قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قېرىنداشلىق مىھرى

2018-10-12 19:11:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

9- ئاينىڭ 24- كۈنى، يەنە بىر بازار كۈنى يېتىپ كەلدى، بولات مادى ئائىلىسىدىكىلەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ شويىڭپەن بازىرىدىن سودىلىق قىلىپ يانغاندىن كېيىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا تيەن خەيچېڭنىڭ ئۆيىگە ئەھۋال سوراپ باردى، بۇ ئۇلارنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيانقى ئادىتى ئىدى. 20 يىل ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى ئۇلاسىتا بۇلاق كەنت ئاھالىسى تيەن خەيچېڭ بولات بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇلار بىر- بىرىنى ئاكا، ئۇكا دەپ ئاتىشىپ كەلدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بار مەسلىھەتتە ئىش قىلىپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە زىممىسىگە ئېلىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.
بولات چارۋىچى بولۇپ، ھەر يىلى كۈزدە قويلىرىنى ئېتىزلىققا باشلاپ باقاتتى. 1998- يىلى، بولات تيەن خەيچېڭنىڭ ئېتىزىدىكى كۆممىقوناقنى تولۇق يىغىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، قويلىرىنى ئۇنىڭ ئېتىزىغا ھەيدەپ باردى. ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ، بولاتنىڭ تىككەن چېدىرى سوغۇققا دالدا بولالماي قالغاندا، تيەن خەيچېڭ ئۇنى چاقىرىپ كېلىپ ئۆيىدە تۇرغۇزدى، تيەن خەيچېڭ يەنە بولاتنىڭ مال بېقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ چارۋا مال باقىدىغان يېرىنى بولاتقا ھەقسىز بېرىپ تۇردى. بولات مۇنداق دېدى: «تيەن ئاكام ماڭا بۇنداق ياردەم قىلغان تۇرسا، مەنمۇ ياردەم قىلىشىم كېرەكتە. ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، ئائىلىمىزدىكىلەر تيەن خەيچېڭنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئۇلارنىڭ ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىمىز. قىشلىقى مال باققاندا، قار ياغسىلا، ئوت- چۆپ قالمايتتى، تيەن ئاكامغا تېلېفون قىلسام، ئۇ دەرھال ماڭا تىراكتوردا چۆپ ئەكىلىپ بېرەتتى». مەيلى كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسۇن، تيەن خەيچېڭ بىلەن بولات قىلچە ئىككىلەنمەستىن ياردەم قولىنى سۇندى، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، دائىم كۆڭلىدە بىر- بىرىنى ياد ئېتىدىغان بولۇشتى.
 بىر يىلى قىشتا، بولات تاغدا مال بېقىپ قايتىپ كېلىۋاتقاندا سوغۇق ئۆتۈپ كېتىپ، بېشى قېيىپ، كۆڭلى ئېلىشىدىغان بولۇپ قالدى. بولاتنىڭ قىزى گۈلزار بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن جىددىيلىشىپ، دەرھال تيەن دادىسىغا تېلېفون قىلدى. تيەن خەيچېڭ ناھايىتى تېزلا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كېلىپ بولاتنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى.
بولات ئائىلىسىدىكىلەر شويىڭپەن بازىرىدىن ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چارۋىچىلىق رايونىدا ئولتۇراتتى. گۈلزار بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندا ئۆيىگە قايتىش قولايسىز بولغاچقا، تيەن خەيچېڭ ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. گۈلزار ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ھەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى مەن ئۇدۇللا تيەن دادامنىڭ ئۆيىگە باراتتىم، ئۇلار ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ، كىر- قاتلىرىمنى يۇيۇپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشۈمگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرەتتى، بۇ تاكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە داۋاملاشتى».
تيەن خەيچېڭ بولاتنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، بولاتنىڭ ئۆي ئەتراپىنىڭ يانتاققا تولغانلىقىنى، تۆگە بېقىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ، بولاتقا تۆگە بېقىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش تەكلىپىنى بەردى ھەم ئۇنىڭغا پۇل يەتمىسە بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بولات تيەن خەيچېڭنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قويلىرىنى سېتىۋېتىپ، تۆگە بېقىشقا كىرىشتى. نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، بولات ئائىلىسىنىڭ تۆگىلىرى 100 دىن ئاشتى، تۆگە سۈتىدىنلا يىلىغا 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. ھازىر بولات ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، بېيىش يولىغا ماڭدى.
بولات بىلەن ئايالى نۇرگۈلزات چىنتۆمۈر تيەن خەيچېڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بەختىمىزگە يارىشا تيەن ئاكامنىڭ تەكلىپى بىلەن، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى». تيەن خەيچېڭ مۇنداق دېدى: «مەن بولات بىلەن قېرىنداش، شۇڭا ئۆزئارا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. بىز قېرىنداشلىق مېھرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى