قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ‹سۈپەتتە كۈچلۈك رايون› بەرپا قىلماقتا

2018-10-11 19:15:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونىمىز سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ‹سۈپەتتە كۈچلۈك رايون› بەرپا قىلماقتا
باش شۇجى شى جىنپىڭ: «تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مەۋقەسىنى سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە يۆتكەش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە تارماقلار سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، «سۈپەتتە كۈچلۈك رايون» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرمەكتە.
 شىنجاڭ «لەنشەن- تۈنخې» خىمىيە سانائىتى چەكلىك پاي شىركىتى خىمىيە سانائىتى خام ئەشيا ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ كونترول قىلىش ئۆيىدە، ئىنژېنېر ۋۇ ئەيزۇڭ چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن ئىشلەپچىقىرىشنى كونترول قىلىش سىستېمىسىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ مۇخبىرغا ھازىر شىركەت ئىشلەپچىقارغان خىمىيە سانائىتى خام ئەشىيا مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2014- يىلى 3- ئايدا، شىركەتكە بۇ ھۈنەر- سەنئەت تېخنىكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزگەندىن كېيىن، بىز ئىشلەپچىقىرىشنى كونترول قىلىش جەريانىنى ئۈزۈكسىز ياخشىلاپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قېرىنداش كارخانىلارغا ئۆگىنىشكە ئەۋەتتۇق. شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يېتەكچىلەر شاگىرت تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. ھازىر بىز بۇ بىر يۈرۈش كونترول قىلىش سىستېمىسىدا پىششىق مەشغۇلات قىلالايدىغان بولدۇق. مەھسۇلات سۈپىتىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپلا قالماي، مۇھىت بۇلغىنىشىنى تېخىمۇ ئازايتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتەلەيمىز.
بۇلتۇر 2- ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز «سۈپەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارار» نى ئېلان قىلدى ھەمدە كارخانىلارنى سۈپەت ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى تەڭلا باشلاپ، مىڭ كارخانىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك كارخانا، دانا باشقۇرغۇچىلار ۋە تېخنىكا تايانچلىرىنى تەربىيەلەپ، كارخانىنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. شىنجاڭ «لەنشەن- تۈنخې» خىمىيە سانائىتى چەكلىك پاي شىركىتى-- يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىيال كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۈپەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى. شىركەتنىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى جاڭ خۈەيلىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەش سىياسىتى ۋە شىركەتنىڭ تەربىيەلەش سۇپىسىغا تايىنىپ، بىر قاتار ئادەتتىكى بىلىملەر، ماھارەت مەشغۇلاتى تەجرىبىلىرى توپلىنىپ، خاس ماھارەتلەر يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇستاز شاگىرت يېتەكلەش، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىغا ئەۋەتىپ تەربىيەلەش، چەتئەلگە ئۆگىنىشكە ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شىركەتتىكى 2 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ۋە ئىشچى- خىزمەتچىنى تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلىدۇق. شىركەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىيال مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېرىدارلارنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدۇق.
ئاپتونوم رايونىمىز «سۈپەتتە كۈچلۈك رايون» ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم نۇقتىنى مەھسۇلات، قۇرۇلۇش، مۇلازىمەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپكە قارىتىپ، دەرىجىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. بورتالا شەھىرى بۇ يىل قۇرۇلۇش سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر بىر قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. بورتالا شەھەرلىك قۇرۇلۇش سۈپەت- بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئورنىنىڭ باشلىقى چياۋ خۇڭلىڭ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن سېلىنغان ھەر بىر قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلاشتىن بۇرۇن ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئالدىن يولغا قويۇپ، سۈپەتتە نۇقسان بولۇشنىڭ ئالدى ئېلىندى. بەلگىلىك كۆلەمدىن ئېشىپ كەتكەن قۇرۇلۇش مەيدانلىرىدا رەقەملەشكەن ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇش نەق مەيدانى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈپەت ئەرز بۆلۈمى قۇرۇلۇپ، سۈپەت ئەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولدى.
 نۆۋەتتە، «سۈپەتتە كۈچلۈك رايون» ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم ھالقا بولغان «سۈپەت ئارقىلىق ناھىيە- شەھەرنى گۈللەندۈرۈش، سۈپەت ئارقىلىق كارخانىلارنى گۈللەندۈرۈش» پائالىيىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا. شىخەنزە شەھىرى مەملىكەت بويىچە «سۈپەتتە كۈچلۈك شەھەر» بولۇپ باھالاندى. شىخەنزە شەھىرى 460 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، سۈپەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان سۇپا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك تەكشۈرۈش- ئۆلچەش مەركىزىدىن 3 نى، ئۆلكە دەرىجىلىك تەكشۈرۈش- ئۆلچەش ئاپپاراتىدىن 26 نى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ئورۇنلار-- يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، سانائەت مەھسۇلاتلىرى، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلدى. شىخەنزە شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مېڭ شيەنفېڭ مۇنداق دېدى: ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئارقىلىق، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، مەھسۇلات سۈپىتى، قۇرۇلۇش سۈپىتى، مۇلازىمەت سۈپىتى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلۈپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئامما، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە ۋە ئەڭ گەۋدىلىك سۈپەت مەسىلىلىرى چۆرىدىلىپ، سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، سۈپەتكە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىلدى. ئامما خاتىرجەم يېيىش، ئازادە ئىشلىتىش، خاتىرجەم تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز سۈپەت ماركا قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، مەملىكەت بويىچە داڭلىق ماركا يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن 8 نى قۇردى. نۆۋەتتە، ئونسۇ ياڭىقى، خوتەننىڭ قولدا توقۇلغان يۇڭ گىلىمى، قاناس ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شامال ئېلېكتىر كەسپى، سانجى چارۋا مال ۋە ئۆي قۇشلىرى نەسىل مەنبەسى كەسپىي قاتارلىق مەملىكەت بويىچە داڭلىق بەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىنىۋاتىدۇ. ئونسۇ ناھىيەسى 700 مىڭ مو يەردىكى ياڭاقلىققا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى. ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دېڭ خاۋ مۇنداق دېدى: دۆلەت دەرىجىلىك ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچىلاشقان رايونى قۇرۇپ، 20 چوڭ كارخانىنى ماكانلاشتۇرۇشنى پىلانلىدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش، تاللاپ دەرىجىگە ئايرىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىدىن 6 سى بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. ئۇلار ئىشلەپچىقارغان ياڭاق يېغى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، 1-، 2-، 3- كەسىپ بىرلەشكەن ھەرىكەت تەرەققىياتى ئارقىلىق، داڭلىق ماركىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى