قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەستايىدىللىقى بىلەن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تونۇتىۋاتقان -- خوتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار تەپتىش بۆلۈمىنىڭ تەپتىشى خې فېي

2018-10-11 19:11:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 بۈگۈن بىز 80- يىللاردا تۇغۇلغان بىر تەپتىش ئەمەلدارى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. ئۆتكەن 16 يىلدا، خوتەن شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار تەپتىش بۆلۈمىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى خې فېي بېجىرىشكە تېگىشلىك ھەر بىر دېلوغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ھەر بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى سۆز- ئىبارىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قاراپ چىقىشقا تېگىشلىك ھەر بىر دېلونى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىشلەپ كەلدى. ئۇ بۇ توغرىدا: ئەيىبلەش خىزمىتى -- دۆلەتنىڭ شان- شەرىپىگە، پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭغا ئازراقمۇ بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، دەيتتى.
 
  2014- يىلى قىشتا يۈز بەرگەن بىر ئوغرىلىق دېلوسى خې فېيدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. جاۋ X ئۆزى بىلەن بىرگە تۇرىۋاتقان قىز دوستى ۋاڭ X نىڭ پۇل ئالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بانكا كارتىسىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئېسىدە ساقلىۋېلىپ، پۇرسەت تېپىپ ۋاڭ X نىڭ كارتىسىدىكى 30 مىڭ يۈەننى ئوغۇرلاپ ئۆزىنىڭ ئوغلىغا ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. ۋاڭ X پۇلىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھەمدە ئوغۇل دوستى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئامالسىز قالغاچقا، ئاچچىقىغا پايلىماي ساقچىغا مەلۇم قىلغان. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت گۇماندارى جاۋ X كە 3 يىلدىن يۇقىرى 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلەتتى. لېكىن، دەۋالاشقۇچى ۋاڭ X ئەيىبلەشتىن بۇرۇن پۇشايمان قىلغاچقا، بىر نەچچە قېتىم قىزىل بولاق ئېلىپ خې فېينى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغۇل دوستىغا قىلغان ئەيىپلىشىنى بىكار قىلىشىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت ئوغۇل دوستىغا ئازراق تەنبىھ بېرىپ قويۇشنىلا ئويلىغانلىقى، ئۇنىڭغا جازا ھۆكۈم قىلىنىشىنى پەقەتلا خالىمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇل دوستىمۇ خاتالىقىنى تونىغانلىقىنى ئېيتتى.
 
  خې فېي ۋاڭ X نىڭ قىزىل بولىقىنى قايتۇرۇپ، تەلىپىنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ قىلغىنىڭىز مېنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغىنىڭىز. بىللە تۇرۇش تويلىشىش ئەمەس. شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ يەردە ئورتاق مال- مۈلۈك مەۋجۈت بولمايدۇ. جاۋ X نىڭ ئۆز مەيلىچە پۇل يۆتكەش قىلمىشى ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەچكە، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش ھېساپلىنىدۇ. ئوغرىلىق جىنايىتى-- ئەيىبلىنىدىغان دېلو قاتارغا كىرىدۇ، ئەدلىيە تەرتىپى باشلانغان ئىكەن خالىغانچە توختىتىشقا بولمايدۇ. مەن بىر ئەيىبلىگۈچى. مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى، ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش. سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز بويىچە ئەرزنى خالىغانچە بىكار قىلىسام بولمايدۇ. لېكىن، جاۋ X نى ئەپۇ قىلغان بولسىڭىز، ئەپۇنامە يېزىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. سوت ئاچقاندا سوتچى ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ ھۆكۈم قىلىدۇ».
 
  خې فېي ۋاڭ X كە ئەستايىدىللىق بىلەن تەكلىپ بېرىپ يەنە: «ئەڭ ياخشىسى ئەيىبلەشتىن بۇرۇن مەخسۇس تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا بېرىپ جاۋ X بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا قانۇننى چۈشەندۈرۈڭ، ئۇنىڭمۇ ھەممە ئادەمنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر ئىكەنلىكى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جاۋاپكارلىقىنىڭ چوقۇم سۈرۈشتۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
 
  دەرۋەقە، سوت مەيدانىدا جاۋ X جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى ھەمدە خې فېيغا رەھمەت ئېيتتى. ئاخىرىدا، ۋاڭ X نىڭ ئەپۇ قىلىش خېتى بولغانلىقى ئۈچۈن، جاۋ X مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۆت يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلدى.
 
  2012- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە خوتەن شەھىرىدىكى 28 كىشى ئىختىيارىي بىرلىشىپ بىرقانچە جايدا قىمار ئوينىغان، ھەربىر قاتناشقۇچى بەلگىلىك سوممىدا قىمارغا قاتنىشىش ھەققى تۆلىگەن. بۇنى ھەر قېتىمدا باشقا- باشقا ئادەملەر يىغىشقا مەسئۇل بولغان. خې فىي دەل موشۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولدى. دېلونىڭ يۈز بەرگەن ۋاقىت ئارىلىقى ئۇزۇن، دېلوغا چېتىشلىق ئادەم كۆپ بولغاننىڭ ئۈستىگە، 22 ئارخىپ، 4 مىڭ بەتتىن ئارتۇق يېزىقچە ماتېرىيال، نۇرغۇن دەلىل- ئىسپات كېرەك ئىدى. بۇنداق مۇرەككەپ دېلو ئەھۋالىغا قارىتا، خې فېي بىرەر تەپسىلاتنىمو بوش قويىۋەتمەي، دېلو ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇ دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ قىمارخانا ئېچىش جىنايىتىنى تۇرغۇزۇشقا يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. خې فېي بۇ توغرىدا: «ئەگەر مۇشۇنداقلا بېكىتىلسە، ئۇلارغا بەلكىم ئۈچ يىلدىن يەتتە يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن. ناۋادا توپلىشىپ قىمار ئويناش جىنايىتى بولۇپ چىقسا، ئۇنداقتا ئالاقىدارلار ئۈچ يىلدىن تۆۋەن جازالىنىدۇ. ئادەتتە ئوخشاش بولمىغان جىنايەتلەرنىڭ جازا ئۆلچىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، مەن چوقۇم ئەينەن دېلو پاكىتىنى تولۇق قولغا چۈشۈرۈپ، دەلىل- ئىسپاتلار ئارقىلىق ئەمەلىيەتنى ئىسپاتلاشنى ئويلىدىم» دېدى.
 
  دەرۋەقە، خې فېي قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە، بۇ دېلونىڭ بارلىق جىنايەت پاكىتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ھەمدە ئەيىبلەنگەنلەرنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرىنى ھەقىقىي، تولۇق ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، دېلو ماتېرىياللىرىنى بىر- بىرلەپ رەتلەپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارغا سىزىپ چىقىپ، باشقا دەلىل- ئىسپاتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقتى؛ قاماقخانىغا بېرىپ 28 جىنايەت گۇماندارى بىلەن بىر- بىرلەپ سۆھبەتلىشىپ، ئاغزاكى دەلىل- ئىسپات توپلىدى؛قىمارخانا ئېچىش ۋە توپلىشىپ قىمار ئويناشتىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان جىنايەتنىڭ شەكىللىنىش شەرتى ۋە دەلىل- ئىسپات ئۆلچىمىگە ئاساسەن، دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئوبيېكتىپلىقى، باغلىنىشچانلىقى، قانۇنلۇقلىقىنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. خې فېينىڭ خىزمەتنى مانا موشۇنداق ئىنچىكە، ئەستايىدىل ئىشلىشى نەتىجىسىدە دېلودىكى تولۇقلاشقا تىگىشلىك دەلىل- ئىسپاتلار ئاخىرى تولۇقلاندى ھەمدە بۇ دېلونىڭ سىرتقا قارىتا تىجارەت قىلىدىغان مۇقىم ئورنى يوق، ھەر بىر مەيدان قىماردا مۇقىم سومما سانى بېكتىلمىگەن، يەنە كېلىپ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ تەشكىللەش ۋە ئىش تەقسىماتى بولمىغان بولغاچقا، خاراكتېرى توپلىشىپ قىمار ئويناش جىنايىتىگە تەۋە دەپ بېكتىلدى. ئاخىرىدا 28 جىنايەت گۇماندارى خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن توپلىشىپ قىمار ئويناش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەندى ھەمدە مۇددەتلىك 1 يىللىقتىن 2 يىللىققىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
   خې فېي مۇنداق دېدى: ئەيىبلىگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن چوقۇم خىزمەتلەرنى ھېچقايسى تەرەپكە يان باسماي، ئۇۋال قىلماي ياخشى ئىشلىشىم كېرەك، شۇندىلا ئەدلىيەنىڭ ئادىللىقىدەك قانۇنچىل ئىدىيەنى نامايان قىلىپ، ئەيىبلەش خىزمىتىنىڭ «جان تومۇرى» نى قوغدىيالايمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى