قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز «ئىدراكلىك شەھەر» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومومىيۈزلۈك يۇقىرى كۆتىردى

2018-10-12 09:41:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار «ئىدراكلىك شەھەر» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئالاقە تورى ئاساسىدىكى داۋالاش، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، مائارىپ، ساياھەت، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مۇلازىمەتنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىستېمال تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.
9- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى ئىدراكلىك نوپۇس بېجىرىش زالى كورلا شەھىرىدىكى «سايباغ» ساقچىخانىسىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئاھالىلەر ئاپتوماتىك تېرمىنال ئارقىلىق كىملىكنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇش، نوپۇس ئۆزگەرتىش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپلەرنى بېجىرەلەيدۇ. كورلا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق جاۋ شۆچىن سىچۈەن نوپۇسىدىن بولۇپ، كىملىكى يۈتۈپ كەتكەچكە، باشقا جايدا كىملىكنى تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كىملىكنى تولۇقلاپ بېجىرىش ئۈچۈن چوقۇم يۇرتىمىزغا قايتىشىمىز كېرەك ئىدى. ئەمما، ھازىر بېرىپ- كېلىش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلىنىپلا قالماي، كىمىلىكنى تولۇقلاپ بېجىرىش ۋاقتىمۇ قىسقارتىلدى. بۇ قېتىم كىملىكىمنى يېرىم ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تولۇقلاپ بېجىرىپ بولدۇم، بىزگە ھازىر زور قۇلايلىق يارىتىلدى. «سايباغ» ساقچىخانىسىنىڭ نوپۇس ساقچىسى ليۇ فاڭ مۇنداق دېدى: ئامما بارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشتىن بۇرۇن توردا مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. بىز بۇنىڭغا دەرھال جاۋاب قايتۇرىمىز. ھازىر توردا ئالدىن كېلىشىش ئىقتىدارىنى يولغا قويدۇق. مەھەللە ئىجتىمائىي رايونلىرىدىكى 13 ساقچىلار ئىش بېجىرىش ئورنى بىردەك ئالدىن كېلىشىپ قويۇشنى قوبۇل قىلىپ، مەسلىھەت سورىغۇچىلارنى نوپۇس ۋە كىنىشكا بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
2014- يىلىدىن بۇيان، كورلا شەھىرىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئىدراكلىق شەھەر بەرپا قىلىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شەھەر بويىچە ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى، ئىدراكلىك باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردە ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئەمەلىي سىستېمىسى، رەقەملىك شەھەر باشقۇرۇش، رەقەملىك پىلانلاش قاتارلىق 19 خىل ئىدراكلىك ئۇل تۈرى ۋە قوللىنىش قۇرۇلۇشى تەشكىللەپ يولغا قويۇلۇپ، ئىدراكلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.
كورلا شەھىرىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ئىدراكلىك شەھەر بەرپا قىلغانلىقىنىڭ كارتىنىسى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈرۈمچى، كۈيتۈن، قاراماي، قاناس مەنزىرە رايونى قاتارلىق ئىدراكلىك شەھەر، ئىدراكلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى ئاساسىدىكى بىر تۈركۈم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مۇلازىمەت كەسىپلىرى تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، قاناس مەنزىرە رايونى ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم ئىدراكلىك مەنزىرە رايونى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە مەنزىرە رايونى بېلەت سۇپىسى، نازارەت قىلىش سىستېمىسى، نەرسە تورى سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق بىرىكتۈرۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ تىجارەت يۆنىلىشىنى ئىگىلەش، تىجارەتنى ئىلمىي تەشكىللەش، مۇلازىمەت باشقۇرۇشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى سانلىق مەلۇماتلارنى قوللاش ۋە پايدىلىنىش ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇ خەنمىن مۇنداق دېدى: بۇ خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى شىنجاڭغا كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا ياخشى ساياھەت قىلىش شارائىتى ھازىرلاپ بەردى. بۇ پۈتكۈل ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ھالقا بولۇپلا قالماي، يەنە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەتچىلەرگە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلارنى ھىس قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم «كۆۋرۈك» ھىسابلىنىدۇ.  
ئاپتونوم رايون بۇ يىل 6- ئايدا «شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» نى ئېلان قىلىپ، ئىدراكلىك داۋالاش، ئەقلىي تەربىيە، ئىدراكلىك ساياھەت، ئىدراكلىك مەھەللە قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئاقسۇ شەھىرى «پىكىر» دىكى تەلەپ بويىچە يېڭىچە مائارىپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش شەكلىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ بايلىقى بىلەن ئالاقە تورىنى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئەتراپلىق تور مائارىپى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
ئاقسۇ شەھەرلىك 2- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6- يىللىق يىراق مۇساپىلىق دەرس ئۆتۈش سىنىپىدا، بالىلار تېكىست ئوقۇماقتا ئىدى. بۇ مەكتەپكە 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى يۇقارقى غالدىر كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6- يىللىقىدىكى بالىلار تور ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ماس قەدەمدە دەرس ئاڭلاۋاتاتتى. بۇ يىل ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردىن بولۇپ جەمئىي 1 مىڭ 743 سىنىپقا 30 مىگابايتلىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا ئورنىتىلدى ھەمدە 75 بىۋاستە سىنغا ئېلىپ ئاڭلىتىش سىنىپى قۇرۇلدى. بىۋاستە سىنغا ئېلىپ ئاڭلىتىش سۇپىسى ئارقىلىق ھەر قايسى مەكتەپلەر ئارىسىدا ئوقۇتۇش پائالىيىتى، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش، تور ئوقۇتۇش تەتقىقاتى قاتارلىق تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇلۇپ، گۇروھلاشقان ئەزا مەكتەپلەر ئارىسىدىكى بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چۈەنجىن مۇنداق دېدى: مەركەزلەشتۈرۈپ مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى كەمچىل بولۇش، رايون پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىندى. ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى بالىلار داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ دەرس بايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، يېزىدىكى بالىلارمۇ شەھەردىكى داڭلىق مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى.            
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىدراكلىك شەھەر قۇرۇلۇشى قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈرۈمچى، قاراماي، كورلا قاتارلىق شەھەرلەر يېتەكلەيدىغان، كۆپ جاي ئىدراكلىك شەھەرلەرنى تېز بەرپا قىلىدىغان يېڭى ئەندىزە دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گو يۈفېڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى، كورلا، قاراماي، كۈيتۈن قاتارلىق ئىدراكلىك شەھەرلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ھەر بىر ئىدراكلىك شەھەرنىڭ ئىدراكلىك تۈرىنى ۋاستە قىلىپ، ھەر بىر شەھەر ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، ئىدراكلىك شەھەر تۈرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىدراكلىك شەھەر، ئىدراكلىك جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى