قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇققىنىمدىن ياردىمىمنى ئايىمايمەن

2018-10-13 22:06:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، سانجى شەھىرىنىڭ سەنگۇڭ بازىرى مياۋگۇڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان توختى «مېھىر- مۇھەببەتلىك ياردەم، مېھىر- مۇھەببەتنىڭ باھاسى يوق» دەپ يېزىلغان لەۋھەنى سانجى شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇققان بولغان كادىر لى مېي ۋە سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

بۇلتۇرنىڭ بېشىدا سانجى شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى لى مېي بىلەن سانجى شەھىرىنىڭ سەنگوڭ بازىرى مياۋگۇڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان توختى بىر ئائىلە كىشىلىرى قوشماقلىشىپ تۇققان بولدى. توختى ئائىلىسىدىكى ئۈچ جاننىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ۋاقىتلىق خىزمىتىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، ئايالى رىزۋانگۈلنىڭ يۈرەك كېسىلى بولۇپ، سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن، توختىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بىر قەدەر ئېغىر ئىدى.

بۇ يىل 5- ئاينىڭ 3- كۈنى كەچتە رىزۋانگۈلنىڭ كۆكرەك قىسمى تۇيۇقسىز ئاغرىشقا باشلىدى. ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپ باققاچقا، توختى ئايالىنى ئازراق ۋاقىت ئۆتسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما، شۇ كۈنى كەچتە تۇققىنىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغان لى مېي بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەرھال رىزۋانگۈلنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتى. لى مېي مۇنداق دېدى: ئېسىمدە قېلىشىچە شۇ كۈنى كەچتە رىزۋانگۈلنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغاندا سائەت 11 دىن ئاشقان بولۇپ، سىرتتا يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك يېغىۋاتاتتى. مەن رىزۋانگۈلنىڭ ئاغرىپ ياتقان ھالىتىنى كۆرۈپ دەرھال توختى بىلەن بىللە رىزۋانگۈلنى ئاپتوموبىلغا ئېلىپ چىقىپ دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدۇق.

سانجى شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلگەندە، لى مېي رىزۋانگۈلنى يۆلەپ ئۇنى رېنتىگىنغا ئالدۇرۇش ۋە يۈرىكىنى تەكشۈرۈتۈش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. ئاخىرىدا، دوختۇر رىزۋانگۈلنىڭ كېسىلىگە دىياگنوز قويۇپ، ئۇنى شىنجاڭ تببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى. دوختۇرخانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لى مېي يېنىدىن 2 مىڭ يۈەننى چىقىرىپ توختىغا بەردى ھەمدە ئىدارىگە دوكلات قىلىپ، خىزمەتداشلىرىنى ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. بىر ئاي تىرىشىش ئارقىلىق، 6- ئاينىڭ بېشىدا لى مېي تۇققىنى توختىغا 80 مىڭ يۈەنلىك ئوپېراتسىيە ھەققى يىغىپ بەردى. 6- ئاينىڭ 29- كۈنى رىزۋانگۈل شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىدا ئوڭۇشلۇق ئوپىراتسىيە قىلىندى. توختى مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، تۇققىنىم لى مېينىڭ بىزگە ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇنىڭ ياردىمىدە ئايالىمنىڭ ئوپېراتسىيەسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى.

بۇ يىل جيۇڭچۇ بايرىمىدا، لى مېي سوۋغات ئېلىپ توختىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، جيۇڭچۇ بايرىمىنى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدى. رېزۋانگۈلنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن لى مېي توختىغا ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى ئۇقۇشۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. لى مېي مۇنداق دېدى: قوشماقلىشىپ تۇققان بولغانكەنمىز ھەقىقىي بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىشىمىز كېرەك. ئۇلار قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر مەن ئۇلاردىن ياردىمىمنى ئايىمايمەن. ھازىر توختى بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى، ئۇلارمۇ مېنى ئۆز ھەدىسىدەك كۆرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى