قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىسى كۆكيار» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك مۇلاھىزىنىڭ «كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى يېشىللىق رىۋايىتىنى بارلىققا كەلتۈردى» دېگەن 1- قىسمى

2018-10-12 09:34:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇدا 30 يىل جاپالىق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇق- تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئاقسۇ كۆكيار ئىلگىرىكى گۈل- گىياھ ئۈنمەيدىغان تىك جىلغىدىن بۈگۈنكى كۈندە 1 مىليون مو كۆلەمدىكى ياپيېشىل دەل- دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان مېۋىلىك باغقا ئايلاندى. قۇملۇققا ئاران 6 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاقسۇ شەھىرى غەربىي شىمالدىكى تۇنجى «دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان شەھىرى» بولۇپ باھالاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ مۆجىزىنى «دۇنيادىكى 500 گۈزەل مۇھىت» قاتارىغا كىرگۈزدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئەمەلىيەت ئارقىلىق «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق- ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق»، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەننى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. كۆكياردىكى يېشىللىق رىۋايىتى قانداق كېلىپ چىقتى؟ ئۇ يەنە بىزگە قانداق مەنىۋىي كۈچ ئاتا قىلدى؟ بۈگۈندىن باشلاپ، ئىستانسىمىز «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىسى كۆكيار» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك مۇلاھىزىنى ئاڭلىتىدۇ. تۆۋەندە «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىسى كۆكيار» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك مۇلاھىزىنىڭ «كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى يېشىللىق رىۋايىتىنى بارلىققا كەلتۈردى» دېگەن 1- قىسمى
  كۈز پەسلى- مول ھوسۇل پەسلى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانى قويۇق ئۆسكەن ئورمانلار كۆپكۆك ئاسماننى توسۇۋالغانىدى، قىپقىزىل چىلانلار شاخلاردا ئوخشاپ كەتكەنىدى.
يېشىل دەل-دەرەخلەر، قىزىل مېۋە- چىۋىلەر، كۆپكۆك ئاسمان ئورمانچىلىق مەيدانىدا ئاساسلىق رەڭ بولۇپ قالغانىدى. 32 يىل ئىلگىرى، ئورمانچىلىق مەيدانى بىر پارچە قاقاسلىق ئىدى. 50 ياشقا كىرەي دەپ قالغان ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇن ياسىن ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلا كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان ئىدى. ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئوخشاپ كەتكەن چىلانلارنى كۆرۈپ، چوڭقۇر ئويغا پاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ 1-، 2-، 3- قارارلىق قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان. ھازىر بۇ يەردىكى ياپيېشىل مەنزىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، ئەينى چاغدا كۆچەت تىكىشتىن بۇرۇنقى ئەھۋال يادىمغا كېلىپ، ياش تۆككۈم كەلدى.
كۆكيار دېگەن ئىسىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى كۆك رەڭلىك تىك يار بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۇ شەھىرى ۋە ئونسۇ ناھىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر پارچە قاقاسلىق، شۇنداقلا شۇ جايدىكى قۇم- بوراننىڭ مەنبەسى ئىدى. بىر يىلنىڭ 360 كۈنىدە، 100 كۈنگە يېقىن قارا بوران چىقىپ كۆكياردىكى سېرىق قۇمنى شەھەر ۋە يېزىلارغا ئۇچۇرۇپ باراتتى، بىر يىلدا بىر مەيدان قۇم بوران چىقىپ، نەچچە ئون مىڭ مو يەردىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتەتتى. شەھەر رايونىغا ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقى ھەر يىلى بەش مېتىر سۈرئەت بىلەن ئۈزلۈكسىز يېقىنلىشىۋاتاتتى. ئەگەر تىزگىنلىمىسە، بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئاقسۇ 2- كىرورەن قەدىمىي دۆلىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ھازىر بۇ رايوندا، كىشىلەر يىراقنى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى، يىراققا نەزەر سالغاندا ھەممە يەرنى بۈك- باراقسان دەرەخلەر ئوراپ تۇرىدۇ، ئېگىزلىرى ئاق تېرەك، پاكارلىرى ئالما، چىلان، ياڭاق دەرەخلىرى. سۈنئىي ھەمراھنىڭ يىراقتىن سېزىش سۈرىتىگە قارىساق، كۆكيار ھازىر كەڭلىكى 47 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورمان بەلبىغى بولۇپ شەكىللىنىپ، قۇم- بوراننىڭ شەھەرگە ھوجۇم قىلىشىنى توسۇپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
نېمە كۆكياردىكى يېشىل رىۋايەتنى بارلىققا كەلتۈردى؟ بۇنىڭغا كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىزگە ئېنىق جاۋاب بەردى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شۇجىسى شيې فۇپىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئاقسۇ خەلقىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسى كۆكيارنىڭ يېشىل رىۋايىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.
1985- يىلى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شيې فۇپىڭ كوممۇنىستلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ئارزۇسى بىلەن ئاقسۇنىڭ ناچار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆكياردىن ئىبارەت بۇ قۇم- بورانلىق جاينى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئاقسۇ خەلقىگە كۆڭۈلدىكىدەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق ئاماللار بىلەن بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشقا ئاتلاندۇق. خەلققە تايانساقلا، ھەممە ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ.
«ئونسۇ ناھىيەسى تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە مىنگو دەۋرىدە يەرلىك ئەمەلدارلار بۇرۇن كۆپلىگەن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچنى ئىشقا سېلىپ، قۇدۇق قېزىپ، ئېرىق چېپىپ، كۆچەت تىكمەكچى بولغان، لېكىن ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولمىغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا، ئاقسۇ شەھەر رايونىدىن ئۆستەڭ سۈيىنى بۇ يەرگە باشلاش تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن، سۇ باشلاش ئورنى توغرا بولمىغانلىقتىن، قۇرۇلۇش تاشلىنىپ قالغان. شۇڭا، كۆكيارنى كۆكەرتىش توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق يىغىندا مۇزاكىرە ئىنتايىن كەسكىن بولغان. لېكىن، ناچار ياشاش مۇھىتىنى تېزدىن ياخشىلاشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئارزۇ ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى بىر يەرگە مۇجەسسەملىگەنىدى.
83 ياشقا كىرگەن بى كېشيەن ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان بولۇپ، شيې فۇپىڭ بىلەن قىلىشقان تالاش- تارتىش ھېلىمۇ ئۇنىڭ ئېسىمدە بار ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىز ماڭا سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىڭ، ئاندىن ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بۇ ئىشنى ئورۇندايمەن، سۇ، ئادەم بولسىلا قىلىمەن، دېگەنتىم. چۈنكى، مەن تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانىدا 30 يىل باشلىق بولغانتىم. مەن بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشقا بەل باغلىدىم، مەن تېخنىكا جەھەتتىن تەدبىر ئويلاپ، شيې شۇجىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ياخشى مەسلىھەتچىسى بولغانتىم.
ئىلمىي پىلانلاش، ئىنچىكە قۇرۇلۇش قىلىش- كۆكيارنىڭ يېشىللىق رىۋايىتىگە ئاساس سالدى.
ئەينى چاغدا، دۆلەت مەبلەغ سېلىپ تۈر تۇرغۇزماسلىق، سۇ مەنبەسى بولماسلىق، يەر شەكلى مۇرەككەپ بولۇش، يەر شورلۇق بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن قۇرۇلۇش تېخنىك خادىملىرى كۈتۈپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، ئاددىي ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، تۇپراق قۇرۇلمىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئورمان بىنا قىلىش پىلانىنى مۇۋاپىق تۈزۈپ چىقتى. ئەينى چاغدا، بى كېشيەن ئىشخانىنى قۇرۇلۇش ئورنىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، چېدىر تىكىپ، چىدىردا قونۇپ ئىشلىدى. توپا بەك كۆپ ياغقاچقا، ئادەم يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە توپا ئادەم بولۇپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن بى كېشيەن تېخنىكلار بىلەن يېرىم يىلدىن ئارتۇق دالىدا يېتىپ قوپۇپ، تۇپراقنىڭ 58 كەسمە يۈزىنى ئىنچىكە فىزىكا- خىمىيىلىك ئانالىز قىلدى، يەنە ۋىلايەتنىڭ ھەر قايسى ئورمانچىلىق مەيدانلىرىدىن 72 ئىشچى ئاجرىتىپ، ئۇلارغا كۆچەت تىكىش كۆچەت يېتىشتۈرۈشنى ئۆگەتتى. بى كېشيەن مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا مەن تۇپراقنى لابوراتورىيەلىك تەكشۈرگەندە، تۇپراق تەركىبىدىكى تۇرنىڭ نىسبىتى 2.87 پىرسەنت چىقتى. تۇز تەركىبى 1 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتسە، كۆچەت تۇتمايتتى، قانداق قىلىش كېرەك؟ كۈزدە شورنى بېسىپ، ئەتىيازدا كۆچەت تىكىشنى سىناق قىلدۇق. 1987- يىلى ئەتىيازدا تىككەن كۆچەتلەرنىڭ 6 - ئايدىكى تۇتۇش نىسبىتى 87.3% كە يېتىپ، دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتتۇق، دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى 85 پىرسەنت ئىدى، تۇنجى يىلىلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزنى ئويلىمىغان ئىدۇق.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى