قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى دېھقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

2018-10-13 21:44:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:   
توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسى جاي كەنتىنىڭ «جۇڭگو شىنجاڭ ئەلئارا چالغۇ ياساش بىرىنچى كەنتى» دېگەن چىرايلىق نامى بار. ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جاي كەنتى چالغۇ ياساش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
مۇخبىر جاي كەنتىدە، ئىككى كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ئاساسىي كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا سېغىز بىلەن ساماننى ئارىلاشتۇرۇپ سۇۋاپ ياسالغان ھويلا ۋە ئۆيلەرنىڭ قاتار- قاتار رەتلىك سېلىنغانلىقىنى كۆردى. چالغۇلارنىڭ ئاۋازى يىراقتىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مۇزىكا ئاۋازى كەنتتىكى چالغۇ ئەسۋاب ياسىغۇچى روزى باۋۇدۇننىڭ ئۆيىدىن چىقىۋاتقان بولۇپ، ساياھەتچىلەر ساز چېلىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. ساياھەتچى گۈلزار پەرھات مۇنداق دېدى: چالغۇلارنى ياساش جەريانىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. يېقىملىق مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كېتىپتىمەن.
روزى باۋۇدۇننىڭ چالغۇ ياساۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى. ئۇ دۇتار، راۋاب، ساتار، تەمبۇر قاتارلىق چالغۇلارنى ياسىيالايدۇ. ئۇ ياسىغان چالغۇلارنىڭ ئاھاڭى ساز، باھاسى مۇۋاپىق بولغاچقا، خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر كورلىدىن زاكاز قىلىنغان 30 چالغۇنى ياساۋاتىمەن. شاگىرتىم بىلەن بىر ئايدا 20 دىن 30 غىچە چالغۇ ياسىيالايمەن. يىللىق ساپ كىرىمىم 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.
جاي كەنتىدە روزى باۋۇدۇنغا ئوخشاش چالغۇ ياساش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان كەنت ئاھالىلىرى ئاز ئەمەس. سىز خالىغان بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرسىڭىز، ھويلىغا نۇرغۇن تەييار ياكى يېرىم تەييار بولغان چالغۇلارنىڭ تىزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرىسىز. 19 ياشلىق ئېزىز ياسىننىڭ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى چالغۇ ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش ئىدى. 2016- يىلى ئۇ روزى باۋۇدۇننىڭ ياردىمىدە چالغۇ ياساشنى ئۆگەندى. ھازىر ھەر ئايدا خېلى ياخشى كىرىم قىلىۋاتىدۇ. ئېزىز ياسىن مۇنداق دېدى: ئۇستامغا ئەگىشىپ، چالغۇ ياساش تېخنىكسىنى ئۆگىنىۋاتقىنىمغا ئۈچ يىل بولدى. بۇ جەرياندا ھەر خىل چالغۇلارنى ياساشنى ئۆگەندىم، ئايلىق مائاشىم 3 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تېخنىكىنى پىششىق ئىگىلەپ، چالغۇلارنى ياخشى ياساپ، تېخىمۇ كۆپ جايلارغا ساتىمەن.
چالغۇلارنىڭ بازىرىنىڭ ئىتتىك بولۇشىغا ئەگىشىپ، جاي كەنتىنىڭ نامى يېراق- يېقىنغا تۇنۇلدى. توقسۇ ناھىيەسى جاي كەنتىنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، جاي مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى ۋە كۈسەن مەدەنىيەت كۆرگەزمە مەركىزى، شۇنداقلا كوچا بويىدىكى چالغۇ ياسايدىغان ئائىلىلەرنى بېزەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى. جاي كەنتىنى ئەلئارا قول ھۈنەر چالغۇلىرىنى ياساش، كۈسەن مەدەنىيىتى ۋە ناخشا- ئۇسسۇل، سەنئەت، ئارام ئېلىش، سەھرا مەنزىرىسى بىر گەۋدە قىلىنغان، قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىق بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى يېزا ۋە ئۆزگىچە ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. ھازىرغا قەدەر، مەنزىرە رايونىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، ساياھەت كىرىمى 1 مىليون يۈەندىن ئاشتى. توقسۇ ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يى چيۇڭ مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش، مەنزىرە رايونى بىلەن تاۋار تىجارىتى، مەنزىرە رايونى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنى چالغۇ ياساش، سېتىشنى چۆرىدەپ، ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەك، ساياھەت مۇلازىمىتى قاتارلىق 3- كەسىپنى قانات يايدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەشكە، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدۇق. ھازىر، جاي كەنتىدىكى 106 ئائىلە، 300 دىن ئارتۇق ئاھالە چالغۇ ياساش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. جاي كەنتىدە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭدىن ئارتۇق چالغۇ سېتىلىدۇ. ھەر بىر ئائىلىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 2 مىڭ يۈەندىن 3 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، ئۆزگىچە چالغۇ ياساش-- جاي كەنتى ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.
تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى