قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

<دالا> شىنجاڭ پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى شىڭ رۈينىڭ ئەلئارا كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك يۇرت- ماكاننى قوغدىغانلىقىدەك ھىكايىسى

2018-10-13 21:35:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
«دالا» شىنجاڭ پىدائىيلار ئەترىتى، «دالا» تەبىئەتنى قوغداش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى شىڭ رۈي ئون نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىگە كۈچ چىقاردى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئېكولوگىيەنى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتناشتى.
شىڭ رۈينى ئانچە كۆپ ئادەم تونۇماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، ئۇنىڭ توردىكى ئىسمى «شى رۈي»نى شىنجاڭنىڭ دالا ھەركىتى چەمبىرىكىدە بىلمەيدىغانلار يوق دىيەرلىك. شىڭ رۈي شىنجاڭدىكى ئەلئارا ئېكولوگىيەنى قوغداش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا يىلپىز، ئاق باش ئۆردەك، بۈركۈت قاتارلىق نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ھايۋانلار كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى.
شىڭ رۈي 1996- يىلى شىئەندىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىزمەت قىلدى. 2000- يىلى ئۇ دوستىنىڭ تەكلىپى بىلەن دالا ھەركىتىگە قاتنىشىشقا شۇنداقللا ئەتراپىدىكى دۇنياغا باشقىدىن دېققەت قىلىشقا باشلىدى. شىڭ رۈي مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىمدا كېپىنەككە ھەۋەس قىلىدىغان 3 نەپەر گېرمانىيەلىك دوست بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇلار پوچتالىيون بولۇپ، ئۇلاردىن نۇرغۇن يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. مەن بارغان نۇرغۇن جايلارنىڭ ئەڭ گۈزەل يېرىنىڭ مەنزىرە بولماستىن بەلكى كىشىلەر دېققەت قىلمايدىغان ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم.
شىڭ رۈي 800 خىلدىن ئارتۇق قۇش تۈرىنى سۈرەتكە تارتىپ، ھەۋەسكارلارنىڭ دالىنى قايتا تونۇشى، چۆللۈكنى قوغدىشىغا ئىشلەتتى. 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىڭ رۈي ئۆزىنىڭ پۇلى ۋە پىدائىيلار ئىئانە قىلغان پۇلغا بىر تۈركۈم ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ئاپپارات سېتىۋالدى. ئۇلار تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، بۇ ئاپپاراتلارنى ئۈرۈمچىدىكى نەنسەننىڭ ئىچكىرىسىگە ئورۇنلاشتۇردى. ئىككىنچى يىلى 1- ئايدا، بۇ بىر تۈركۈم ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئاپپاراتلار ئارقىلىق يىلپىزنىڭ بۇ رايوندا ھەركەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بايقالدى. بۇ-- 50 يىلدىن بۇيان، يىلپىزنىڭ ئۈرۈمچى ئەتراپىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى ھىسابلىنىدۇ.
شىڭ رۈي ياۋايى ھايۋانلارغا ئالاقىدار كەسپىي بىلىملەر ۋە دالا ئەمەلىيىتى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، دالا ھەركىتى ھەۋەسكارلارنى باشلاپ، «دالا» شىنجاڭ ئېكولوگىيە تورىنى بەرپا قىلدى ھەمدە مۇشۇ ئاساستا «دالا» شىنجاڭ پىدائىيلار ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا «دالا» تەبىئەتنى قوغداش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنى تىزىمغا ئالدۇردى. شىڭ رۈي مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ۋەزىپىمىز-- ئەڭ گۈزەل شىنجاڭنى قوغداپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت. بىز ھازىر 3 تۈرلۈك خىزمەتنى ئىشلەۋاتىمىز: بىرىنچىسى، توردىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتىن دالىنى قوغداش بىرلەشمە ھەركەت سۇپىسىغا يۈزلىنىپ، كۆپچىلىكنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. ئىككىنچىسى، قۇشلارنى قوغداش تۈرىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. ئۈچىنچىسى، يىلپىز قوغداشتىن ئىبارەت.
نۆۋەتتە، «دالا» تەبىئەتنى قوغداش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ 5 مىڭغا يېقىن ئەزاسى بار بولۇپ، خەلق ئارىسىدا تەبىئىي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساھەسىدە ناھايىتى زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولدى. شىڭ رۈي ۋە ئۇنىڭ خىزمەت ئەترىتى تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، تىيانشاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە شىنجاڭ يىلپىزىنى تەكشۈرۈش ۋە قوغداش تۈرىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولدى. شىڭ رۈي مۇنداق دېدى: مەن 20 يىلغا يېقىن دالىدا يۈردۈم، مەن ئۆزۈممۇ پىدائىي، تەبىئەتنى قوغداش ئىشلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوغداش ئېڭى شەكىللەندى. مېنىڭچە، كوللېكتىپىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىممىتى بار. مېنىڭ بەخت تۇيغۇممۇ دەل مۇشۇنىڭدىن كەلگەن.
 تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى