قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

5- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە-چېۋە سودا يەرمەنكىسى باشلاندى

2018-10-11 19:46:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قۇماندانلىق ئىشتابى بىرلىشىپ باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان 5- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆزگىچە مېۋە- چېۋە سودا يەرمەنكىسى باشلاندى. ئاقسۇ ۋىلايىتى «ئاقسۇنىڭ ياخشى مېۋە- چېۋە يۇرتى» بولۇشتەك رايون ماركىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىتىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭى ئوبرازىنى نامايەن قىلدى.     
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى سودا يەرمەنكىسىدە «يېشىل ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا- كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز رايونلاشقان ماركا ۋە ئۆزگىچە مېۋە- چېۋە كەسپىي بەلبېغى بەرپا قىلىپ، جايلارنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش» نىشانىنى قەدەممۇ-قەدەم ئىشقا ئاشۇردىكەن.
بۇ قېتىمقى سودا يەرمەنكىسىدە ئۆتكەن يىللاردىكى يەرمەنكىگە ئوخشاشمايدىغىنى «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى باھالاش مۇسابىقىسى»، «2018- يىللىق ئاقسۇ-- جۇڭگو ياڭاقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى» ۋە «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بويىچە <10 شەھەر، 100 دۇكان> قۇرۇلۇشىدا ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى» ۋە «ئىشلەپچىقىرىش- سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى» قاتارلىق يېڭى مەزمۇنلار كۆپەيدى. بۇ يىلقى سودا يەرمەنكىسى يەنە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى سودىگەرلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە- چېۋە بازىلىرىغا ئاپىرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇش، مال سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى، توپ سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا كارخانلىرىنى جەلپ قىلىپ پائال تۈردە سودا كېڭىشى ۋە توختام ئىمزالاشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەييارلىق كۆردى.  نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە باغ ئومۇمىي كۆلىمى 5 مىليون موغا يەتتى. بۇنىڭدىن مېۋىگە كىرگەن باغ كۆلىمى 4 مىليون موغا يىتىپ، بۇ يىل مېۋە- چېۋە ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ 2 مىليون 350 مىڭ توننىغا، باغۋەنچىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 14 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى