەلگەن؛ ئالدى- كەينى ئېگىز- پەس، ئوڭ- سول سىممېتىرىك بولغان شەكلى ياكى بوشلۇقنىڭ تەقسىملىنىشى مۇشۇ ئوق سىزىقىنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئۇلۇغۋار كۆرۈنۈشلەر دەل مۇشۇ جەنۇب- شىمالدا باشلانغان، ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن كۆلەمدۇر» دەپ باھا بەرگەن
 1940- يىلى، ياپون باسقۇنچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، تاغ- دەريالار پارچىلانغان مەزگىلدە، ئىلمىي جەمىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى جۇ چىچيەن ئەپەندى قەدىمىي پايتەختتىكى مەشھۇر ئەسىرىدە، بېيپىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەرنى سىستېمىلىق ئۆلچەپ- سىزىپ، ئۇنى ساقلاپ قالغان ۋە كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرغان. كونكرېت خىزمەتنى جىتەي قۇرۇلۇش شىركىتى ھۆددىگە ئالغان، بېيياڭ داشۆ بىناكارلىق شۆيۈەنىدىن جاڭ بو ئەپەندى ئاساسلىق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، 30 نەچچە كىشىلىك كەسپىي ئۆلچەش- سىزىش ئەتىرىتى قۇرغان. 1941- يىلى 6- ئايدىن باشلاپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، جەمىي 700 پارچە خەرىتە سىزىپ چىقىلغان، ئۇلار ياكى رەڭسىز ياكى رەڭ بېرىلگەن بولۇپ، بېيجىڭ ئوتتۇرا ئوق سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىكى يۇڭدىڭمىندىن باشلىنىپ، شىمالدىكى جۇڭگۇلوۋغىچە بولغان بارلىق مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى ئەينەن سىزىپ چىققان. بۇ بېيجىڭنىڭ شەھەر قۇرۇش تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق شۇنداقلا بىردىن بىر  ھازىرقى زامان ئۆلچەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئوق سىزىقى بىلەن قۇرۇلغان قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەش- سىزىش ئىجادىيىتى شۇنداقلا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە جۇڭگو زىيالىيلىرى بېيجىڭدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەرنى قوغداشتا قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ.
 بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنى قوغداش ۋە پىلانلاش خىزمىتى بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى قىلىندى. ئوتتۇرا ئوق سىزىقىنى قوغداش پىلانى ۋە ھۆججەت نۇسخىسىنى تۈزۈش خىزمىتىمۇ تاماملاندى. 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن بۇ خەرىتىنى نەشر قىلىش يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىندى.
2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات يۇرتىنىڭ سابىق باشلىقى ليۇ شۇگۇاڭ گۇگۇڭ مۇزېيىنىڭ باشلىقى دەن جىشياڭغا خەت يېزىپ، گۇگۇڭ بىلەن بىللە «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا ئوق سىزىقىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ئەمەلىي ئۆلچەش رەسىملىرى توپلىمى» نى نەشر قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئىككى ئورۇننىڭ باشلىقى مەسئۇل بولغان تەھرىر ھەيئىتى قۇرۇلدى. تەھرىر ھەيئىتى بۇ چېرتيوژنى رەتلەش، تۈزۈش، سۈرەتكە ئېلىش ۋە تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقان داڭلىق قەدىمىي ئىمارەت مۇتەخەسسىسى، پروفىسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېر يۈ  مىڭچيەن ئەپەندىنى ئىلمىي مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلدى. تەھرىر ھەيىتىنىڭ ئەزالىرى مەزكۇر رەسىم توپلىمىنى رەتلەش، تۈزۈش، سۈرەتكە ئېلىش ۋە تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقان 53 نەپەر ئىككى ئاكادېمىيە خادىمى بولدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ چېرتىيوژنىڭ جۇڭگونىڭ قەدىمىي ئىمارەت تەتقىقات تارىخىدىكى مۇھىم ئورنىغا ئوخشاش، بۇ چېرتىيوژنى تەھرىرلەش، نەشىر قىلىش خىزمىتىمۇ بىر قېتىملىق كۆلىمى مىسلىسىز ئىلىمىي ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يۈرۈش ئەمەلىي ئۆلچەپ سىزىلغان چېرتيوژدا چېتىلىدىغان قەدىمىي ئىمارەتلەرنىڭ سانى، ئومۇمىي مىقدارى ناھايىتى كۆپ. بۇ چېرتيوژلاردا بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئوق سىزىقى قەدىمىي ئىمارەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئاساسىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقى ئىلمىي، مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ئەھۋالنىڭ سېلىشتۇرمىسى 70 يىلدىن بۇيانقى تارخىي ئۆزگۈرۈشلەرنى تولۇق ئىپادىلىگەن بولۇپ، تەتقىقات ۋە قوغداش خىزمىتىنى ئاز ئۇچرايدىغان ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ قېتىمقى ئۆلچەش- سىزىشمۇ 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىكى جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسى ۋە نەتىجىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ بىر يۈرۈش ئەمەلىي ئۆلچەپ سىزىلغان چېرتيوژنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ياكى رەڭسىز سىياھ سىزىقى ياكى رەڭلىك بويالغان بولۇپ، رەسىمدىكى قۇرۇلۇش نىسبىتى توغرا، قەلەم تەۋرىتىش ئىنچىكە ۋە تەپسىلىي، قەغەزنىڭ ھەممىسىگە ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان كاۋچۇك چېرتيوژى ئىشلىتىلگەن، تارىخى پۇراق قويۇق. مەيلى سىزىش ئۇسۇلى جەھەتتە ياكى ماتېرىيال جەھەتتە بولسۇن، ھەممىسىنى ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق سەنئەت بۇيۇمى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
«بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا ئوق سىزىقىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ئەمەلىي ئۆلچەش رەسىملىرى توپلىمى» نىڭ نەشر قىلىنىش ئاساسىي گەۋدىسى قۇرۇلۇش ئۆلچەش- سىزىش خەرىتىسى بولسىمۇ، نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرنى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ باسما چېرتيوژى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى بولغان بىر ئەمەلىي قوللانما بولۇشى كېرەك. ئەمەلىي ئۆلچەنگەن چېرتيوژغا چېتىلىدىغان ھەر قايسى قەدىمىي قۇرۇلۇشلارغا ناھايىتى ئېھتىياتچان چۈشەندۈرۈش يېزىلىپلا قالماي، قۇرۇلۇش رايونى، قۇرۇلۇش توپى، يەككە قۇرۇلۇش تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن مۇكەممەل ئىندېكس مۇندەرىجىسى بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر پارچە ئىلىم مىقدارى يۇقىرى، ئىزدەپ تېپىش ۋە پايدىلىنىشقا قولايلىق بولغان ئوقۇش قوللانمىسى بارلىققا كەلدى. بۇ يۈرۈشلۈك رەسىم توپلىمىغا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا ئوق سىزىقىدىكى ئىمارەتلەر توپىدىن 22 گۇرۇپپا كىرگۈزۈلگەن؛ ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش قوللانمىسىدا ئەمەلىي ئۆلچەنگەن چېرتيوژنىڭ تەرتىپىگە ئاساسەن ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇنىڭ ئىچىدىكى 87 يەككە ئىمارەتكە پۇختا يازما تونۇشتۇرۇش بېرىلگەن؛ چوڭى ئىمارەتلەرنىڭ ھەجىمى، كىچىكى زىننەت بۇيۇملىرىغىچە بىر- بىرلەپ چۈشەندۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، مول دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئوتتۇرا ئوق سىزىقىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەرنى تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، 87 يەككە ئىمارەتكە ھازىرقى ھالەتتىكى سۈرەت سەپلىنىپ، شارائىتى يار بەرگەن يەنە بىر پارچە تارىخىي سۈرەتنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا ئىشلەتكەن؛ تارىختا يوقاپ كەتكەن ئىمارەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلچەملىك تارىخىي سۈرەت قوشۇمچە چۈشەندۈرۈشى بولۇشى كېرەك. بۇ بىر چوڭ ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ.
بۈگۈن خەلق ئاممىسىنىڭ ئالدىدا نامايەن قىلىنغان بۇ «بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئوق سىزىقى قەدىمىي ئىمارەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئۆلچەش رەسىملىرى توپلىمى» 72 يىل بۇرۇنقى بىر توپ جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش باشلامچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى؛ 72 يىلدىن كېيىن بىر توپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرغان ئەنگۈشتەر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى