قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چارۋىچىلارنى بېيىشقا يېتەكلەيدىغان گۆھەر ماكان بەرپا قىلىش

2018-10-13 21:12:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  بارىكۆل «جيەنكۇن» چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خەن جيەنپىڭ قىيىنچىلىق ئالدىدا دادىل ئىشلەپ، بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ كارخانىنى تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، يۇرتىدىكى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى. 
خەن جيەنپىڭ ئەتىگەندە ئىشقا چۈشۈپلا، كومپيۇتېر ئارقىلىق شىئەندىكى مال ساتقۇچىدىن ئەھۋال ئىگىلىدى. بۇ يىل7- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىركەت شىئەندە «يېكەن يايلاق» يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى بايراقدار دۇكىنى ئېچىپ، بارىكۆلنىڭ كالا- قوي گۆشىنى ئاساس قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئۇلاپ توشۇيدىغان سېتىش پونكىتى قۇردى. خەن چيەنپىڭ مۇنداق دېدى: بارىكۆلنىڭ كالا-قوي گۆشى يىراق- يېقىنغا داڭلىق. بىز باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق دەپ قارايمىز. يەنە بىرى، دۆلەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتتتى. كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز.
خەن جيەنپىڭ بارىكۆل ناھىيەسىنىڭ داخې بازىرىدىكى بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن ئۇ ناھىيەدىكى شور كانىغا تەقسىم قىلىندى. خەن جيەنپىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەشتەك غەيرىتى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن تېخنىك ئىشچىدىن قەدەممۇ- قەدەم رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىپ، كان باشلىقى بولدى ھەمدە شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدى.2003- يىلدىن باشلاپ، بارىكۆل ناھىيەسى خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى كونترول قىلىپ تەرتىپكە سالغانلىقتىن، شور مەھسۇلات مىقدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى، 100 دىن ئارتۇق ئىشچى- خىزمەتچى ئىشسىز قالدى. خەن جيەنپىڭ قىيىنچىلىق ئالدىدا كاندىكى كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ، تىپ ئۆزگەرتىش يولىغا ماڭدى. خەن جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: بارىكۆل ناھىيەسىنىڭ ئەسلىدىكى ساياھەتچىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ، ناھىيە بويىچە بىردىنبىر تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، 100 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق.
خەن جيەنپىڭ تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ بارلىق قەرزلىرىنى قايتۇرۇپلا قالماي، يەنە بەلگىلىك مەبلەغ جۇغلانمىسىغا ئىگە بولدى. خەن جيەنپىڭ شۇ جاينىڭ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، كۆپچىلىكنى باشلاپ چارۋىلارنى كۆپەيتىش، باقمىچىلىق، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋى باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، «يېكەن يايلاق» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى. نامرات ئائىلىلەرنىڭ چارۋىلىرىنى ۋاكالىتەن بېقىش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە ئاساسەن، شىركەت ناھىيە بويىچە 1 مىڭ 935 نامرات ئائىلە بىلەن بەش يىللىق بېقىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھەر يىلى بىر قېتىم پايدا تەقسىم قىلىپ بەردى. بۇ بىر تۈردىلا چارۋىلىرىنى ۋاكالىتەن بېقىشقا بەرگەن ئائىلىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 1 مىڭ 200 يۈەن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە شۇ جايدىكى 500 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە چارۋىچىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئەمەلگە ئاشتى. شىركەتنىڭ سۈپەت تەكشۈرگۈچىسى گۈلزات باقىت مۇنداق دېدى: مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا «جيەنكۈن» چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كەلدىم. ئايدا 3 مىڭ 200 يۈەن ئالىمەن. شىركەتنىڭ ماڭا بۇ خىزمەتنى بەرگەنلىكىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
خەن چيەنپىڭ پارتىيەگە كىرگەن 21 يىلدىن بۇيان، پارتىيەگە، يۇرتداشلارغا بولغان سەمىمىي ساداقىتى بىلەن، كومپارتىيە ئەزالىرى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى تىرىشىپ ئادا قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى. مەسئۇلىيىتىمنى قەتئىي ئادا قىلىشىم كېرەك ھەمدە شۇنداق قىلىمەن.
تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى