قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياشلىق باھارىنى تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق جۇلالاندۇرۇش

2018-10-12 11:18:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
90- يىللاردا تۇغۇلغان گاۋ يالى ئارشاڭ ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ تاشيۇ يېزا چۇبۇلىدا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. 2012- يىلى ئۇ ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانىغا ئاۋاز قوشۇپ، شەنشىدىن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلدى ۋە ئولتۇراقلاشتى. گاۋ يالى بۇلتۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى ھەمدە بۇ يىل داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشنى تاللاپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى.
ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ تاشيۇ يېزا چۇبۇلىدا كەنتىدە، گاۋ يالىنىڭ «گاۋ خەرىتىسى» نى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. گاۋ يالى بۇلتۇر كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت ئىشلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، كەنت ئەھۋالىنى تېزدىن پىششىق بىلىش، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاۋۋال نوپۇس دەپتىرىدىن قول سېلىپ، خىزمەت خەرىتىسى سىزىپ، ھەربىر كوچا نامى ۋە ھەر بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، مۇناسىۋىتى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئېنىق بەلگىلىدى. ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بۇنى «گاۋ خەرىتىسى» دەپ ئاتاشتى. بۇ خەرىتە ئۇنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. ئارشاڭ ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تاشيۇ يېزا چۇبۇلىدا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جى جيەنچياڭ مۇنداق دېدى: خەرىتىگە قاراپلا ھەممىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. بىزنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىمىزدىكى خادىملارنىڭ ئۇچۇرى، يەنە ئائىلىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى بىۋاسىتە كۆرەلەيمىز. خەرىتىدىكى بەلگىلەر ناھايىتى ئېنىق، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش نىسبەتەن قۇلايلىق».
گاۋ يالى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا، كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن مامۇتنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بارلىقىنى بايقاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تۇغقان بولدى. بۇلتۇر 1- ئايدا تۇرسۇن مامۇتنىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇ ئەسلىدىنلا تۇرمۇشى غورىگۈل ئۆتەۋاتقان بۇ ئائىلىنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. گاۋ يالى تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭغا 8 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك دۇختۇرخانىدا يېتىش ھەققى توپلىدى. 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تۇرسۇن مامۇتنىڭ كېسىلى يەنە ئېغىرلىشىپ، قان تازىلاش جەريانىدا بۆرەك زەئىپلەشتى. ئەمما، دوختۇرخانىدا قان مەنبەسى يېتىشمىگەنلىكتىن، AB تىپلىق مۇسبەت قانغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى. گاۋ يالى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن كېچىلەپ خىزمەتداشلىرىنى دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەقدىم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇنىڭ كېسىلىنى تىزگىنلىدى. تۇرسۇن مامۇت مۇنداق دېدى: بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز. ئۇ بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر ۋاقىت ياردىمىنى ئايىمايدۇ، بىزمۇ ناھايىتى تەسىرلەندۇق.
گاۋ يالى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈندىدار ۋە مىكرو بىلوگدىن پايدىلىنىپ، «چۇبۇلىدا يېشىل كۆكتات بازىرى» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇپ، دېھقانلارنى ئۆزىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سۇپىدا كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشقا ئىلھاملاندۇردى. چۇبۇلىدا كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى تېزلا بازار تاپتى. ئۇ يەنە ئاممىنى ئەمگەك- مۇلازىمەت ۋاستىچىلىرى قوشۇنى ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار «قاتناش كاپالەت ئەترىتى» ۋە «چۇبۇلىدا كەنتىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناملىق ئىشلەمچىلىك ئۇچۇرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ئۈندىدار توپى قۇردى، 71 ئائىلىدىكى 153 ئاممىنى ئىشلەمچىلەر قوشۇنىغا قوبۇل قىلىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. گاۋ يالى مۇنداق دېدى: «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىككى يىلدىن بۇيان، ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش نىشانىم تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. مەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىمەن. بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، پۇقرالارغا ھەقىقىي ياردەم قىلىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى