قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۈز پەسلىدىكى چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى

2018-10-12 19:10:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋۇخەن داشۆسى جۇڭنەن دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى  بۆلۈمى دوختۇرى شياۋ جىنسۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، چۈشلۈك ئۇيقۇ بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەككەن، چۈشلۈك ئۇيقىدىن ئويغانغاندىن كېيىن يەنىلا «ئۇيقۇ يېتەرلىك ئەمەس» تەك، «داۋاملىق ئۇخلىغۇسى بار» دەك بولۇش ھالەتلىرىنىڭ ھەممىسى «ئۇيقۇ ھۇرۇنلۇقى» غا كىرىدىكەن.
شياۋ جىنسۇڭ دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيقۇ قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك خاتا ئىكەن. چۈشلۈك، كەچلىك ئۇيقۇ كۈندىلىك ئادەتلەنگەن ئۇخلاش ۋاقتى ئىچىدە تولۇقلىنىپ ماڭىدىكەن. شۇڭا خىزمەت قىلغۇچىلار جانلىق ئارام ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مېڭىنى ئارام ئالدۇرسا بولىدىكەن. مەسىلەن، ئازراق مۈگدەش، مۇزىكا ئاڭلاش، پىيادە مېڭىش قاتارلىقلار.
نېرۋا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەۋسيە قىلىشىچە، كۈز پەسلىدە ئۆي ئىچىدە ھاۋا ئۆتۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاز ئولتۇرۇپ كۆپ ھەرىكەت قىلىش، دالا پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىپ، كۆپرەك ئاپتاپ سىنىش كېرەككەن، بۇنداق بولغاندا ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىگە پايدىلىق ئىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى