قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ دېجۇ ئېشىكى دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا داغدام يول ئېچىپ بەردى

2018-10-11 19:47:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ شەلمىربۇخ بازىرى شەلمىربۇخ كەنتىدىكى دېھقان لىن شىنپىڭ بۇ يىل 85 ئېشەك باققان بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك دېجۇ ئېشىكى ئىدى. بۇ ئېشەكلەردىن ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ 20 كىلوگرام ئەتراپىدا سۈت سېغىلىدۇ، 1 كىلوگرام سۈتنىڭ بازار باھاسىنى 100 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر كۈنلۈك كىرىم 2 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە، يىللىق ساپ كىرىم 200 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. قىلچە كۆپتۈرمەستىن ئېيتىقاندىمۇ ئىشەكچىلىك كەسىپ يولىغا ماڭغان لىن شىنپىڭ بېيىشنىڭ داغدام يولىغا راۋان بولغان ئىدى.
لىن شىنپىڭ --85- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان، يېڭى ئىدىيەگە ئىگە، ئىگىرىلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان دېھقان. ئىلگىرى ماشىنا ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلىپ جاھاندارچىلىق قىلىپ ئائىلە تۇرمۇشىنى قامدىغان بولۇپ، يىلبۇيى تارتقان جاپاسىنى دېمىگەندىمۇ، تۈزۈكرەك پۇل تاپالمىغانىدى. لىن شىنپىڭ 2015- يىلى شەلمىربۇخ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، 3 ئېشەكنى سىناق قىلىپ بېقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، دېجۇ ئېشىكىنى داۋاملىق كىرگۈزۈپ بېقىشقا باشلىدى. دېجۇ ئېشىكىنىڭ گەۋدىسى چوڭ بولۇپ، بۇرۇن ئەتراپى، كۆز ئەتراپى، قورساق ئاستى ئاقۇمشۇل بولغاچقا ئالا ئېشەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ.  
  لىن شىنپىڭ مۇنداق دېدى: 3 يىلغا يېقىن سىناق قىلىپ بېقىش ئارقىلىق، مەن مول باقمىچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە بولدۇم، ئېشەكلىرىمدىن ساغقان سۈتنىڭمۇ نىسبەتەن مۇقىم سېتىلىش يولىنى ئاچتىم. ئەمدىلىكتە باقمىچىلىق تەجرىبەمنى باقمىچىلىق ئارزۇسى بار دېھقانلارغا ھەقسىز ئۆگىتىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق بېيىساق دەيمەن.
لىن شىنپىڭ يەنە مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە كۆلەملەشكەن باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئويۇم بار. ئېشەك ئارىلاشما بوغۇز يەيدىغان ھايۋانغا تەۋە، ئاز بوغۇز يەپلا قالماي، بەلكى يەنە ئاسان باققىلى بولىدۇ، بوغۇز  تاللىمايدۇ، كۆممىقۇناق، بۇغداي ۋە تۈرلۈك شاخ- شۇمبىلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىشكە بولىۋىرىدۇ. يەم تەڭشەشمۇ بەكلا ئاددى بولۇپ، ھەر كۈنى بىر نەچچە باغلام يېشىل ئوت- چۆپ تاشلاپ بەرسەكلا بولدى. مۇھىمى ئېشەك ئۆي ھايۋانلىرى ئىچىدە ئەڭ پاكىز ھايۋان، ئەزەلدىن خالىغانچە سىيىپ- تېزەكلىمەيدۇ. بۇمۇ مېنىڭ ئېشەكچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تاللىشىمنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئەلۋەتتە.
لىن شىنپىڭنىڭ ئارزۇسى-- ئېشەكنىڭ قوتان قالدۇقىنى 200 گە يەتكۈزۈش، ئاندىن يەنە ئېشەك باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئاممىنى ئۆزى بىلەن تەڭ بېيىتىش. بۈگۈنكى كۈندە، لىن شىنپىڭ بۇ ئارزۇسىغا بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا.خېجىڭ ناھىيەلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ شەلمىر بۇخ بازىرى شەلمىر بۇخ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى بادمالا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېشەك يىرىك بېقىپ باشقۇرۇشقا چىداملىق، ماسلىشىشچانلىقى، كېسەلگە تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك، باشقۇرۇش ئاسان، يېتىلىش ۋاقتى قىسقا، يايلىتىپ بېقىشقىمۇ، قوتاندا بېقىشىقىمۇ ماس ھايۋان بولۇپ، يېزىلاردا بېقىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. ئېشەكنىڭ يەم- خەشەك، ئوت- چۆپ مەنبەسى كەڭ، ئوت- چۆپ يېتىشمىگەندە، شاخ- شۇمبىلارنى خەم- خەشەك قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىمىز لىن شىنپىڭدەك ئېشەك باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئېشەك باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىشەك باقمىچىلىقىنى دېھقانلىرىمىزنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىدىغان ھەقىقىي ئالتۇن كەسىپكە، داغدام بېيىش يولىغا ئايلاندۇرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى