قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

<نەتىجىسى كەينىدىكىلەرنى شاللاش تۈزۈمى> نى كارخانىنىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش شەرتى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى

2018-10-11 19:10:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشقا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش قائىدىسىدە ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاپ، ناچارلىرىنى جازالاش بەلگىلەنگەن. ئۇنداقتا ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاپ، ناچارلىرىنى جازالاش بەلگىلىمىسىنى كارخانىلارنىڭ ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشىنىڭ شەرتى قىلىشقا بولامدۇ- يوق؟ بىز ئەمدى دېلو مىسالىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا، بۇنىڭغا ئالاقىدار قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
 
  بۇ يىل 1- ئايدا، ليۇ X مەلۇم بىر پەن- تېخنىكا شىركىتىگە كىرىپ ئىشلىگەن. ئەمگەك توختامىدا ليۇ X نى سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسىي مائاشى 3 مىڭ 840 يۈەن بولىدۇ- دەپ بەلگىلەنگەن. پەن ـ تېخنىكا شىركىتى قائىدە ـ تۈزۈملەرنى ليۇ X كە ئاشكارا ئېنىق ئۇقتۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش چارىسى» دە: «خادىملارنىڭ يېرىم يىللىق، بىر يىللىق خىزمەت ئۈنۈمى ئايرىم ھالدا S-- ئەلا، A-- ياخشى، 1C-- ياراتقان قىممىتى تەلەپكە لايىق ئەمەس، C2-- كەسپ نەتىجىسىنى ياخشلىشى كېرەك دېگەن تۆت دەرىجىگە ئايرىلىپ، نىسبىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %20، %70، %5، %5 بولىدۇ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلار پرىنسىپ جەھەتتىن ئىش ئۈنۈمىنى باھالاشتا C2 بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
 
  ليۇ X ئەسلىدە باش شىركەتتە سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2009- يىلى 1- ئايدىن كېيىن، ليۇ X شىركەتنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى تارمىقىغا يۆتكىلىپ كېلىپ سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2009- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى ۋە 2010- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ليۇ X نىڭ يىللىق باھالاش نەتىجىسى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلار قاتارىدا C2 بولغان. پەن- تېخنىكا شىركىتى، ليۇ X نى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا بىر قىسىم ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى بەرگەن ئاساستا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان. ليۇ X ئەمگەك كېسىمى قىلىشنى تەلەپ قىلغان. كېسىم كومىتېتى بۇ توغرىدا: پەن- تېخنىكا شىركىتى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ليۇ X كە 41 مىڭ 378 يۈەن تۆلەم بېرىشى كېرەك دەپ كېسىم چىقارغان. پەن- تېخنىكا شىركىتى بۇ يەردە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش قىلمىشى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قاراپ، كېسىم قارارىغا قايىل بولماي، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ليۇ X نىڭ ئەمگەك توختامىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بىكار قىلغانلىقتىن بېرىشكە بۇيرۇلغان تۆلەم پۇلىنى بىكار قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
 
  سوتچى بو توغرىدا مۇنداق ھۆكۈم چىقارغان: «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا دەلىل- ئىسپاتى توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى» نىڭ 6- ماددىسىدا: «ئەمگەك تالاش- تارتىشى ماجىراسى دېلولىرىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى چىقارغان ئورۇن ئىشتىن ھەيدەش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، ئىشتىن بوشىتىش، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش، ئەمگەك ھەققىنى ئازايتىش، ئەمگەكچىنىڭ خىزمەت ستاژىنى ھېسابلاش قاتارلىق قارارلار تۈپەيلىدىن ئەمگەك تالاش- تارتىشى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، بۇ دېلودا مەلۇم پەن- تېخنىكا شىركىتى كونكرېت باھالاش ئاساسى ۋە ليۇ X نىڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىغا دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ليۇ X نىڭ باھالاشتا لاياقەتسىز قارىلىپ C2 بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. ئەگەر، ئەمگەكچى ھەقىقەتەن خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇ خىزمەتچىنى تەربىيەلىشى ياكى خىزمەت ئورنىنى تەڭشەپ ئىشلىتىشى لازىم. ئەمگەكچى شۇنىڭدىمۇ يەنە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئاندىن ئەمگەك توختامىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ. ئەگەر، ئەمگەكچىنىڭ نەتىجىسى پەقەتلا «ئاخىرقى ئورۇندا» بولۇپ قېلىپ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق ئىشى مەۋجۈت بولمىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن «نەتىجىسى كەينىدىكىلەرنى شاللاش تۈزۈمى» گە ئاساسەن ئەمگەك توختامىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلسا بولمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى