قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تېكەس ناھىيە «لى جيې» مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىگە تايىنىپ، جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

2018-10-12 11:26:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:   
ئالتۇن كۈز پەسلىدە، تېكەس ناھىيە «لى جيې» مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىگە تايىنىپ، جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
تېكەس ناھىيەسىنىڭ «لىجيې» كوچىسىدا، مۇخبىر كەڭ، ئازادە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھويلا- ئاراملارنى، ئۇچلۇق كۆك رەڭلىك ئىشىك- دېرىزىلەرنى، نەپىس ياغاچ ئويما، ئۆزگىچە بەدىئىي تام رەسىملىرىنى كۆردى ھەمدە بۇ كوچىنىڭ قويۇق مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەنزىرىسىگە پۈركەنگەنلىكىنى ھىس قىلدى. شاڭخەيلىك ساياھەتچى ۋاڭ جىڭخەن مۇنداق دېدى: لىجيې كوچىسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى زور ئىكەن. يول بويى قۇدۇق قاپقىقى، تام، يول چىراغلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياساپتۇ، كوچا ناھايىتى چىرايلىقكەن، تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىمغا بۇ يەرنى تونۇشتۇرىمەن.
«لىجيې» كوچىسى- تېكەس ناھىيەسىنىڭ تېكەس بازىرى بوستان كوچىسىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1 مىڭ 700 مېتىر كېلىدۇ. 7 كوچا ۋە كۆپلىگەن ئۆزگىچە ھويلا- ئاراملاردىن تەشكىل تاپقان. بۇ كوچىدىكى 120 ئائىلە قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قىرغىز، موڭغۇل قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بىر گەۋدىلەشكەن. مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ- ئادەت، مال سېتىۋېلىش، يېمەك- ئىچمەك، قونالغۇ، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە. كىچىكىدىن تارتىپلا «لىجيې» كوچىسىدا ئولتۇرغان خۇيزۇ يىگىت خەي ۋېننىڭ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى «لىجيې» كوچىسىغا بولغان تەسىراتى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مېۋە- چېۋە توپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتىم. «لىجيې» كوچىسىنىڭ 2- قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، ھويلامدا ياتاق تىجارىتى قىلىپ، يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. مېھمانخانامدا 15 ياتاق ئۆي بار. ئاۋات پەسىلدە ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن. كېلەر يىلى ھويلا- ئارامنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرىمەن. ھازىر مېھمانخانامنىڭ كىرىمى بىلەن تۇرمۇشۇم كۈنسېرى ياخشى بولىۋاتىدۇ.
ئۈچ يىلدا، «لىجيې» كوچىسىنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى. ئەسلىدىكى كونا «لىجيې» كوچىسى يېڭى تۈسكە كىرىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ نەزىرىدىكى جەلبكار كوچىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە، «لىجيې» كوچىسىدىكى ھەر بىر ئائىلە ئۆز ھويلىسىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىپ، مېھمانخانا، سەھرا ئارامگاھى، ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكىنى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. تېكەس ناھىيەسى «لىجيې» كوچىسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن جىچياڭ مۇنداق دېدى: لىجيې كوچىسى ناھىيەمىزنىڭ ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدىغان، «سەككىز تەرەپلىك ناھىيە» مىزنىڭ يارقىن گۈزەل ئىسىم كارتىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن كىيىن، لىجيې كوچىسى ئوبرازىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئاھالىلەرنىڭ ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى