قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چۆچەك شەھىرى كۆممىقۇناقتىن مول ھوسۇل ئالدى، دېھقانلارنىڭ قەلبى شاتلاندى

2018-10-11 19:49:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالتۇندەك كۈز ئايلىرى ئەتراپ مول ھوسۇل شاتلىقىدا قاينايدىغان ئەلۋەك پەسىل. چۆچەك شەھىرىنىڭ قاراقاباق يېزىسى قوس قاباق كەنتىدىكى ئاشلىق قۇرۇتۇش مەيدانىدا، دېھقانلار يېيتىلغان كۆممىقۇناقلىرىنى يىغىۋېلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ بەزىلىرى كۆممىقۇناقلارنى سويۇش بىلەن، يەنە بەزىلىرى كۆممىقۇناقلارنى تاغارغا قاچىلاش بىلەن، يەنە بەزىلەر لىققىدە قۇناق قاچىلانغان تاغارلارنىڭ ئاغزىنى ھىممىدە ئېتىپ ئاپتوموبىلغا بېسىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراشلىقتا يېتىشەلمەيلا قالغاچقا، ئەتراپتا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان قاينام- تاشقىنلىققا تولغان مول- ھوسۇل مەنزىرىسى شەكىللەنگەنىدى.
ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جېڭيۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل 500 مو يەرگە سىناق تەرىقىسىدە ئۇرۇقلۇق كۆممىقۇناق تېرىپ، تەخمىنەن 225 توننا ھوسۇل ئالدىم، ھەر كىلوگرامىنى 2 يۈەنلىك باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، كىرىمىم يەنىلا ياخشى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. قۇناق تېرىۋىدىم، چۆچەك شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ كەنتىمىزدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداشلار دائىم ماڭا ياردەملىشىپ، دېھقانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، قۇناقلارنى پەرۋىش قىلىشىمىغا قولمۇ- قول يېتەكچلىك قىلدى ۋە مېنى قۇناق باشقۇرۇش، پەرۋش ھالىقلىرىدىكى ئالاقىدار تېخنىكىلار بىلەن تەربىيەلىدى. ئەگەر خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، كۆممىقۇناقتىن بۇنچىلىك ياخشى ھوسۇل ئالالىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
چۆچەك شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ قوس قاباق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى جۇۋ يوڭجىن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم جايلار يەنىلا كۆممىقۇناق تېرىقچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇرۇقلۇق كۆممىقۇناق تېرىقچىلىقىنىڭ ئىستىقبالىنى ھىلىھەم ياخشى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېرىغىنىمىز زاكازقا ئاساسەن تېرىلغان ئۇرۇقلۇق قۇناق بولغاچقا، دېھقانلارنىڭ ئۇرۇقلۇق كۆممىقۇناقلىرىنى سېتىپ چىقىرىشىدىن غەم قىلىشى ھاجەتسىز.ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلامچىسى ۋاڭ جېڭيۇ ئۇرۇقلۇق كۆممىقۇناق تېرىقچىلىقىدىن ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئالدى. لېكىن، قۇناقلارنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ، ماشىنىغا بېسىش ھەم پۇل ھەم كۈچ كېتىدىغان ئىش بولغاچقا تازا بېشى قاتتى. دەل شۇ پەيىتتە، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» دىكى كادىرلار ئۇنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى بىلىپ دەرھال ياردەمگە كەلدى. توغرىسى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا قاراقاباق دېھقانلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى