قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ئىراقنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى بەرھەم سالىھقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018-10-11 18:45:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 9- كۈنى بەرھەم سالىھقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئىراق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىراق ئەنئەنىۋى ياخشى دوست، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم. سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، ئىراقنىڭ سىياسىي جەھەتتە يارىشىش ۋە ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۆز دۆلىتىڭلارنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ئىزدىنىپ، داۋاملىق تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. مەن جۇڭگو- ئىراق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئىراق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو- ئىراق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى