قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋاڭ شىنكۇەن تېخنىكا، مەبلەغ ياردىمى ئارقىلىق ئىنىسى قەيسەر نۇردۇننىڭ بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى

2018-10-12 11:22:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزا سايغان مەھەللە كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش ماھىرى ۋاڭ شىنكۇەن كەنت ئاھالىسى قەيسەر نۇردۇننى بۆدۈنە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، تېخنىكا، مەبلەغ ياردىمى ئارقىلىق ئىنىسى قەيسەر نۇردۇننىڭ بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.
9- ئاينىڭ 26- كۈنى قەيسەر نۇردۇن 300 كىلوگرام بۆدۈنە تۇخۇمىنى ئاكىسى ۋاڭ شىنكۇەن قۇرغان ئاقسۇ «ۋەنشۈن» بۆدۈنە ئالاھىدە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا سېتىپ بەردى. ئۇ ھەر كۈنى بۆدۈنە تۇخۇمىنى سېتىش ئارقىلىقلا 1 مىڭ 200 يۈەن كىرىم قىلاتتى. بۇ خىل كىرىم قىلىش ئۇسۇلىنى قەيسەر نۇردۇن ئىلگىرى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغانىدى.   
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قەيسەر نۇردۇن ئاكىسى ۋاڭ شىنكۇەن قۇرغان ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ شوپۇرى ئىدى. قەيسەر نۇردۇن خىزمەتتە ئەستايىدىل، مەسۇلىيەتچان بولغاچقا، ۋاڭ شىنكۇەننىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەن يېقىن ئاكا- ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدى. بۇ يىل قەيسەر نۇردۇن ئاكىسى ۋاڭ شىنكۇەنگە ئۇنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ ئىشلەش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ شىنكۇەن بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولدى ھەمدە ئۇنى 13 مىڭ بۆدۈنە چۈجىسى بىلەن تەمىنلىدى. ۋاڭ شىنكۇەن مۇنداق دېدى: ئىنىم قەيسەر نۇردۇن كۆپچىلىكنىڭ بۆدۈنە بېقىپ پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، مەندىن ئۆزىنىڭمۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزغا كىرىپ بۆدۈنە باقسا بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى سورىدى. مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ بەكلا خۇشال بولدۇم ھەمدە شۇ زامانلا ئۇنىڭغا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ يەنە ماڭا بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا بۇ جەھەتتە ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىغانلىقى، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ تىرىشىپ ئىشلىسىلا چوقۇم پۇل تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.   
شۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ شىنكۈەن بۆدۈنە بېقىش تېخنىكىسىنى ئىنىسى قەيسەر نۇردۇنغا ئۆگىتىشكە باشلىدى. ئىككى ئايدىن كېيىن قەيسەر نۇردۇن باققان بۆدۈنە تۇخۇم تۇغدى. ئۇ ھەر كۈنى 100 كىلوگرام بۆدۈنە تۇخۇمىنى 400 يۈەنگە ساتتى. قەيسەر نۇردۇن بۇنىڭدىن تولىمۇ ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن باققان 13 مىڭ بۆدۈنە بىر كۈندە 100 كىلوگرام تۇخۇم تۇغدى. مەن بۇ تۇخۇمنى سېتىپ بىر ئايدا 13 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم.
بۆدۈنە بېقىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرگەن قەيسەر نۇردۇندا 8- ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆز ئالدىغا ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئويى پەيدا بولدى. ئەمما، ئۇ يەنە بۇ ئويىنىڭ ئاكىسى ۋاڭ شىنكۈەننىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويۇشتىن ئەنسىرىدى. ئويلىمىغان يەردىن ۋاڭ شىنكۈەن بۇنىڭدىن رەنجىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنى 30 مىڭ بۆدۈنە چۈجىسى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر، قەيسەر نۇردۇن بۆدۈنە باقمىچىلىقىدىن كۈنىگە 1 مىڭ 200 يۈەن ساپ كىرىم قىلالايدىغان بولدى. ئۇ ئاكىسى ۋاڭ شىنكۈەننىڭ ئۇنىڭغا ئىزچىل ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋاڭ ئاكام ئۆز ئاكامغا ئوخشاش ماڭا ھەر جەھەتتىن ياردەم قولىنى سۇندى. يېنىمدا پۇلۇم قالمىغاندا ماڭا پۇل بېرىپ تۇردى. يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ۋاڭ ئاكامنىڭ ياردىمىدە ھەل قىلىۋالدىم. ھازىر بۆدۈنە باقمىچىلىقى ئارقىلىق مۇقىم كىرىم قىلالايدىغان بولدۇم، ۋاڭ ئاكامغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى