قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 تەدبىرى كۆپنىڭ يولى ئۇچۇق

2018-10-11 19:44:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزا جىگدىلىك كەنتىدە نامرات نوپۇس كۆپ، ئاساسى ئاجىز، كىرىمنى ئاشۇرۇش قىيىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتكە بارغاندىن بۇيان، پىكىر يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئامال تېپىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشتى.
ھازىر جىگدىلىك كەنتىدىكى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 60 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان 73 يۈرۈش ئەمىن ئۆيدە ئېغىل- قوتان سېلىنىۋاتىدۇ. قۇرۇلۇشچىلار ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، قىش كىرىشتىن بۇرۇن قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا تىرىشماقتا. بۇ-- شۇ جايدىكى توققۇز نامرات ئاھالىدىن تەشكىللەنگەن دېھقانلار قۇرۇلۇش ئەترىتى بولۇپ، نامرات ئاھالە مۇساجان سالام ھازىر ئەترەتنىڭ پىشقان ئىشچىسى بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر كۈنلۈك ئىش ھەققىمنى 200 يۈەن بويىچە ھىساپلىغاندا، ئايدا 6 مىڭ يۈەن تاپىمەن. بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا 4 ئاي بولدى. 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم.
ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە جىگدىلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، كەنتتىكى 2 مىڭ 224 ئاھالە ئىچىدە، نامرات ئاھالىلارنىڭ %40 نى ئىگىلەيدىغانلىقى؛ كەنتتىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ 1.25 مو كېلىدىغانلىقى بىلىپ، نوقۇل تېرىقچىلىققىلا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ تولىمۇ قىيىنلىقىنى ھىس قىلدى. قانداق قىلغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ؟ خىزمەت ئەترىتى شۇ جاينىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ يىل 3- ئايدا دېھقانلار قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇپ، نەق مەيداندا تەربىيەلەپ، شۇ جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نۆۋەتتە، كەنتتىكى 13 قۇرۇلۇش ئەترىتىدە جەمئىي 110 ئادەم بار بولدى. 
شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نامرات ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلنى بىرلەشتۈرۈپ، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. نامرات ئائىلىلەر ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشتى. ھەر يىلى ھەر بىر ئائىلىگە 5 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. كوپىراتىپ يەنە يەتتە نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. تۇرسۇن مولنىياز شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا 8 ئاي بولدى. بۇ يىللىق كىرىمىم 17 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئىچىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشۇمدا گەپ يوق. بىزگە مۇشۇنداق ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن خىزمەت ئەترىتىگە شۇنداقلا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت ئېيتىمەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقتوقاي يېزا جىگدىلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى سۈن جيەنشىن مۇنداق دېدى: بۇ كالا فېرمىسى ھەر يىلى دېھقانلارغا 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. كەنت كوللېكتىپى 41 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. ھازىر، كالا سېتىشتىن قىلغان كىرىم بىر مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇ يەردە يەنە 100 دىن ئارتۇق كالا بار. سېتىپ بولغاندىن كېيىن، 3 مىليون يۈەن يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىشتا گەپ يوق.بۇ ئارقىلىق 2020- يىلىغا بارغاندا نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇپ، قايتا نامراتلاشماسلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى