قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈچ ياشلىق بالا يول بويىدا تۇرۇپ، خىزمەت قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسى ئاتىسىغا ھەمراھ بولدى-- بىر پارچە ئالاھىدە ئاتا- بالا سۈرىتى تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى

2018-10-12 19:21:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، بىر پارچە ئالاھىدە ئاتا- بالا سۈرىتى نۇرغۇن تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى: ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئاپتوموبىللار ئارىسىدا، بىر نەپەر خىزمەت فورمىسى كەيگەن قاتناش ساقچىسى قاتناشنى راۋانلاشتۇرىۋاتاتتى، يېقىن ئارىلىقتىكى كوچا ئېغىزىدا، سومكا ئاسقان بىر كىچىك ئوغۇل بالا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئاپتوموبىلى يېنىدا يۇۋاشلىق بىلەن جىمجىت تۇراتتى. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر بۇ بالىنى يولدىن ئادىشىپ قالغان بالىمىكىن دەپ ئويلاپ قېلىشتى، كېيىن مەلۇم بولدىكى، ئاتىسى قاتناش باشقۇرىۋاتقاچقا ئۇنى يەسلىگە ئاپىرىشقا ئۈلگۈرەلمەي، ۋاقتىنچە ئاپتوموبىل يېنىدا تۇرغۇزۇپ قويغان.
سۈرەتتىكى باش پېرسۇناژ 29 ياشلىق ۋاڭ يوڭدوڭ بولۇپ، ئۇ بايىنغۇلىن ئوبلاستى كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى خەلق يولى ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ياردەمچى ساقچى. بۇ ئىش تىلغا ئېلىنغاندا ئۇ تېلىفۇندا خىجىل بولغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ: «مەن بىر ئاتا، ھەم بىر قاتناش ساقچىسى، خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزسەم بولمايدۇ» دېدى.
ۋاڭ يوڭدوڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئوغلى چېنچېن ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرىپتۇ، 9- ئاينىڭ 17- كۈنى سەھەردە، ئايالىنىڭ بېجىرىدىغان مۇھىم خىزمىتى بولغاچقا، ئۇ ئوغلىنى يەسلىگە ئاپىرىشقا مەسئۇل بولغانىكەن. ئادەتتە ئوغلىنى يەسلىگە ئاپىرىپ- ئەكىلىشكە ئايالى مەسئۇل بولىدىكەن. شۇ كۈنى ئۇ سەھەر سائەت 8 يېرىمغا ئۈلگۈرۈپ ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن ئوغلىنى ئېلىپ ئۆيدىن چىققان، ئۇ ئالدىدا ئوغلىنى ئاپىرىپ قوياي دىسە بالىلار يەسلىنىڭ ئىشىكىنى سائەت 8 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئاچىدىكەن، ئۇ ئۆزى باشقۇرىدىغان يول بۆلىكىدە ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئوغلىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئاپتوموبىلىنىڭ يېنىدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشقا باشلىغان.
«ئوغلۇم، سەن مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇر، ھەرگىز قالايمىقان ماڭما، مەن ئىشىمنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن سېنى يەسلىگە ئاپىرىپ قويىمەن». 3 ياشلىق چېنچېن دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئاپتوموبىلىنىڭ يېنىدا يۇۋاشلىق بىلەن تۇردى.
ۋاڭ يوڭدوڭ سەھەر سائەت 8 يېرىمدىن تاكى سائەت 9 يېرىمغىچە ئىشلەپ، ئاپتوموبىل ئېقىمى مۇقىملىشىشقا باشلىغاندىلا،  ئاندىن ۋاقىت ئاجرىتىپ ئوغلىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى كوچىغا جايلاشقان يەسلىگە ئەكىرىپ قويدى.
چېن چېن جىمجىتقىنا دادىسىنى ساقلاپ تۇرغان شۇ ۋاقىتتا، يېقىن ئەتراپتىكى كورلا شەھىرى سايباغ كوچا باشقارمىسىدا ئىشلەيدىغان سارنا يالغۇز تۇرغان چېنچېننى كۆرۈپ، ئۇنى ئاتا- ئانىسى يۈتتۈرۈپ قويغان بالىمىدۇ دەپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلىدى.
ئوغلىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئورىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگەن ۋاڭ يوڭدوڭ يۈگۈرۈپ كېلىپ چۈشەندۈرۈپ «كەچۈرۈڭلار، بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، يەسلىگە ئاپىرىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم، بۇ يەردە ماڭا ياردەملىشىپ خىزمەت قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ» دېدى.
سارنانىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتوموبىللار ئارىسىدىكى دادا ئاپتوموبىللارنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن بالىسىنى ئويلاشقا چولىسى تەگمىگەن، كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرە ئۇنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرگەن. ماڭىدىغان ۋاقىتتا ئۇ بۇ دادا- بالا سۈرىتىنى تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە تارقاتقان. نۇرغۇن تورداشلار بۇ سۈرەتكە دىققەت قىلغان ۋە ماختىغان.
خىزمەتدىشى مۇساجاننىڭ قارىشىچە، ۋاڭ يوڭدوڭ تىرىشچان، خىزمەتتە ئەستايىدىل ساقچىكەن. گەرچە ئۇ 8- ئايدا خەلق يولى ئوتتۇرا ئەترىتىگە تەقسىم قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ مەزگىلدە چېنىقىش ئارقىلىق، ئۇ ناھايتى تېز ئىلگىرىلىگەن، بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسى جەھەتتىن ئۆزى يالغۇز بىر تەرەپ قىلالايدىغان، بىر قىسىم جىددى ئەھۋاللارنى ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن.
ۋاڭ يوڭدوڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ كورلىغا كەلگىلى بىر يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ شەھەرنى بارا- بارا ياقتۇرۇپ قاپتۇ. ھازىر ئايالىمۇ يېنىدا ئىكەن، ئۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كورلىدىن ئۆي سېتىۋالغاندىن كېيىن ئاتا- ئانىسىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى