قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كېرىيەلىك يىگىت مەمەتئېلى مەتتۇرسۇننىڭ ‹بەخت نېنى›

2018-10-12 11:20:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئەينى يىللاردا باشقىلاردىن نان يېقىشنى ئۆگىنىپ شاگىرت بولغان مەمەتئېلى مەتتۇرسۇن ھازىر ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كۈندە نەچچە ئون مىڭ نان ساتىدىغان ناۋايخانىنىڭ خوجايىغا ئايلاندى. كېرىيەدىن كەلگەن بۇ يىگىت تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى.
مەمەتئېلى مەتتۇرسۇن ھەر كۈنى ئەتىگەندە ناۋايخانىغا كېلىپ تۇنجى بولۇپ ناۋايلار ياققان نانلارنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش ئارقىلىق نانلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مەمەتئېلى مەتتۇرسۇن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ناۋايلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، كېرىيە ناھىيە بازىرىدىكى پېشقەدەم ئۇستاملارغا ئەگىشىپ ئىككى يىل شاگىرت بولدى. ئۇ تىرىشچان بولغاچقا، ئۇستازى ئۇنىڭغا ناۋايلىق ھۈنىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەتتى. 2009- يىلى مەمەتئېلى مەتتۇرسۇن بىر يۇرتدىشىغا ئەگىشىپ شاڭخەيگە كېلىپ نان ياقتى. ئۇ ئىشلىرى خېلى يۈرۈشۈپ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈستىدە پىلان تۈزۈۋاتقاندا، ئاتا- ئانىسىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال يۇرتىغا قايتىپ ئاتا- ئانىسىغا ھەمراھ بولدى ھەمدە ئۆيىنىڭ ئالدىدا بىر ناۋايخانا ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ناۋايلىقنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. نان ياققاندا قانچىلىك چارچىساممۇ ئېغىر كەلمەيدۇ. دەسلەپتە ياققان نانلىرىمنىڭ يېرىمى بۇزۇلۇپ قالاتتى، ھەتتا بەزىلىرى كۆيۈپ كەتكەچكە، قانداق قىلارىمنى بىلمەي قالاتتىم. 
مەمەتئېلى مەتتۇرسۇن نان يېقىشتا يولۇققان بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس يېزىغا بېرىپ پېشقەدەم ئۇستاملارنى ئىزدەپ ئۇلاردىن بۇ توغرۇلۇق مەسىلىلەرنى سوراپ، ئۇلارنىڭ نان يېقىش جەريانىنى تەپسىلىي ئۆگىنىپ، ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن قايتا- قايتا مەشىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ياققان نانلىرى ناھايىتى چىرايلىق ھەم مەزىللىك پىشتى. ئۇنىڭ نانلىرىنى سېتىۋالىدىغان خېرىدارلارمۇ تەدرىجىي كۆپەيدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شاڭخەينىڭ تونۇرلىرى بۇ يەردىكى تونۇرلارغا ئوخشىمايلا قالماي، نان يېقىشقا ئىشلىتىدىغان ئۇنمۇ ئوخشىمايدىكەن. شاڭخەيدە نان يېقىشتا كۆمۈر ئىشلىتىلسە، بۇ يەردە ئوتۇن ئىشلىتىلىدۇ. نان يېقىش جەھەتتىكى تەلەپمۇ ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۆزۈم قايتا ئۆگىنىپ، قايتا- قايتا مەشق قىلىپ، قانچىلىك نان ياقالىسام شۇنچىلىكنى ساتتىم.     
مەمەتئېلى مەتتۇرسۇننىڭ ناۋايخانىسىدا ئادەم كۈچى كەمچىل بولغاچقا، ئۇ ياققان نان ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچۈن سېتىش يوللىرىنى ئېچىپلا قالماي، يەنە 42 كەنت ئاھالىسىنى ئۇنىڭ ناۋايخانىسىغا بېرىپ ئىشلەشكە تەشكىللىدى. مەمەتئېلى مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مېنى 80 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپلا قالماي، مەكتەپ، زاۋۇتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، سېتىش يوللىرىمنى كېڭەيتىپ بەردى. ھازىر بىز كۈنىگە 12 مىڭدىن ئارتۇق نان يېقىپ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلالايمىز.
ھازىر مەمەتئېلى مەتتۇرسۇن ناۋايخانىسى ئۈچۈن «قۇمباغ» ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇردى. ئۇ يەنە ناننىڭ تۈرىنى كۆپەيتىش ۋە تەمىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. مەمەتئېلى مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئادەم ھەر قانداق ئىشنى باشلىغاندا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇشى، تىرىشىپ كۆرەش قىلىشى كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە مەن 16 خىل ئوخشاش بولمىغان تەمدىكى ناننى يېقىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىمنى كېڭەيتىپ، كەنتتىكى 60 تىن 80 گىچە نامرات ئائىلىنى ياردەمگە چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن بىللە پۇل تېپىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى پىلانلاۋاتىمەن.  

 تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى